[WordPress تېخنىكىسى] قىستۇرمىدىن خالىي چىراي ئىپادىسى ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش

image

يېقىندا بلوگىمدا ئىشلىتىپ يۈرگەن قىستۇرمىلارنى كۈزەتكەچ،ئۆزۈمنىڭ قىستۇرمىلار دىڭىزىغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم.ئەلۋەتتە،بۇ قىستۇرمىلار بلوگنىڭ ھەرخىل ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى،تۇيۇقسىز بەزى ئىقتىدارلارنىڭ قىستۇرمىسىزمۇ ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئىزدىنىپ كۈرۈۋىدىم،بىر قىسىم تەجرىبىلەرگە ئېرىشتىم.بۇ تەجرىبىلەردىن بىرى قىستۇرمىدىن خالىي چىراي ئىپادىسى ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش ئىدى.

تېخنىكىلىق جەريان

ئاۋۋال،سىز ئىشلىتىپ يۈرگەن چىراي ئىپادىسىنى قوزغۇتۇش قىستۇرمىسى(مەسىلەن:Custom Smilies قىستۇرمىسى )نى ئاكتىپسىزلاڭ.ئاندىن تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبنىڭ ئىنكاس ھۆججىتى(يەنى comments.php)دىكى مۇۋاپىق جايغا قويسىڭىزلا بولىدۇ.كود:

<!–smilies–>
<?php
function wp_smilies() {
global $wpsmiliestrans;
if ( !get_option(‘use_smilies’) or (empty($wpsmiliestrans))) return;
$smilies = array_unique($wpsmiliestrans);
$link=“;
foreach ($smilies as $key => $smile) {
$file = get_bloginfo(‘wpurl’).’/wp-includes/images/smilies/’.$smile;
$value = “ ”.$key.“ ”;
$img = ”<img src=“{$file}“ alt=“{$smile}“ />“;
$imglink = htmlspecialchars($img);
$link .= ”<a href=“#commentform“ title=“{$smile}“ onclick=“document.getElementById(‘comment’).value += ‘{$value}’“>{$img}</a> “;
}
echo ‘<div class=“wp_smilies“>’.$link.’</div>’;
}
?>
<?php wp_smilies();?>
<!–smilies–>

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاس ( 1 )
  1. admin
    05/27/2012 at 09:10
    جاۋاب

    يەنە بىر ياخشى بىلىم+بىلىم رەھمەت…… :smile:

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي