باللا، WordPressبلوگىمىزنى ئوت ئالدۇرامدۇق : Gravatar باش سۆرىتىنى يەرلىكلەشتۈرۈشنىڭ تەدبىرى

74-1

دېسەم بىلمەيسىز، يەرشارى باش تۇتاش سۆرىتى دەپ نام قويۇلغان Gravatar باش سۆرىتى بلوگنىڭ سۈرئىتىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قىلىدۇ. ناۋادا، بىز قول تىقىپ ئوپىراتسىيە دەمدۇق، پوپىراتسىيە دەمدۇق، ئىشقىلىپ بىر نېمىلەرنى قىلىپ Gravatarنى يەرلىكلەشتۈرۈۋالساق، ھىم، ئالەششەنى، دېمەيدىغان گەپدىن بىرنى دەپ ساپتىمەن، بلوگىمىزنى ئوت ئالدۇرۇپ قالىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ خىل يەرلىكلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئوينايدىغان قىستۇرما ۋە تەدبىرلەر ناھايىتى كۆپ. بۈگۈن، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تەدبىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن، ئۇستاملار، ئامبۇر-كۇلۇچ دېگەن جابدۇقۇڭلارنى تەييارلاپ بولۇپ، يازمىغا قاراپ ھۇجۇم قىلىڭلار!…

يازمىدىن بۇرۇنقى بلوگ ساۋاتسىلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى

يەرشارى باش تۇتاش سۆرىتى Gravatar دېگەن نېمە؟

يازمىنىڭ داۋامى ۋە پايانى

خوش، بلوگىمىزنى ئوت ئالدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى قانلىق بېسىپ ئۆتۈشىمىز لازىم :

1.  يەرلىكلەشتۈرۈش ئامبىرى قۇرۇش

FTP قورالى بىلەن بلوگ ئورنىتىلغان باش مۇندەرىجىنى ئېچىپ، avatar دېگەن نامدا يېڭىدىن بىر فولدېر(ھۆججەت قىسقۇچ) قۇرۇڭ ۋە مەزكۇر فولدېر ھوقۇقىنى 777 قىلىپ بەلگىلەڭ.

2. سۈكۈتتىكى باش سۆرەت بەلگىلەش

سۈكۈتتىكى باش سۆرەت ئۈچۈن ئۆزىڭىز مۇناسىپ قارىغان سۆرەتنى تەييارلاڭ ھەمدە نامىنى default.jpg قىلىپ ساقلاپ، باياقى فولدېر «avatar»نىڭ ئىچىگە تاشلاڭ.

3. يەرلىكلەشتۈرۈش كودى ئورنىتىش

يۇقارقى ئىككى باسقۇچ تاماملانغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇب ھۆججىتى بولمىش functions.phpنىڭ مۇۋاپىق جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇڭ :

function my_avatar($avatar) {

  $tmp = strpos($avatar, 'http');

  $g = substr($avatar, $tmp, strpos($avatar, "'", $tmp) - $tmp);

  $tmp = strpos($g, 'avatar/') + 7;

  $f = substr($g, $tmp, strpos($g, "?", $tmp) - $tmp);

  $w = get_bloginfo('wpurl');

  $e = ABSPATH .'avatar/'. $f .'.jpg';

  $t = 1209600; //設定14天, 單位:秒

  if ( !is_file($e) || (time() - filemtime($e)) > $t ) { //當頭像不存在或文件超過14天才更新

    copy(htmlspecialchars_decode($g), $e);

  } else  $avatar = strtr($avatar, array($g => $w.'/avatar/'.$f.'.jpg'));

  if (filesize($e) < 500) copy($w.'/avatar/default.jpg', $e);

  return $avatar;

}

add_filter('get_avatar', 'my_avatar');

شۇنداق قىلىپ، بىزنىڭ قىسقىچە يازمىمىز «Gravatar باش سۆرىتىنى يەرلىكلەشتۈرۈشنىڭ تەدبىرى»مۇشۇ يەردە تاماملاندى. ئۇتۇقلۇق بولغانلار شۇ ھامان ئىنكاس تارتۇق قىلغايسىزلەر. ھە راست، مەزكۇر يەرلىكلىشىش زامانىغا كەلگەندىن كېيىن، سىزنىڭ بوشلۇقىڭىزدىن ناھايىتى ئاز بولغان ئېقىم مىقدارىنى سۈمۈرۈپ كېتىدۇ، ناۋادا ئېقىم مىقدارىنى سۈمۈرۈپ كېتىشىگە چىدىمىسىڭىز، گۈزەل بولۇش ئۈچۈن بولسىمۇ ئىنكاس تاشلاپ كېتىڭ، پايدىسى بار…

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 22 )
  1. ۋەتەن
    02/25/2012 at 15:48
    جاۋاب

    ئۆگىنەي دېسەم ، مېنىڭكىدە باركەن بۇ . شۇنداقتىمۇ بەگ مالىمغا رەھمەت :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ
      02/25/2012 at 15:55

      ۋەتەندە بەگلىكدىكى گۈزەل قىلىدىغان يازمىلار بىلەن كۆزنى چاقنىتىدىغان ئىنكاسلار يوق! :mrgreen:

  2. ئەرك
    02/25/2012 at 18:14
    جاۋاب

    بەگلىكتىكى باش سۈرەتلەر يەرلىكلەشمەپتۇ، پېقىرنىڭ بلوگىدىكى باش سۈرەتلەر ئاللىبۇرۇن يەرلىكلىشىپ بولدى. :roll:

    • ئۇيغۇربەگ
      02/26/2012 at 05:48

      بادامغا بلوگغا ئاسيلىق قىلىش، بلوگنىڭ مەخپىيەتلىكىنى يات بلوگلارغا ئاشكارىلاش جازاسى بىرىلسۇن! :twisted:

  3. رىنات
    02/26/2012 at 05:51
    جاۋاب

    مەن بىرچاغدا ئۆزلەشتۈرۋاتقان ئۇسلۇبتا بارىدى بۇ ئىقتىدار، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبىمدا يوقكەن.. دىككىدە بېرىپ بىجىرۋېتەي ھە… :grin:

    • ئۇيغۇربەگ
      02/26/2012 at 06:05

      تىزدىن بېجىرىڭ، بولمىسا كاللىسىنى ئالىمىز بلوگىڭىزنىڭ! :mrgreen:
      ۋوي راست، wordpress ھەققىدىكى تېتىملىق يازمىلىرىڭىزنى بلوگىڭىزدا ئازراق بازارغا سالغاندىن كېيىن مۇنبەرگىمۇ يوللاپ قويسىڭىز، بىرىنچىدىن سىزگە زىيارەتچى كىلىدۇ، ئىككىنچىدىن ئىنكاسچى كېلىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ! :mrgreen:

    • رىنات
      02/26/2012 at 07:39

      :evil: باش ئۈسىتىگە..
      چاتاق يوق… بەگ ئەپەندىم…
      مۇنبەر دېگەندىن ئوت چىقىرۋېتىمەنغۇ ئەمدى.. ھا ھا ھا

  4. ھىكمەت
    02/26/2012 at 06:40
    جاۋاب

    بەگنىڭ قولىغا دەرت كەلمىگەي، مۇشۇنداق ھۆنەر يازمىلىرى ئۈزۈلمىگەي… ئامىن :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ
      02/26/2012 at 10:40

      ھېكمەت يولداشنىڭمۇ ئىنكاسلىرى ئۈزۈلمىسۇن. يەنە بىر ئامىن! :oops:

  5. ھىكمەت
    02/26/2012 at 07:11
    جاۋاب

    كودنى ئۇسلۇب ھۆججىتى بولمىش functions.phpنىڭ مۇۋاپىق جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇڭ
    مۇشۇ گەپلىرى سەل مۇجىمەل، functions.php نىڭ پالانى يىرىگە دەپ ئىنىق دەۋەتسىلىرى بولىدۇ ئەسلى، مەن سىناپ باقسام خاتالىق يۇز بىرىپ، بىر تالاي كود بىلوگنىڭ بىشىدا ھىجىيىپ ئولتادى قايلىسىلا

    • ئۇيغۇربەگ
      02/26/2012 at 09:29

      مېنىڭمۇ شۇنداق دېگۈم باتى، ماۋۇ يەگە قويۇڭ دەپ، ئەپسۇسكى بىر ئۇسلۇبنىڭ كودى بىلەن يەنە بىر ئۇسلۇب بىلەن، ئوخشاش بىر ئادەمنىڭ ئۇسلۇبلىرى ھەم بىر-بىرىگە ئوخشىمىسا مەندە نە ئامال؟ بۇنداق ئەھۋالدا، بلوگگېر ئۆزى كاللىسىنى ئازراق ئىشلەتمىسە بولمايدۇ، كودنىڭ باش ئاخىرىنى كۈزۈتۈپ بېقىپ functions.phpدىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان كودنىڭ بېشىغا ياكى ئاخىرىغا قويۇپ، نەچچە مىڭ قېتىم سىناش كېرەك، بولمىسا… :???:

  6. تاتلىق
    02/26/2012 at 08:06
    جاۋاب

    ئەگەر باش سۈرەتنى يەرلىكلەشتۈرسەك… بىلوگقا كىرگەنلەر باش سۈرەتنى ئالماشتۇرۇپ كېيىنكى قېتىم بىلوگقا كىرگەندە ئۆزگەرىتكەن باش سۈرەت چىقامدۇ ياكى بۇرۇنقى باش سۈرەت چىقامدۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ
      02/26/2012 at 10:30

      يېڭىلانسا يېڭىلاپ سۇغۇرۇپ ئالىدۇ…

  7. Sehrayim
    02/26/2012 at 16:59
    جاۋاب

    بۇلىدىغان ھۈنەركەن بۇ جۇما ، مەنمۇ كۆچمەي بولمىدى زادى

  8. ئەلكۈن
    02/29/2012 at 07:24
    جاۋاب

    مەنمۇ قاراپ باقاي. ئۆزلىرى بىرەر ئۈلگە كۆرسەتمەپلا بىگىم

    • ئۇيغۇربەگ
      02/29/2012 at 07:34

      مەنمۇ پات يېقىندا ئۈلگە كۆرسىتەي ھە…

  9. ئۇيغۇربەگ
    03/06/2012 at 10:28
    جاۋاب

    ھسدھسدھسد

  10. خاقان515
    04/20/2012 at 12:00
    جاۋاب

    فولدېر ھوقۇقىنى 777 قىلىپ بەلگىلەڭ دېگەننى قانداق چۈشەنسەم بولا ئەمدى.

    • ئۇيغۇربەگ
      04/23/2012 at 13:34

      ھۆججەت قىسقۇچ ھوقۇقىنى ھەممە مەشخۇلاتنى قىلغىلى بولىدىغان قىلىپ بەلگىلەڭ دېگەن گەپ.

    • كۆلچەك
      05/20/2012 at 10:30

      linux دا ئابونىت ھوقوقىنى سان بىلەن ئىپادىلەيدۇ.7بولسا ئوقۇش،يىزىش،ئىجرا قىلىش ھوقوقىنى كۆرسىتىدۇ.بىرىنجى 7سى ھۆججەتنى قۇرغۇچىنىڭ ھوقوقىنى،ئىككىنجى7 سى قۇرغۇچى بىلەن بىر گورۇپپىدىكى ئابونىتنىڭ ھوقۇقى ،ئۈچىنچىسى ھۆججەتنى قۇرغۇچى تەۋە بولمىغان باشقا ئابونىتلارنىڭ ھوقۇقىنى ئىپادىلەيدۇ.

    • ئۇيغۇربەگ
      05/22/2012 at 09:55

      نەق جاۋاب….

  11. يارۇق
    05/22/2012 at 17:23
    جاۋاب

    مېنڭكىدە ھېچنىمە يەرلىكلەشمىدىغۇ.

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي