[يانفون دېتالى]قۇتبىلىك RSS ئوقۇغۇچنى سىناشقا قاتنىشىڭ

android-uqughuch2_conew1

ئارىمىزدا ئاندرويىد تېلېفونلارنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بىر مەسىلە بېشىمىزنى قاتۇردى، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرچىنى راۋان قوللىماسلىق مەسىلىسى.بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قۇتبىلىك بلوگىنىڭ ئاپتورى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاساسىدا ئاندرويىد مۇھىتىدىكى بىر مېۋىسى بولمىش قۇتبىلىك RSS ئوقۇغۇچنى ياساپ چىقتى.بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى يازمىغا دىققەت نەزەرىڭىزنى ئاغدۇرغايسىز!

 

دېتال ھەققىدە

2011-03-28-02-25-59

بۇ ئوقۇغۇچ ھازىرچە تېلېفونىدا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلانغان ئاندرويىد تېلېفونلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، فونت قاچىلاپمۇ ئۇيغۇرچىنى نورمال قوللىمىغان تېلېفۇنلارغا ماس كىلىدۇ، بۇ نەشىرى ئاندررويىدنىڭ 1.6 نەشىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولۇپ نەزىرىيە جەھەتتىن 1.6 دىن يۇقىرى بولغان نەشىرلىرىدە نورمال ئىشلەيدۇ.

ئاپتورنىڭ ئېيتقانلىرى

2011-03-28-01-46-11

كەمىنە قۇتبىلىك قولىدا ھازىر ئاندرويدنىڭ 1.6 نەشىرى قاچىلانغان HTC G1 تېلېفون بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا نەشىردىكى ئاندرويىد تېلېفونلاردا سىناش ئىمكانىيتى بولمايۋاتىدۇ، شۇ سەۋەپتىن قولىدا ئاندرويىد تېلېفونى بار دوستلارنىڭ ئىچكى قىسىمدا سىناپ بىرشىگە موھتاجمەن، شارائىتى بار، دىتالنى سىناپ بىرىشنى خالايدىغان تورداشلارنىڭ ئەسلىي تېما ئاستىغا تېلېفونىنىڭ ماركىسى، ئاندرويىدنىڭ نەشىرى ۋە ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىغان-قاچىلىمىغانلىقىنى قالدۇرۇپ قويۇشىنى ھەمدە 137936175 نۇمۇرلۇق چ چ نى دوستقا قېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سىناش ئاخىرلاشقاندا سىناش خىزمىتىگە قاتناشقان دوستلارغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىلىدۇ ۋە بۇندىن كىيىنكى نەتىجىللىرىمىزدىن ئەڭ ئاۋال بەھىرلىنىش پۇرسىتى يارتىپ بىرىلىدۇ.سىناشنى خالايدىغان دوستلار تۆۋەندىكى مەنزىل ئارقىلىق ئاپتور بىلەن ئالاقىلاشقايسىزلەر!

مەنزىل: قۇتبىلىك بلوگى

http://qutblog.com/android/androidu/tunji_uyghurcha_android.html

باشقا قىستۇرما رەسىملەر

2011-03-28-19-56-08

2011-03-28-02-21-45

2011-03-28-01-47-26

 2011-03-28-02-21-57 2011-03-28-02-22-42

  2011-03-28-02-45-172011-03-28-02-29-30 2011-03-28-02-55-36

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي