[ۋىروسخور]يېڭى كومپىيۇتېر ئالغانلارغا تەۋسىيە:تۆت ھەقسىز،كۈچلۈك ۋىروسخور

6.jpg_100102185655_conew1

يېڭى يىل كەلدى،يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلاندى،مۇئاش تارقاتتى،تەتىلدە ئىشلەپ پۇل تاپتى،ئەمدە يېڭى كومپىيۇتېر ئالىدىغانغا باھانە تېپىلدى.كومپىيۇتېرنىغۇ ئالدۇق،ئەمما ياخشىراق بولغان ۋىروسخور تاپمىساق بولمايدۇ-دە،يېڭى ئالغان نەرسىنى قوغداپ تۇرىدىغان.ئاۋۇ پۇللۇق ۋىروسخورلارنى ئالاي دىسەك يانچۇق قۇرۇق تۇرغان،قانداق قىلىمىز؟ مەندىن سورايسىزغۇ،ماۋۇ يازمىنى بىكارغا يازمىدىن مەن،كىرىپ ئوقۇمامسىز ؟

avast!

چىخfree-anti-virus-avastدىن كەلگەن بۇ ۋىروسخور نۆۋەتتە 20 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان بۇ پىشقەدەم ۋىروسخورنىڭ چەتئەلدىكى بازار ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەلمەكتە.AVASTنىڭ نازارەت قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ،تور ئوتتام بىخەتەرلىك رايونى،توربەت بىخەتەرلىك رايونى،ئالاقە قورالى بىخەتەرلىك رايونى،ئېلخەت بىخەتەرلىك رايونى،P2P يۇمتاللىرى بىخەتەرلىك رايونى قاتارلىق بولۇپ،توققۇز قاتلاملىق بىخەتەرلىك قوغداش رايونى بار بولغان مەزكۇر ۋىروسخور سېستىمىڭىزنى قەلئەنى قوغداۋاتقان جەڭچىلەردەك قوغداپ بىرىدۇ،شۇنداقلا لۈكچەك دىتال،ئەخلەت ئۇچۇرلارغا بولغان قارشىلىقىڭىزنى بىر قەدەم يۇقىرى كۆتۈرىدۇ،بۇ ۋىروسخورنىڭ نەشىرىنى يېڭىلىماق ھەم ئوڭاي.

Avast چىختىكى بىر يۇمتال شىركىتى(ALWIL Software)نىڭ مەھسۇلاتى.ALWIL شىركىتى چىخنىڭ ئاستانىسىگە جايلاشقان بولۇپ،دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك يۇمشاق دىتال ئورگانلىرى بىلەن ئاجايىب ياخشى ھەمكارلىقى بار.ئەينى چاغ،80 يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا،ALWIL  شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىك يۇمتاللىرى ئەينى چاغدىكى بازارنىڭ خېلىلا بىر قىسمىنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ،ئەمما چىخ چىگراسى ئىچىدىلا چەكلىنىپ قالغان.ALMIL شىركىتى-نۆۋەتتە بىخەتەرلىك يۇمتاللىرى ئىشلەپ چىقىرىش جەھەتتە ئاجايىب تەجرىبە ۋە نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولۇپ،نۇرغۇنلىغان مۇكاپات ۋە ماختاشلارغا سازاۋەر بولماقتا.

avast! ھەقسىز نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش مەنزىلى:

http://www.avast.com/zh-cn/free-antivirus-download

Avira AntiVir(قىزىل كۈنلۈك)

free-anti-virus-avira_antivir1     Avira AntiVir(قىزىل كۈنلۈك) بولسا گېرمانىيە Avira شىركىتىنىڭ پەخىرلىك ۋىروسخورى بولۇپ،2010-يىلى 5-يانۋاردا،جۇڭگو بازىرىغا ئۇشتۇمتۇت كىرىپ كەلگەن بۇ بۇ كاتتا ۋىروسخورنىڭ بازار تالىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەقسىز نەشىرى ئېلان قىلىندى.ئۇنىڭدىن بۇرۇن،بۇ كاساپەت ئىزچىل ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىپ كەلگەن.گەرچە،سىرىتقى كۆرۈنۈش جەھەتتە ئويلىغاندەك كۆركەم بولمىسىمۇ،ئەمما،كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى “ئەرزان مالنىڭ شورپىسى يوق،بىكار ۋىروسخورنىڭ گۇمپىسى(ئۇيغۇربەگ خەلق ماقاللىرى)”دىگەن بىمەنە قاراشنى ئۆزگەرتكەن بۇ ۋىروسخورنىڭ سېستىمىنى سىكاننىرلاش،ھەرۋاقىت قوغداش،ئۆزلۈكىدىن يېڭىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارلىرى ھەقلىق ئوخشاش تۈردىكى ۋىروسخورلاردىن قېلىشمايدىغان بولۇپ،بەزى جەھەتلەردە ھەتتا شۇلاردىنمۇ ئېشىپ چۈشكەن،شۇنداقلا نۆۋەتتە 70 مىليوندىن ئارتۇق ئابونتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كەلمەكتە.

سەمىمىي ئەسكەرتىش:بۇ ۋىروسخور ئۆچۈرۈش تىز شەكلى(卸载快捷方式)نى بەرمەيدىغان بولۇپ،كونترول مەركىزىدىكى يۇمتال باشقۇرۇش قورالى ياكى 360يۇمتال غوجىدارىدىن پايدىلىنىپ ئۆچۈرۈشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.

Avira AntiVir(قىزىل كۈنلۈك) ھەقسىز نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش مەنزىلى:

 http://www.free-av.com/zh-cn/download/index.html

كېنىيۇ(可牛) ۋىروسخورى

free-anti-virus_keniuئالدىنقى مەزگىلدىكى << 360 & QQ جېڭى>>دە،توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ بازار تاپقان(بۇ گەپ خەنزۇچە بېكەتلەردىن نەقىل ئېلىندى)جۇڭگولۇق  كېنىيۇ ۋىروسخورى ئالتۇن تاغ(金山)ۋىروسخورى بىلەن ھەمكارلاشقان،كۆرۈنۈشى سىپتا،ئىقتىدارلىرى كۆپ بولغان ۋىروسخور بولۇپ،بۇ ۋىروسخورغا كاباسكىي(卡巴斯基)ۋىروسخورىنىڭ ماتورى(KAV8.0)بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك بۇلۇت ماتورى ئوكيان ۋىروس ئامبىرى سەپلەنگەن بولۇپ،ۋىروس تازىلاش،ھەرۋاق

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاس ( 1 )
  1. بۆرە
    03/08/2012 at 08:58
    جاۋاب

    دىۋان ماڭا قالغان ئوخشىمامدۇ.

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي