كېلىڭلار بلوگگېرلار، IE6نى چەكلەشتە بىرلىشىپ ئىتتىپاق تۈزەيلى!

140-1

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى، بۈگۈندىن باشلاپ تۇرايىمىزدا رەسىمىي ھالدا IE6نى چەكلەش ھەققىدە پەرمان چۈشۈردۈق ھەمدە تۇرايىمىز باشچى بولۇپ، بۇ پەرماننى ئىجرا قىلدى! پەرماننىڭ چۈشۈرۈلۈش سەۋەبىنى تۇرايىمىزدىكى «Let’s Kill IE6»سەرلەۋھەلىك بەتتىن كۆرۈڭ. ناۋادا سۈيۈملۈك WordPressمۇ تاشلىۋەتكەن بۇ ئەسكى IE6نى چەكلەش نىيىتى بار بلوگگېرلار بولسا، كېلىڭلار!  IE6نى چەكلەشتە بىرلىشىپ ئىتتىپاق تۈزەيلى! …

يازمىنىڭ پايانى ۋە بايانى

بۈگۈندىن باشلاپ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى IE6دە زىيارەت قىلغان بلوگگېرلار بلوگنىڭ بېشىدا تۆۋەندىكىدەك ئەسكەرتىشنى ئۇچرىتىدۇ(رەسىمنى چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ) :

 letskillie6

بۇ ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى كودنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ بەت بېشى ھۆججىتى(header.php)نىڭ <head>دېگەن خەتكۈچنىڭ كەينىگە، ياكى </head>خەتكۈچىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى تەھرىرلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

<!--[if lt IE 7]>

<div style='border: 1px solid #F7941D; background: #FEEFDA; text-align: center; clear: both; height: 75px; position: relative;'>    

<div style='position: absolute; right: 3px; top: 3px; font-family: courier new; font-weight: bold;'>

<a href='#' onclick='javascript:this.parentNode.parentNode.style.display="none"; return false;'><img src='http://www.ie6nomore.com/files/theme/ie6nomore-cornerx.jpg' style='border: none;' alt='Close this notice'/></a>

</div>    

<div style='width: 640px; margin: 0 auto; text-align: right; padding: 0; overflow: hidden; color: black;'>      

<div style='width: 75px; float: left;'><img src='http://www.ie6nomore.com/files/theme/ie6nomore-warning.jpg' alt='Warning!'/></div>      

<div style='width: 275px; float: left; font-family:Alpida unicode system, UKIJ Tuz Tom, Arial, sans-serif;'>        

<div style='font-size: 15px; font-weight: bold; margin-top: 12px;'>قارغىشقا قالغان IE6 دە بلوگىمىزغا كەپسىز!</div>        

<div style='font-size: 13px; margin-top: 6px; line-height: 12px;'>IE 6دە چىققان بىخەتەرلىك مەسلىسى بەك ئېغىر، ئۇنىڭ ئاز دەپ بلوگىمىزنىڭ گۈزەل تۇرقىدىن بەھرى ئالالمايسىز، سىزنى تېخىمۇ ئىلغار بولغان جاھاننامىلەرنى ئىشلىتىشڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.</div>     

</div>      

<div style='width: 75px; float: left;'><a href='http://www.firefox.com' target='_blank'><img src='http://www.ie6nomore.com/files/theme/ie6nomore-firefox.jpg' style='border: none;' alt='چۈشۈرۈڭ :  Firefox 3.5'/></a></div>      

<div style='width: 75px; float: left;'><a href='http://www.browserforthebetter.com/download.html' target='_blank'><img src='http://www.ie6nomore.com/files/theme/ie6nomore-ie8.jpg' style='border: none;' alt='چۈشۈرۈڭ :  Internet Explorer 8'/></a></div>      

<div style='width: 73px; float: left;'><a href='http://www.apple.com/safari/download/' target='_blank'><img src='http://www.ie6nomore.com/files/theme/ie6nomore-safari.jpg' style='border: none;' alt='چۈشۈرۈڭ :  Safari 4'/></a></div>      

<div style='float: left;'><a href='http://www.google.com/chrome' target='_blank'><img src='http://www.ie6nomore.com/files/theme/ie6nomore-chrome.jpg' style='border: none;' alt='چۈشۈرۈڭ :  Google Chrome'/></a></div>    

</div>  

</div>  

<![endif]-->

ئاخىرقى سۆز :  بۇ ئۈنۈم ئارقىلىق بىز تۇرايىمىزغا IE6دە كەلگەن بلوگگېرلارغا باشقا ياخشى جاھاننامىلەرنى قاچىلاش ئەسكەرتىشى بىرىمىز، ئەمما، بلوگنىڭ باشقا ئىقتىدارلىرى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا، IE6نى چەكلەش ئويى بار، ئەمما IE6نىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن، يەنى IE6نى چەكلەپ بلوگىنىڭ زىيارەت سانىنىڭ ئازىيىشىدىن ئەنسىرەپ كەلگەن بلوگگېر بولسىڭىز قورقماڭ، زىيارەتچىلىرىڭىزگە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا ھېچقانداق قولايسىزلىقلار يوق. ناۋادا سۈيۈملۈك WordPressمۇ تاشلىۋەتكەن بۇ ئەسكى IE6نى چەكلەش نىيىتى بار بلوگگېرلار بولسا، كېلىڭلار! IE6نى چەكلەشتە بىرلىشىپ ئىتتىپاق تۈزەيلى! …

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 55 )
  1. Uybbj
    02/23/2012 at 17:09
    جاۋاب

    بىزنىڭ بلوگدا IE6 گە قارىتا ۋەھشى قاخشاتقۇچ زەربە بىرىۋەتتۇق

    • ئۇيغۇربەگ
      02/23/2012 at 18:13

      نېمە بىلەن؟

    • Uybbj
      02/24/2012 at 02:57

      كىرىپ باقسىڭىز بىلىسىز، 20گە يىقىن ئۇچۇرلار كەينى كەينىدىن چىقىۋىرىدۇ،

    • ئۇيغۇربەگ
      02/24/2012 at 03:54

      ئەپسۇسكى بۇ ئەسكى چېلەك مەندە يوق…

  2. ئەرك
    02/23/2012 at 17:13
    جاۋاب

    زادى چەكلەش كېرەك

    • ئۇيغۇربەگ
      02/23/2012 at 18:13

      شۇنداق، كېيىنرەك ئەركنىڭ ئىنكاسىنىمۇ چەكلەشنى ئويلىشىۋاتىمەن…

  3. ۋەتەن
    02/23/2012 at 17:41
    جاۋاب

    بىچارە IE6 ، بىزنى كەچۈرگىن

    • ئۇيغۇربەگ
      02/23/2012 at 18:14

      بىچارە ie6، سەن بىلەن ئاداۋىتىم يوقتى، ۋەتەن ئاغام مەجبۇرىي ئۆلتۈرگۈزدى مېنى، كەچۈرگىن!

  4. ئو.تۇرپان
    02/24/2012 at 02:12
    جاۋاب

    يەنە باشقا مۇنبەر قاتارلىقلارنىڭ بىكەت باشلىقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۆپچىلىككە تەڭ تەشۋىق قىلساقمىكىن. بۇنىڭدا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىشى مۇمكىن.

    • ئۇيغۇربەگ
      02/24/2012 at 03:54

      پات ئارىدا باشقا مۇنبەرلەردىمۇ تەشۋىق قىلىنىدۇ… :smile:

  5. تۇران تېكىن
    02/24/2012 at 02:53
    جاۋاب

    ئۇيغۇربەگنىڭ ئىنكاسقا ئىنكاس قايتۇرۇشىدىن كۆڭلۈم ئەمىن تاپىدۇ.
    مەنمۇ قاتناشتىم، نەتىجىسى كۆرۈلگەندە يەنە ئىنكاس قالدۇراي.

    • ئۇيغۇربەگ
      02/24/2012 at 03:55

      ئىنكاسلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇش شەرەپ!
      ئۈنۈمى كۆرۈلمەي زىيارەت سانلىرى ئازلاپ كەتسىمۇ ئىنكاس قالدۇرسىلا، بلوگلىرىنى قوشۇۋالايلى! :mrgreen:

  6. wiros
    02/24/2012 at 04:08
    جاۋاب

    ئىنىقكى مەنمۇ بىر كىشلىك ئاۋاز قوشىمەن . ….

    • ئۇيغۇربەگ
      02/24/2012 at 04:55

      ئىتتىپاقداش ئارمىيىمىزگە خۇش كەپسىز، جانابىي ۋىرۇس ئەپەندى!…

  7. alsihat
    02/24/2012 at 04:11
    جاۋاب

    مەن ئىزدىگىلى خېلى بولغان بۇنى رەخمەت سىزگە!

    • ئۇيغۇربەگ
      02/24/2012 at 07:07

      ئىزدىگەننىڭ ھەممىسى بىزدە بار، يوقلىرى ئەتە بار…پات-پات كەپ تۇرسىڭىز ئاجايىباتلارنى ئۇچرىتىسىز! :oops:

  8. تۇران تېكىن
    02/24/2012 at 04:40
    جاۋاب

    سىز كۆرسەتكەن ئورۇندا، ئۆتكەندە سىزنىڭ يازمىڭىزدا ئىشلەتكەن تۆۋەندىكى كود بار ئىكەن.

    مۇشۇ كودتىكى نىڭ ئاستىغا قويساق بۇلىۋىرەمدۇ؟

    • تۇران تېكىن
      02/24/2012 at 04:44

      ماۋۇ كود كۆرۈنمەپتىغۇ ئەمدى. بۇ كود تىمىنى ئىككىنچى بەتتە ئېچىش كودى ئىدى.

    • ئۇيغۇربەگ
      02/24/2012 at 04:56

      مەنچە تامامەن بولىدۇ! :grin:

  9. چەۋەندازلار
    02/24/2012 at 05:15
    جاۋاب

    كەمىنە مۇشۇ IE6 بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن رىيازەت تارتىپ كەلدىم، بۇنىڭدىن كېيىن چەۋەندازلارنى IE ئېتى بارلىكى جاھاننامىلەرنىڭ ھەممىسىنى چەكلەيدىغان ۋە ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھىرلەنمەيدىغان قىلىۋەتمەكچى. بۇ ئۇسۇلنىمۇ قوللىنىشنى قارار قىلدىم. ھەممەيلەن مۇشۇ كودنى بىلوگىمىزغا توربەتلىرىمىزگە قويساق دېگەن تەكلىپنى بېرىمەن.

    • ئۇيغۇربەگ
      02/24/2012 at 06:54

      سەل « ئەكسىيەتچىل » ئىدىيە بىلەن شۇغۇللىنىش قارارىغا كېلىپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟ زىيارەتچىلەرگە تاللاش بېرىڭ، يۇلىنى ئىتىۋەتمەڭ! :mrgreen: ئاخىرى زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا سىز بولۇپ قالىسىز…

    • چەۋەندازلار
      02/24/2012 at 12:44

      ئاساسلىقى بۇنىڭدىن كېيىن قوللىنىدىغان ئۇسۇلدا بەزەن ئىقتىدارلارنىڭ يەنى ھەقىقىي زوق ئاتا قىلالايدىغان ئىقتىدارلارنى IE6دە نورمال كۆرۈنمەسلىك ۋە IE8دە ئۈنۈملۈك بولماسلىقى سەۋەبىدىن بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشنى قارار قىلدىم. زوقنى Chrome,FF لاردا كۆرسۈن دەپ مۇشۇ قارارغا كەلدىم.

  10. ئىزتىل
    02/24/2012 at 05:27
    جاۋاب

    مانا مەنمۇ قاتتىق چەكلەشنى باشلىدىم جۇمۇ ئەمسە ؟ بىر قېتىملىق چوڭ تازلاش ئېلىپ بارىدىغان بولدۇقتە ؟

    • ئۇيغۇربەگ
      02/24/2012 at 06:53

      بۇنى چوڭ تازىلاش دېگەندىن كۈرە، بىر قېتىملىق قەتلىئام دېسەك قانداق بولا؟ قىرغىنچىلىق دەمدۇق يا؟ « بلوگدىكى ie6 چوڭ قىرغىنچىلىقى » دەپ نام قويساق قانداق بولۇركىن؟ :grin:

  11. ajrim
    02/24/2012 at 06:23
    جاۋاب

    سىز ھازىر تارىخى بۇيۇمغا ئايلىنىپ كەتكەن تور كۆرگۈ IE6 دە بلوگىمىزغا كەپسىز.

    تور كۆرگۈچىدە كۈندە بايقىلىۋاتقان بىخەتەرلىك مەسلىسى بەك ئېغىر . ھازىرقى تور بېكەت-بلوگ زىيارىتىگە ماس كەلمەيدۇ . تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلىشىڭىزغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى،ئۇچۇرلىرىڭىز ئوغۇرلىنىشى مۇمكىن.بلوگدىكى نادىر يازمىلاردىن پايدىلىناي دىسىڭىز يېڭى نەشىردىكى تور كۆرگۈچلەرنى ئىشلىتىڭ. :grin:

    • ئۇيغۇربەگ
      02/24/2012 at 06:55

      ئايفونباز ئەجرىم دانادۇر!…

  12. ajrim
    02/24/2012 at 06:28
    جاۋاب

    چەۋەندازلار دىگەن دوستىمىز. ie6 ھەقىقەتەن نەچچە مىڭ يارماق چۈشكەن ئەسكى چاپانغا ئوخشاپ قالدى. ئۇنى ئىشلىتىشتىن چەكلەش توغرا ئىش،بىراق ie ئائىلىسىنى قوشۇپلا چەكلەيمەن دىسڭىز يامانلىغانلىق ۋە نۇرغۇنلىغان زىيارەتچىلەرنى قوغلاپ چىقارغانلىق بولۇپ قالمامدۇ؟ كۆپلىگەن كۆرۈرمەنلەر تورخانىلاردىن،ئىشخانىلاردىن تورغا چىقىدىغان تۇرسا.

    • چەۋەندازلار
      02/24/2012 at 12:47

      IE ئىشلەتكۈچىلەر تامامەن نورمال ئىشلىتەلەيدۇ لېكىن ھەقىقىي ھوزۇرىنى Chrome, FF قاتارلىق توركۆرگۈچلەردە سۈرەلەيدىغان قىلىش پىلانىم بار. لېكىن IE ئېتى بار توركۆرگۈچلەر تاكى توركۆرگۈچىنى ئالماشتۇرۇپ زىيارەت قىلمىغۇچە نادىر ئۇسۇللاردىن ھوزۇرلىنالمايدىغان قىلماقچى. دېمەك چەۋەندازلارنى زىيارەت قىلىش ھوقۇقى چەكلەنمەيدۇ لېكىن ھوزۇرى چەكلىمىلىككە ئۇچرىتىلىدۇ.

    • ئۇيغۇربەگ
      02/24/2012 at 15:28

      بەك قېينىلىپ قالغۇدەكسىز ئەمىسە…

  13. ئۇدۇن
    02/24/2012 at 07:13
    جاۋاب

    قىززىپ كىتىپتۇغۇ بۇ يازما، ھەقىقەتەن زىيان تارتتىۋاتقانلار كۆپ دە. مەنمۇ قوشۇۋالاي بۇ ياخشى كودنى :cool:

    • ئۇيغۇربەگ
      02/24/2012 at 07:17

      ئىتتىپاقداش ئارمىيە كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك بلوگىڭىز بىلەن تۆھپە قۇشۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز، يولداش ئۇدۇن…

    • ئۇدۇن
      02/24/2012 at 07:24

      چاتاق يوق، كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە تىرىشىمەن جۇما :idea:

  14. رىنات
    02/24/2012 at 08:30
    جاۋاب

    مەنمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇپ چەكلەشكە تەڭ كۈچ چىقارماقچىمەن… :cool:

    • ئۇيغۇربەگ
      02/24/2012 at 08:48

      ئىتتىپاقداش ئارمىيىمىزگە خۇش كەپسىز، ئون بېشى رىنات… :mrgreen:

  15. تۇران تېكىن
    02/24/2012 at 09:55
    جاۋاب

    IE6.0 نى چەكلەش ھەركىتىگە مەنمۇ ئاخىر ئاۋاز قوشتۇم. بىگىم مەن بۇ بلوگنى زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇش مەقسىدىدە قۇرمىغان، بەلكى بىر ئادەم بولسىمۇ تارىخنىڭ، سىياسىينىڭ ئاشكارلانمىغان قىسمەتلىرىدىن خەۋەردار بۇلۇپ قالسۇن دېگەن مەقسەتتە قۇرغانمەن. شۇڭا بۇ كودنى قويۇش سەۋەپلىك بلوگىمنىڭ زىيارەت سانىنىڭ ئازلاپ كىتىشىدىن ھەرگىز ئەنسىرىمەيمەن. ئەبجەق ماشىنىنى كىلدىرلىتىپ ھەيدەپ يۈرگەندىن كۆرە، ئىسىل ماشىنىدا دەسسىلىپ ئۆلىشكە رازىمەن!

    • ئۇيغۇربەگ
      02/24/2012 at 11:07

      قىزغىن قوللايمىز!

  16. تاتلىق
    02/24/2012 at 12:58
    جاۋاب

    مەنمۇ قاتنىشىمەن! ھى ھى ھى :grin:

    • ئۇيغۇربەگ
      02/24/2012 at 15:29

      تاتلىقجاننى ئىتتىپاقداش ئارمىيىگە كىردى دەپ مەرىكە بېرەمدۇق؟

  17. razwitqik
    02/24/2012 at 18:11
    جاۋاب

    بىزگىمۇ مەرىكە بەرسىلە بېگىم!بىزنىڭ بىلوگمۇ IE6گە زەربە بەردۇق.
    ئېلان ۋاقتى:كارتون فىلىم كۆرگىڭىز كەلدىمۇ؟ئۇنداقتا دەۋر بىلوگىغا كىرىپ ئۆزىمىزنىڭ مىللىيچە كارتونىدىن ھۇزۇر ئېلىڭ! :grin:

    • ئۇيغۇربەگ
      02/25/2012 at 04:39

      بۇ ئىنكاسنىڭ تۇنجى قۇرى ئىناۋەتلىك، قالغانلىرى ئىناۋەتسىز، دوستلار ئاگاھ بولغايسىلەر! :mrgreen:

  18. ئاتەش
    02/25/2012 at 06:18
    جاۋاب

    مەنمۇ ئاۋاز قوشاي دېگەن، لىكىن شۇ بلوگدا ئازراق مەسلە چېقىپ شۇ..
    بىر- ئىككى كۈن ئىچىدە ئەسلىگە كەلسىلا مەنمۇ چوقۇم ئاۋاز قوشىمەن.
    بىر تەكلىپ:
    بولسا بۇنى چەكلەشنى تور بىكەتلەردىلا تەشۋىق قىلىۋەرمەي، ئاۋۇ گوسىت ئىكىسپى ئىشلەيدىغانلارغىمۇ تەشۋىق قىلىپ، شۇلار ئىشلەۋاتقان سىستېمىلىرىدىن IE6.0 نى چىقىرۋىتەلىسەك چەكلەش ئۈنۈمى تېخىمۇ زور بولاتتى دەپ ئويلايمەن.

    • ئۇيغۇربەگ
      02/25/2012 at 06:33

      مەن تەتىلدە ئۆز قۇلۇم بىلەن 8 نەپەر دۈشمەننى ئۆلتۈرگەن ئىدىم.
      ئېيتىشلارغا قارىغاندا كېلەر يىلىمۇ ياكى مۇشۇ يىلىمۇ مەجبۇرىي قىرىپ تاشلايمىز…

  19. alsihat
    02/25/2012 at 14:41
    جاۋاب

    مەن قۇيۇپ بولغىنى نىكەم. لىكىن ie6 دىگەن كاساپەت مەندە بولمىغاچقا مۇۋاپقىيەتلىك بولغان يا بولمىغنىنى بىلەلمدىم.

    • ئۇيغۇربەگ
      02/25/2012 at 15:13

      ietester دېگەن ئوقەتنى چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ…

  20. merwayit
    02/29/2012 at 08:17
    جاۋاب

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.
    يائاللا، كىشى IE6 گە بوزەك بولا، مەندەك بوزەك بولا، مەنمۇ تېخى مۇشۇ بلوگگىرلار سېپىگە قوشۇلۇپ ئاندىن نەقەدەر قوتۇر ئىشەكلىكىنى بىلدىم گۇينىڭ…
    ئەسلى مەن IE6 گە بەك كۆنۈپ قالغان، نەچچە قېتىم كروم، ئوت تۈلكە ئىشلەتكەن بولساممۇ كۆنەلمەي، ئىشلىتىۋەرگەن، ئىككى ھەپتە بۇرۇن بلوگۇمغا كود قويۇپ بولغۇچە تاقىلىپ قالدى، مەن تېخى ھۆججەتنى بۇزغان ئوخشايمەن دەپ بىرمۇنچە يەرنى قالايمىقان قىپتىمەن، ئەسلى مۇشۇ IE6 دېگەن كاساپەتنىڭ ئىشىكەن.
    شۇ جايدىلا كرومنى قاچىلىۋالدىم، ئەمدى مەنمۇ قاقشاتقۇچ زەربە بېرەي.
    شۇ توغۇرلۇق يازماممۇ بار ئىدى ئاينا:
    http://merwayit.net/?p=117

    • ئۇيغۇربەگ
      03/01/2012 at 14:45

      خۇش كەپسىز، ئىتتىپاقدىشىمىز مەرۋايىت!

  21. zero
    03/04/2012 at 10:21
    جاۋاب

    مەن كودنى كۈچۈرسەم نۇرغۇن كود ئارلىقىدا نۇرغۇن سۇئال بەلگسى چىقتى بۇقانداق ئۈزى
    شۇ ھالەتتە چاپلسام بۇ يۈزلگەن ؟؟؟؟ لەر باش بەتكە كۈچۈپ چىقتى EditPlus مەشخۇلات قىلغان بولمىسا :arrow:

  22. بۆرە
    03/08/2012 at 08:47
    جاۋاب

    توۋا.

  23. يىگانە0903
    04/18/2012 at 14:28
    جاۋاب

    بېگىم سىلىگە يارىغىنى بىزدەك پۇقرالىرىغىمۇ ياقىدۇ ئەلۋەتتە ، ئۆزلىېرى ئەڭ ئۈنۈملۈك دەپ قارىغان جاھاننامىلەردىن بىرەسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى پېقىردىن ئايىمىغان بولسىلا دىگەن ئۈمىتتىمەن…. :roll:

    • ئۇيغۇربەگ
      04/23/2012 at 13:29

      Chrome دەپ ئىزدەڭە، ئەڭ نوچىسى شۇ!

  24. يالغۇز
    05/19/2012 at 10:44
    جاۋاب

    رەھمەت مەنمۇ ئورنىتىۋالاي….

  25. تورسودا
    06/24/2012 at 20:08
    جاۋاب

    بولىدىغان گەپكەن، IE6نى پىنسىيگە چىقارماي بولمايدۇ، بىچچارىگە ئۇۋۋال ئۇزۇن يىل ئىشلەپ چارچىدى

  26. تورسودا
    06/24/2012 at 20:09
    جاۋاب

    قاشاڭلىق قىلمىغان بولسا بىزمۇ تەدبىر قوللىنىپ يۈرمەيتۇق ئەسلى….

  27. بىركىم
    05/22/2014 at 13:34
    جاۋاب

    2 يىل ئۆتتى بۇ يازمىغا . ئەمما تا ھازىرغىچە ماڭا پات-پات ئىنكاسلار كېلىدۇ «بلوگىڭنى تورخانىدا كۆرگىلى بولمىدى» دەپ :evil:

    • ئۇيغۇربەگ
      07/30/2014 at 09:21

      خەيىر…

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي