Google Adsenseھېساباتىڭىزنىڭ قانداق قەتلىئام قىلىنغانلىقىنى بىلەمسىز؟

GoogleAdsense

خوش، ئالدىنقى قېتىملىق ھەقسىز لېكسىيىمىزدىن ئىلھاملانغان بلوگگېرلار ھەدەپ Google Adsenseغا ئۆتۈپ ئاز تولا بولسىمۇ كىرىم قىلىشقا كىرىشىشتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىر قىسىم بلوگگېرلار تېخى تاپقان دوللىرىنىڭ راھىتىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمەستىن، ھېساباتىنىڭ مۇسىبىتىگە ئۈلگۈردى. تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۆركەش بلوگىدەك بىر بلوگگېرنىڭ ھېساباتى 100$غا تۇشاي دېگەندە قەتلىئام قىلىندى. ئەپسۇس، مىڭ قاقشىغان بىلەن ئۆلگەن ھېساباتنىڭ ئەسلىگە كېلىش نىسپىتى يوقنىڭ ئورنىدا. ئۇنىڭ ئورنىغا، ھېساباتىمىزنىڭ قانداق قەتلىئام قىلىنغانلىقى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىپ باقساق، كېلەر قېتىملىق ھېساباتىمىزنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن <<ئۆمۈر كۆرۈش>>ىگە ئاساس سالالايمىز دەپ ئويلايمەن، چۈنكى، گۇگېل قارى كۆز يېشىغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇنىڭغا خەقلەر ئىشىنىپ پۇل تاپشۇرغان ئىكەن، ئۇمۇ پۇل تاپشۇرغانلارنىڭ ئۈنۈم كۆرۈشى ئۈچۈن چوقۇم ئادىل ھەمدە سەزگۈر بولۇشى كېرەك. قىسقىسى، بىز تاش سانىغۇچە، گۇگېل قۇم سانايدۇ، بولمىسا ئاشۇنچىۋالا پۇلنى قانداق تاپىدۇ(كۈلكە)، خوش، بۇ قېتىملىق يازمىمىزدا مەن بىر قىسىم تەجرىبىلىرىم ۋە ئاڭلىغانلىرىم ئاساسىدا Google Adsense ھېساباتىمىزنىڭ قانداق ئۆلىدىغانلىقى ھەققىدە قىسقىچە بىر مۇلاھىزە يۈرگۈزمەكچى بولىمەن، ئالاھىدە ئەسكەرتەيكى بۇ يازما پەقەت ئوقۇپ، ئويلىنىشقىلا بولىدۇ، Google Adsenseنىڭ ھەقىقىي پىرىنسىپى ياكى قائىدىسى ئەمەس. خوش، ئەمىسە دەرسخانىغا كىرىپ يازمىنىڭ داۋامىغا دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرغايسىز…

 

1. ئۆزىنىڭ ئېلانىنى ئۆزى چىكىش ( ئۆلۈش سەۋەبى – دورا ئىچىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش )

مەيلى سىز قانداق باھانە تېپىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئېلانىنى چەكتىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ھېساباتىنى ئۆزىڭىز قەتلىئام قىلدىڭىز دېگەن گەپ. خاتا چىكىپ قويۇپتىمەن، ئۇقماي چىكىپ قۇيۇپتىمەن دەپ باھانە قىلماڭ، Google Adsense گۇرۇپپىسى بۇ باھانىلەرنى <<يالغان>>دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئۆزىنىڭ ئېلانىنى ئۆزى چىكىش Google Adsenseنىڭ پىرىنسىپىغا خىلاپ بولغان چوڭ ئىش.

ئەسكەرتىش: ئورتاق IPنى ئىشلىتىۋاتقان باشقا تورداشلىرىڭىز، خىزمەتدىشىڭىز، تۇققىنىڭىز، دوستىڭىز، ھەتتا سۆيگۈنىڭىزنىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئېلانىنى چىكىشكە دەۋەت قىلماڭ. ناۋادا، مائۇسىڭىز <<ئۇقۇشماي ئېلانىڭىزنى چىكىپ سالغان ئەھۋالدا>> دەرھال ئېچىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن ئاشۇ ئېلاننى ئۆچۈرۈپ ئۈلگۈرۈڭ.

2. ئالدامچىلىق قىلىپ چىكىش ( ئۆلۈش سەۋەبى –ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش )

ئالدامچىلىق قىلىپ چىكىش دېگىنىمىز ئېلان چىكىش قوراللىرى، مەسىلەن: CACA، PTC دېگەندەك ئالدامچىلىق قىلىپ ئېلان چىكىش قوراللىرىنى ئىشلىتىپ ئېلان چىكىش دېمەكلىكتۇر. ئەلۋەتتە، ئېلان ئالغان دەسلەپكى مەزگىلدە ھەممەيلەن مۇشۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشقا قىزىقىدۇ، تولىمۇ ئەپسۇسكى بۇ ئۇسۇلنى سىنىغانلىق ئۆزىنى ئۆزى قېيناپ ئۆلتۈرگەنگە باراۋەر.

ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەكالەتچى مۇلازىمىتىرنى ئىشلىتىپ ئېلان چىكىش خىيالىدا بولماڭ، مۇشۇ خىيالدا بولدىڭىز، Google Adsense ئوينايمەن دېمەي ئەڭ ياخشىسى 890 ئېلان سۇپىسىنى ئويناڭ.

3.باشقىلارنى كۈشكۈرتۈپ ئېلان چىكىش (ئۆلۈش سەۋەبى – تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسى)

دېمىسىمۇ شۇ، ئېلانىمىزنى بىزنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرىمىز چەكمىسە كىم چىكىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلارنى ئېلان چىكىپ تۇرۇشقا ئەسكەرتىش ئۈچۈن بلوگىمىزنىڭ خالىي يىرىدە <<بىزنى قوللىسىڭىز ئېلان چىكىڭ>>، <<ئېلان چەكسىڭىز گۈزەل بۇلىسىز>>،<<فىلىمنى كۆرەي دېسىڭىز ئېلان چىكىڭ>>، <<ئېلان چەكمىسىڭىز ئەتە ئۆلىسىز>>دېگەندەك بىر قاتار كۈشكۈرتىدىغان سۆزلەرنى يىزىپ، زىيارەتچىلەرنى ئېلان چىكىشكە كۈشكۈرتىسىز. بەزى بېكەتلەردە ھەتتا ئېلان چەكمىسە بېكەتتىكى مەزمۇنلارنى كۆرەلمەيدۇ، تىزىملىتالمايدۇ، سۆز يازالمايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئەھۋالدا نورمالدا، ئېلان چەككۈچى ئاق كۆڭۈل بولۇپ، ئېلاننى توغرا، ئۈنۈملۈك چىكەلىسە ياخشى. ئەمما، ھەممىلا ئادەم ئېلان چىكىشكە خۇشتار ئەمەستە، بەزىلەر ئېلانغا ئۆچلۈكىدە مانا ئەمىسە دەپ…Google Adsenseنى <<قاتناش ھادىسىسى>>گە دۇچار قىلسا ئۇنىڭغىمۇ ئامالسىزسىز.

ھە راست، ئامال بار، توپقا ئادرىس يوللاپ ئاداشلىرىڭىزنى ئېلان چىكىشكە كۈشكۈرتمەڭ، تۇيۇقسىز ئېشىپ كەتكەن ئېلان كىرىمى گۇگېلنىڭ دىققىتىنى قوزغان قويۇشى ئېنىق.

4. چىكىلىش پىرسەنتى ئالاھىدە يۇقۇرى بولۇپ كېتىش ( ئۆلۈش سەۋەبى – جىددىي خاراكتىردىكى كېسىلى قوزغۇلۇش)

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، Google Adsenseنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق چىكىلىش پىرسەنتى 2%مىش، زادى قانچىلىك، بۇنىسى ماڭىمۇ نامەلۇم. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، ئېلانىڭىزنىڭ چىكىلىش پىرسەنتى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ كەتسە Google Adsense ھېساباتىڭىز خەتەر ئىچىدە قالغىنى ئېنىق. مەسىلەنگە: سىزنىڭ ئېلانىڭىزنىڭ چىكىلىش نىسپىتى 50% دە

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 2 )
  1. بەگمۇراد
    12/08/2013 at 08:08
    جاۋاب

    ئۇيغۇرجان بىلەن ئۇيغۇربەگ بىر ئادەم ئەمەستۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ
      12/20/2013 at 20:54

      ئەمەس.

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي