ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،WordPress دۇنياسى…

Pjblog4نىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەپ ھەركۈنى Pjblogنىڭ باشبېتىنى چۆرگىلەيتىم،ئۇ يەردە ھەركۈنى دىگۈدەك Pjblog4نىڭ جىدىلى بۇلاتتى،بەزىلىرى ئاچقۇچى تەرەپتىن ھىچ بولمىسا Pjblog4نىڭ ئېچىلىش چېكىنى بولسىمۇ ئېيتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلسا،بەزىلىرى ھىچ بولمىسا ئالدى-كەينى سۇپىسىدىن ئازراق بولسىمۇ قىيما سۆرەت بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلاتتى،بەزىلىرى ھەتتا يولسىزلارچە بىرنەچچە كۈن ئىچىدە بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرمىسە،ئۆزلىرىنىڭ Pjblogنى تاشلاپWordpressكە كۆچىدىغانلىقىنى ئېيتىشىپ،تەھتىت سالاتتى…
ئۇ يەر-يېقىندىن بىرى بەكلا چۆلدەرەپ قالدى،مېنىڭمۇ Pjblog4نىڭ چىقىشىنى ساقلاپ ئولتۇرماي يەنە باشقىچە بىر سېستىمىنى سىناپ بېقىش ئويۇم كەپقالدى،ئۇنىڭ ئالدىدا Blogbusدىن،Z-blog,mblogلارغىچە چۆرگىلەپ،كوچىلاپ بېقىپتىمەن،كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسامغۇ،Pjblog ھەقىقەتەن ئېسىل،قولايلىق ئىكەن،ئەمما،ئۇ يەنىلا ‹‹جۇڭگۇ››چە ئىدى، ئەنئەنىۋىلىكى كۈچلۈك ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سېستىمىنى ئېچىۋاتقانلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولغاچقا يېڭىلىشچانلىقى بەك ئاستا ئىدى،،بۇ كەمچىلىكلەر ئاجايىپ ئۈنۈم بىلەن تەسەۋۋۇرغا ماسلاشتۇرۇپ تېخنىكا ئۆگۈنۈشنى ئىزدەيدىغان مەندەك تور ھەۋەسكارىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ بولالمىدى،شۇنداق قىلىپ،يېقىندا WordPressنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم…
بىرنەچچە كۈنلۈك يازما رەتلەش مەزگىلىدە،بلوگ يىزىشدىكى مەقسىدىم شۇنداقلا كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە ئۇزاق ئويلاندىم،بۇ ئويلىنىش ئىچىدە بلوگىمدا ئەسلى ياخشى دەپ باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن يازمىلارنىڭ ھەممىسىنى شۇنداقلا،ئەھمىيىتى ۋە پايدىسى يوق دەپ قارالغان بىر قىسىم يازمىلىرىمنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدىم،بلوگ ئۇسلۇبلىرىنى بىرئاز رەتلەي دەپ نۆۋەتتىكى يېڭى تۇرايىمنىڭ مەزمۇنىغا قوشمۇدۇم،ئۇنىڭ ئۈستىگە تەتىل مەزگىلى بولۇپ قالغاچ تورغا چىقىدىغان ۋاقتىم ئېنىقلا يىتەرلىك ئىدى،شۇڭا…مەزمۇن يېڭىلىنىشى ھەمدە سەل ئاستىلايدىغان بولدى.ھىچقىسى يوق،نىشان ئېنىق،ئېنىق نىشاندا مەنزىلىمگە ھامان يېتۇرمەن.
ئويلىماپتىكەنمەن،Wordpress ھەقىقەتەن بىر كانكەن،سەرخىل قىستۇرمىلار،كۆركەم ئۇسلۇبلار…مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى،مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتالماي WordPress غا سالام ئېيتىپ،ئۇنىڭ دۇنياسىغا قەدەم ئالدىم،ئىھ،بۇ قەدەملىرىم قۇتلۇق بولغىيدى!

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 8 )
  1. زىرەك ئۇيغۇر
    07/13/2010 at 11:10
    جاۋاب

    مىنىڭمۇ كۆچكۈم كىلىپ كىتىپ بارىدۇ :lol:

    • ئۇيغۇربەگ
      07/14/2010 at 04:42

      كۆچۈپ كېلىڭ بولمىسا،بىرگە ئۆگىنىمىز!….

  2. دولقۇن731
    07/14/2010 at 06:55
    جاۋاب

    مۇبارەك بولسۇن ! بۇبەت بەك ئايدىيمۇ قانداق ؟؟؟ ئازىراق بىزەيلى بولسا

    • ئۇيغۇربەگ
      07/21/2010 at 22:57

      ھازىرچە مۇشۇ ئۇسلۇبنى ئىشلىتىپ كۆرەي،يازمىلىرىمغا بەكەرەك كۈچەيمىكىن دەيمەن…

  3. زىرەك ئۇيغۇر
    07/14/2010 at 08:06
    جاۋاب

    شۇ بوشلۇق يوق ھەمدە بۇ سىستىمىنى ئىشلىتىپ باقمىغان قانداق بۇلا

    • ئۇيغۇربەگ
      07/21/2010 at 22:58

      ئەمىسە مەن كىيىنچە،ھەقسىز بوشلۇق ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي،ئاندىن سىز ئۇ بوشلۇقنى ۋاقتىنچە ئىشلىتىپ تورۇپ تەجرىبە توپلارسىز…

  4. سەھرا
    07/20/2010 at 22:08
    جاۋاب

    ماۋۇ مائۇسنى تۇتسىلا لاپىلدايدىغان ئۈنۈم كۆزگە بەك تەسىر قىلىدىكەن، خاپا بولماي http://www.torhumar.com نى بىر كۆرۈپ باقامسىز؟ بۇ بىكەتمۇ يارىدى، لىكىن دۇخاۋا رەخىتتەك نەرىنى تۇتسا پىلدىرلاپ كىتىدىكەن…..

    • ئۇيغۇربەگ
      07/21/2010 at 23:04

      قايسى تور كۆرگۈچنى ئىشلەتكەن ئىدىڭىز؟

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي