wp-php-widget قىستۇرمىسى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش

wp-php-widget_conew1

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك،Wordpressنىڭ ۋىجېت(widget)رايونى گەرچە HTML قوللىسىمۇ،ئەمما PHP قوللىمايدىغان بولۇپ،يان بۆلەككە مەلۇم ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كەتكەن PHP كودىنى ئامال يوق،يان بۆلەك ھۆججىتى بولمىش sidebar.php ئارقىلىق تەھرىرلەشكە توغرا كېلىدۇ.بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان قىستۇرما دەلWordpressنىڭ ۋىجېت(widget)رايونىنى PHP تونۇتۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.


قىستۇرما ھەققىدە


wp-php-widget قىستۇرمىسى-Wordpressنىڭ ۋىجېت(widget)رايونىنى PHP تونۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەپچىل قىستۇرما بولۇپ،قىستۇرمىنى قاچىلاپ،قوزغاتقاندىن كېيىن، ئالاقىدار PHP كودىنى ئارقا سۇپىدىن كېرىپلا،مەلۇم بىر ۋىجېتكە قوشۇپ قويساقلا بولىدۇ،بۇ ئارقىلىق بىز ئۇسلۇب ھۆججىتى بولغان يان بۆلەك ھۆججىتى sidebar.phpنى ئۆزگەرتىش مەشخۇلاتى ۋە بىخەستەلىكدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر قىسىم ئاۋارىچىلىقلاردىن خالىي بولىمىز.بۇ قىستۇرما PHP تىلىغا پىششىق ئەمەس ۋە ياكى WordPressگە ئەمدى كۆنگەن ھەۋەسكار دوستلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

قىستۇرمىنى قاچىلاش ۋە قوزغىتىش

1.ئارقا سۇپىدىن ئىزدەپ تېپىپ ياكى بۇيەردىن چۈشۈرۈپ سېستىمىغا ئورنىتىڭ.

2.قىستۇرمىلار مەركىزىدىن،مەزكۇر قىستۇرمىنى تېپىپ قوزغىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

3.ناۋادا كېرىكى بولمىسا،قىستۇرمىنى توختىتىپ ياكى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

قىستۇرمىنى ئىشلىتىش

قىستۇرمىنى قاچىلاپ،قوزغاتقاندىن كېيىن،ئارقا سۇپىنىڭ ۋىجېت رايونىدىكى «ئىشلىتىشكە بولىدىغان ۋىجېتلەر»قاتارىغا PHP قوللايدىغان PHP widget قوشۇلىدۇ.

wp-php-widget_conew2

ئاندىن،بىز بۇ ۋىجېتنى ۋىجېتلار قاتارىغا تارتىپ ئەپكىرىپ،يان بۆلەككە قوشماقچى بولغان PHP كودىنى چاپلاپ قويساقلا بولىدۇ.

wp-php-widget_conew3

ئىقتىدارى ئوخشىش قالىدىغان باشقا قىستۇرمىلار

wp-php-widget قىستۇرمىسى بىلەن ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئوخشىشىپ قالىدىغان قىستۇرمىلاردىن PHP Code Widget،PHP-Widgetify قاتارلىقلار بار.

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 4 )
  1. ھىكمەت
    02/14/2012 at 08:12
    جاۋاب

    بولىدىغان ياخشى ھۆنەركەن، رەھمەت .

  2. تۇران تېكىن
    02/14/2012 at 09:03
    جاۋاب

    ئۆتكەندە مۇشۇ كودنى تاپالماي ئاۋارە بولغان ئىدىم. ئاخىر بىرسىدىن سوراپ، قويۇۋالغان ئىدىم. ئازراق پەرق قىلىدىكەن.

  3. ئەلسىھەت
    02/14/2012 at 12:20
    جاۋاب

    ياخشىكەن بولسا ھېلقى كىرگەن ip سانىنى كۆرسىتىدىغان كوت بولسا يوللاپ قويسىڭىز رەخمەت سىزگە

    • ئۇيغۇربەگ
      02/15/2012 at 08:29

      ئۇنى كېلەر قېتىملىق يازمىلىرىمىزدا تونۇشتۇرايلى!

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي