بلوگ ئۈچۈن پىكىرخانا(پىكىر يېزىش دەپتىرى)ئېچىش

بىر قىسىم ئۇسلۇبلاردا پىكىرخانا دېگەن بۇ تاللاش يوق بولۇپ،بەزىدە بلوگ ئۈچۈن پىكىر-تەلەپ يىغىش ئۈچۈن بىر ئايرىم پىكىرخانا لازىم بولىدۇ،بۇ چاغدا پىكىرخانا ھۆججىتى يوق ئۇسلۇبلار مانا مەن دەپ چېنىپ قالىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا،بىز ئۆزىمىز قول سېلىپ،بىر مۇكەممەل بولغان پىكىرخانا قۇرۇپ چىقساق بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە،پىكىرخانا قۇرۇش مەشخۇلاتى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ،بىز پەقەت ئۇسلۇب ئۈچۈن <<پىكىرخانا>>ناملىق بەت(page)دىن بىرنى قۇرۇپ،زىيارەتچىلىرىمىزگە ئىنكاس ھالەتتىكى پىكىر بىرىش مەيدانى ھازىرلاپ بىرىشتىن ئىبارەت.

پىكىرخانا پاسون ھۆججىتى قۇرۇش

1) ئۇسلۇب ئورۇنلاشقان ھۆججەت قىسقۇچنى تېپىپ(ئادەتتە /wp-content/themes/دېگەن يەردە بولىدۇ)،يەككە يازما ھۆججىتى single.phpنى تېپىڭ ھەمدە ئۇنى كوپىيە(复制)قىلىپ،كوپىيەلەنگەن single.php ھۆججىتى نامىنى guestbook.phpگە ئۆزگەرتىڭ.

pikir deptiri

بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت،پىكىرخانىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەسلىي ئۇسلۇب قۇرۇلمىسى بىلەن ئوخشاش قىلىشتىن ئىبارەت.

2) بىر ئۆلچەملىك كود تەھرىرلەش قورالى(مەسىلەن: editplus،ultraedit،notepad2 قاتارلىق قوراللار،ھىچ بولمىسا سېستىمىنىڭ ئۆزىدە بار notepad بولسىمۇ بولىدۇ)ئارقىلىق guestbook.php  ھۆججىتىنى ئېچىڭ ھەمدە ھۆججەتتىن تۆۋەندىكى كودنى تېپىڭ.

<?php get_header(); ?>

ئاندىن بۇ كودنىڭ ئالدىغا تۆۋەندىكى كودنى قوشۇڭ.بۇنداق قىلىشدىكى پاسون ھۆججىتىگە ئىزاھات بىرىشتىن ئىبارەت.

<?php
/*
Template Name: Guestbook
*/
?>

pikir deptiri2

3) تەھرىرلەنگەن guestbook.php ھۆججىتىنى ئۇسلۇب ھۆججەت قىسقۇچىغا يۆتكەڭ.

4)ئەمدى ئارقا سۇپىغا كىرىپ،بەتلەر تاللىشىدىن يېڭى بەت قۇرۇڭ،بەتنىڭ تىمىسىنى بولسا <<پىكىرخانا>>دەپ يېزىڭ،مەزمۇنىغا بولسا پىكىرخانىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يېزىڭ،مەسىلەن:بلوگىمىزغا نىسبەتەن قانداق پىكىرلىرىڭىز بولسا بۇ يەرگە بىرىڭ دېگەندەك.

pikir deptiri3

5) ئەمدى ئەڭ مۇھىم بىر جاي قالدى:كۆرۈنگەن تەھرىرلىگۈچنىڭ سول تەرىپىدىكى <<بەت خاسلىقى>>دېگەن جايدىكى ئۈلگە تاللىشىدىن بىز بايا ياسىغان guestbookنى تاللايمىز،ئاندىن يوللاشنى باسساقلا،پىكىرخانىدىن بىرى پۈتىدۇ.

pikir deptiri4

مەزكۇر يازمىدا ئىشلەتكەن كود

ناۋادا يۇقارقى مىسال كوددا مەسىلە كۆرۈلسە بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈڭ

ھۆججەت نامى:پىكىرخانا كودى ھۆججەت سىغىمى: نامەلۇم
MDB تەستىقى:نامەلۇم ۋىروسخورنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن!
يۈك مەنزىلى:بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ [چاقماق(迅雷)نى ئىشلىتىپ چۈشۈرۈڭ]

◎تۇرايىمىزدىكى يۇمتاللارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىلغان،سودا خاراكتىرىدە پايدىلىنىش مەنئىي قىلىنىدۇ. ◎نەشىر ھوقۇقۇمغا دەغلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز،شۇ ھامان ئىنكاس قىلىڭ،24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرىمىز.

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 9 )
  1. ھىكمەت
    02/19/2012 at 05:57
    جاۋاب

    خىلى بولغان بۇ ھۆنەرنى ئىزدەۋاتقىلىقى، ئاخىرى ئۇچراتتىم. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر ئۇيغۇربەگ…

    • ئۇيغۇربەگ
      02/20/2012 at 05:52

      ئەرزىمەيدۇ، تۇرايىمىزنى قېدىرسىڭىز ئالتۇنلار چىقىپ تۇرىدۇ بارغۇ…

  2. ئەركە
    04/11/2012 at 16:56
    جاۋاب

    مەن ئىزدەپ يۈرەتتىم بۇنى..
    بىگىمدىن تىل ئىشتىپ ئاندىن مۇشۇ يەردىن تاپتىم مانا.. :evil:

  3. ئەركە
    04/11/2012 at 17:58
    جاۋاب

    ئوڭۇشلۇق قىلىۋالدىم، رەھمەت جۇما بىگىم… :razz:

  4. خاقان515
    04/12/2012 at 13:10
    جاۋاب

    مەنمۇ بىلىۋالدىم،رەھمەت سىزگە.باشقىلارنىڭمۇ تېما يوللاش كۆزنىكىنى ئېچىشنىڭ ئامالى بارمىدۇ؟؟

    • ئۇيغۇربەگ
      04/13/2012 at 11:24

      بار، ئۇنى ئۇزااققا قالماي ئاشكارىلايلى…

  5. يالغۇز
    06/29/2012 at 13:14
    جاۋاب

    ئۇنىڭدىن بەتتىن بىرنىلا قۇرساق بولدىغۇ(ئەمدى ئايرىم ئۇسلۇبلاردا بەتكە ئىنكاس يىزىش ئىقتىدارى يوقكەن) :grin: :evil: :mrgreen:

  6. تور قۇرتى
    06/13/2013 at 18:01
    جاۋاب

    بەگ ئەپەندى مەن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى چۈشۈرەلمىدىمغۇ

    • ئۇيغۇربەگ
      06/14/2013 at 07:07

      نۇرغۇن يازمىلار بۇرۇن يوللانغان بولغاچقا، شۇنداقلا ئارىلىقتا بلوگ تور نامى بۇلانغاچقا بەزى ئادرىسلار ئەمەلدىن قالغان چېغى، تولىمۇ خىجىلمەن…

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي