[يۈك قورالى]نۆۋەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك BT چۈشۈرۈش قورالى-µTorrent

uTorrentفىلىم بېكەتلىرىدىن BTلىق فىلىم چۈشۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا،迅雷نىڭ سۈرئىتىدىن ناھايىتى رازى بولمايتىم.نىمىلا دىمىگەن بىلەن بۇ جەھەتتە بۇ قارىمنىڭ سەل كەمچىكلىرى بار ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ تورىدىكى بۇ سۈرئەت كىشىنى ناھايىتى بىزار قىلاتتى.كىيىن،بۈگۈنكى يازمىمىزدا تونۇشتۇرماقچى بولغان يۇمتال-µTorrent نى قاچىلاپ ئىشلەتكەندىن كىيىن،بۇ كىچىك ئەمما ناھايىتى كۈچلۈك بولغان يۈك قورالىغا كۆيۈپ قالدىم،شۇڭلاڭقا،بۇ نەرسىدىن باشقا ئاتامانلىرىمىزنىمۇ پايدىلانسۇن دەپ تۇرايىمىزدا جاكارنامە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن…

µTorrent ھەققىدە

µTorrent بولسا مەخسۇس BT چۈشۈرۈش ئابونت تەپ(客户端) پروگرامىسى بولۇپ،تاشقى توردىنلا ئەمەس،ئىچكى تورلاردىن چۈشۈرۈش سۈرئىتىگە گەپ كەتمەيدۇ.نۆۋەتتە،uTorrentنىڭ ئەڭ ياخشى نەشىرلىرى 2.X بولۇپ،تۇرايىمىز كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىدۇ.

باشقا Torrent ئابونت تەپلەرگە ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى،µTorrent سېستىمىنىڭ بايلىقىنى ئۇنچىۋالا خورىتىپ كەتمەيدىغان بولۇپ،ئادەتتە پەقەت 6MB ئەتراپىدىكى ئىچكى سىغىمنى ئىگەللەيدۇ،شۇڭلاشقا،نورمال ئەھۋالدا سىز بۇ يۇمتالنىڭ ئىجرا بولىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ كېتىسىز.ئۇنىڭدىن باشقا،بۇ پروگراممىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەجىمىمۇ ئاران 220 KBلا خالاس.

uTorrent

بۇ يۇمتالنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى،سىز ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن خاسلىقىنى-يەنى كۆرۈنۈش تىلى،ئۇسلۇب(تېرە،皮肤)قاتارلىقلارنى تاللاپ،تەڭشەپ كىتەلەيسىز.µTorrent يەنە تىل بولىقىنى يەرلىكلەشتۈرۈشنى قوللايدىغان بولۇپ،ئىچىدىكى تىل بولىقى ھۆججىتىدىن پايدىلىنىپ،ئىشلىتىۋاتقان سېستىمىڭىزنىڭ تىلىنى يۇمتالنىڭ كۆرۈنۈش تىلىغا كىرگۈزەلەيسىز.ناۋادا،تىل بولىقى تىزىملىكىدە،سىز لازىم بولغان تىل ھۆججىتى بولمىسا،سىز باشقا تىللارنى بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ،تەھرىرلەپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ(ئەمما،ھازىرچە ئۇيغۇر تىلى تىل بولىقى تەييارلانماپتۇ).ئۇنىڭدىن باشقا،بىزگە يەنە نۇرغۇن كىچىك قىستۇرمىلارنى تەمىنلىگەن بولۇپ،بۇ قىستۇرمىلار ئارقىلىق يۇمتالنى تېخىمۇ ئىقتىدارلىق ۋە كۆركەم قىلغىلى بولىدۇ.

uTorrent2

uTorrent3

µTorrent چۈشۈرۈش

uTorrent ئورگان بېتى:http://www.utorrent.com/

uTorrent نەشىرى:2.2.23774 Stable

ھۆججەت نامى:µTorrent ھۆججەت سىغىمى:  320KB
MDB تەستىقى:نامەلۇم ۋىروسخورنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن!
يۈك مەنزىلى:بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ [چاقماق(迅雷)نى ئىشلىتىپ چۈشۈرۈڭ]

◎تۇرايىمىزدىكى يۇمتاللارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىلغان،سودا خاراكتىرىدە پايدىلىنىش مەنئىي قىلىنىدۇ. ◎نەشىر ھوقۇقۇمغا دەغلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز،شۇ ھامان ئىنكاس قىلىڭ،24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرىمىز.

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي