WordPress بلوگىغا Favicon رەسىم قوشۇش تەدبىرى

a4

قاراپ باقسىڭىز ھەر قايسى داڭلىق تور بېكەتلەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق تۇغ بەلگىسى بولىدۇ، شۇ بېكەتلەرنى ئاچسىڭىز توركۆرگۈنىڭ ئۈستى تەرىپىدە كىچىك بەلگىسى چىقىپ تۇرىدۇ، ئەمدى بىز ئۇنداق چوڭ بېكەت بولمىساقمۇ، بىزمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق بەلگىلەرنى چىقىرىپ قويساق بولىۋېرىدۇ. مەن تۆۋەندە ئەڭ ئاددى خىل ئۇسۇلدا Favicon چىقىرىشنى سۆزلەي.

تەدبىرنىڭ بايانى ۋە پايانى

سىز تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ header.php ھۆججىتىنى ئېچىپ، < head / > دېگەن خەتنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ بولۇپ، favicon.ico نامىدىكى رەسىمنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ images ھۆججەت خالتىسى ئىچىگە قويۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.كود :

<link rel="shortcut icon" type="image/x-icon" href="<?php bloginfo('template_directory'); ?>/images/favicon.ico" />

ھەر قايسىز توركۆرگۈدە مۇزدەك چىقىدۇ، خاتىرجەم قولىنىڭ!

نۇرغۇنلىغان ico رەسىملەر، خالىغانچە ئىزدەڭ

findicons.com

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 12 )
  1. سەرگەردان
    05/17/2012 at 11:55
    جاۋاب

    دېۋان!!
    يەنە مۇتتىن بىرسى كەلدى دە!

  2. گىك
    05/18/2012 at 00:13
    جاۋاب

    مىنىڭ بىلوگىمنىڭ فەۋكونسى ئاجايىپ چىرايلىق جۇما :grin: :idea:

  3. كۆلچەك
    05/18/2012 at 08:41
    جاۋاب

    رەھمەت سىزگە!

  4. نىدا
    05/18/2012 at 10:07
    جاۋاب

    بېگىمنىڭ بۇ بەلگىسى ئەسلى بادەم دوپپا كىيدۈرۈلگەن IE نىڭ بەلگىسىكەن-دە؟ FireFoxنىڭ بىر قىستۇرمىسى بارتى، ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئۇنىڭ بەلگىسى چۈمۈلە مېڭىۋاتقان IE ئىدى، ئىككىڭلارنىڭ بەلگىسى كىچىك ھالەتتە %90 ئوخشاپ قالىدىكەن.

    • ئۇيغۇربەگ
      05/18/2012 at 15:36

      بۇنىمۇ توردىن ئۇچرىتىپ قېلىپ ئىشلىتىپ قالغان ئىدىم، نەدىن بىلەي، ھازىرغا قەدەر ئىشلىتىپ كەپ قالدۇق…

  5. كۆنچى
    05/18/2012 at 12:22
    جاۋاب

    بەگ ئاكا ئەجرىمگە single.php دىن بىرنى يېزىپ بەرسەڭ بولاتتى دەيمەن… :cry:

    • ئۇيغۇربەگ
      05/18/2012 at 15:35

      ئايرىمخانىگە…

  6. يارقىن
    05/18/2012 at 13:43
    جاۋاب

    بولىدىكىن… مەنمۇ ئورنىتىۋالدىم…

    • ئۇيغۇربەگ
      05/18/2012 at 15:36

      مۇبارەك بولسۇن!

  7. چەۋەندازلار
    05/19/2012 at 05:15
    جاۋاب

    چەۋەندازلارنىڭ ‹‹چ›› بەلگىسىنى ياقتۇرىدىغانلار بىر سەپكە ئۆتۈڭلار :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ
      05/22/2012 at 10:04

      ياقتۇرمىغانلارچۇ؟

  8. نۇرنىجات
    05/19/2012 at 08:28
    جاۋاب

    نۇرنىجاتنىڭ‹‹ن››بەلگىسىنى ياقتۇرىدىغانلار يېنىمغا ئۆتۈڭلار!پرېستان بۇياققا كېلىڭ!

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي