WordPressدە EOT تونۇتۇش (1) : CreateMyEot قورالى ئارقىلىق EOT تەييارلاش

01261

تۇرايىمىزغا چۈشكەن ياردەم ئىنكاسلىرى شۇنداقلا بىزنى بىۋاستە ئىزدەپ كەلگەن مۇھتاجلارنىڭ ئۈمىدلىرىدىن نۇرغۇنلىغان بلوگگېر دوستلارنىڭ، جۈملىدىن يېڭىدىن بلوگ ھاياتىغا قەدەم قويغان بلوگگېرلارنىڭ بلوگلىرىنى نورمال ئۇيغۇرچە تونۇتۇشىدا قېيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ، مەزكۇر يازمىنى تەييارلاپ چىقتىم. بۇ يازما ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى قىسىمدا CreateMyEot قورالى ئارقىلىق EOT تەييارلاشنى ئۆگۈتىمىز، ئىككىنچى قىسمىدا بولسا تەييارلانغان EOTنى بوشلۇققا قويۇش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كودنى قويۇش ئارقىلىق بلوگنى نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسۈتۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ئەمىسە دىققىتىڭىز مەزكۇر يازمىدا بولسۇن!…

بۇ قېتىم ۋاقىت مەسىلىسى تۈپەيلى، EOT ھەققىدە پاراڭ سوقۇپ ئولتۇرمايمىز، شۇنداقلا CreateMyEot قورالىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ھەم چۈشەندۈرمەيمىز، بىۋاستە تېخنىكىلىق مەزمۇنغا چۈشۈپ كېتىمىز. ئەمىسە تۆۋەندىكى باسقۇچلار بۇيىچە مەشخۇلات قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈڭ.

1. بۇ يەرنى چىكىپ، CreateMyEot قورالىنى، يەنى EOT ئۆزگەرتىش قورالىنى چۈشۈرۈڭ.

2.بۇ يەرنى چىكىپ، تۇرايىمىز تەمىنلىگەن بىر قانچە خەت نۇسخىسىنىڭ EOT ھۆججىتىنى چۈشۈرۈڭ.

3.ئەمدى CreateMyEot قورالىنى قوزغۇتۇڭ. كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكىدەك:

image

4. ئەمدى 浏览 دېگەننى بېسىپ، سىزگە لازىملىق بولغان خەت نۇسخىسىنىڭ EOT ھۆججىتىنى ھۆججىتىنى تاللاڭ.

image

5.ئەمدى 验证网址 دېگەن جايغا سىزنىڭ بلوگ ئادرىسىڭىزنى توغرا توشقۇزۇپ 添加نى بېسىپ ئادرىس قۇشۇڭ.

6.بۇ مەشخۇلات تامام بولغاندىن كېيىن، 另存为نى بېسىپ، تەييارلانغان EOT ھۆججىتىنى ساقلىۋېلىڭ.

 

كېيىنكى يازمىمىزدا، ئەمدى مۇشۇ تەييارلانغان EOT ھۆججىتىنى قانداق تونۇتۇشنى سۆزلەپ ئۆتۈمىز.

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 2 )
  1. پەنجىر
    08/26/2013 at 08:38
    جاۋاب

    سىز تەمىنلىگەن eot ھۆججىتى چۈشمىدى، مۇمكىن بولسا ئېلخەت ئادرېسىمغا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت!

  2. ئىبراھىم
    12/05/2013 at 10:55
    جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىز تەمىنلىگەن رەسىملەر ۋە ھۆججەتلەر نى قەتتى كۆرگىلى ۋە چۈشۈرگىلى بولمىدى ، تېمىنى قايتا بىر تەھرىرلەپ قويسىڭىز رەھمەت

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي