يېقىندا تۈگەتكەن بىر فىلىم: پادىچى ۋە تاشقى پىلانىت ئادىمى

begkepe

فىلىم كۆرۈۋېتىپ، خاتىرە قالدۇرۇپ قويىدىغان ئادىتىم بار ئىدى، ئەمما نېمە بولدۇم، ئۇزاق زاماندىن بىرى كىنو كۆرسەم ھاپىلا-شاپىلا ئۇخلايدىغان بولۇپ قالدىم، ئەمما يېقىندا نېمە بولدىكىن، تاشقى پىلانىت ھەققىدىكى فىلىملەرنى كۆرسەم ئاجايىپ ھاياجان ئىچىدە گۇمان بىلەن كۈزۈتۈپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدىمغۇ تاڭ. ئالدىنقى ھەپتە «ئامېرىكا مەدەنىيىتى ۋە تارىخى» دېگەن دەرسىمىزدە ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچۇم مارك ئامېرىكا يەرلىك خەلقلىرى(ئىندىيانلار دەپ ئىشلىتىمىز بىز)نى ئەينى چاغدىكى كۆچمەنلەرنىڭ قاتتىق قىرىۋەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى، بۇ ئىش كاللامغا بەك تەسىر قىلىپ كەتتىمۇ تاڭ، بىر ھەپتىدىن بۇيان ئامېرىكىدى ئەينى چاغ يەرلىك خەلق بىلەن كۆچمەنلەرنىڭ كۈرەشلىرىنى بايان قىلىدىغان ئەسەرلەرنى ئىزدەپ تۇرۇپ كۆرىدىغان بولدۇم.

«پادىچى ۋە تاشقى پىلانىت ئادىمى»(خەنسوچە:牛仔与外星人) بۇ فىلىممۇ مۇشۇ زاماندىكى بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بىرىدىغان بولۇپ، 1873-يىلى ئامىرىكىدىكى يېڭى بىر كەنىتتە بىر غەلىتە كىشى پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە ھېچنېمىنى ئەسلىيالمايتى، كەنىتتىكى كىشىلەرمۇ بۇ كىشىنى يۇچۇن كىشى دەپ ئارىغا ئالمايدۇ ياكى تۇتماقچى بولىدۇ، دەل شۇ ۋاقىتنىڭ بىرىدە ئۇچار تەخسىلەر ئۇچۇپ كېلىپ كەنىتتىكىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ كېتىدۇ، پۈتۈن كەنت زۇلمەت ۋە ۋەھىمە ئىچىدە قالىدۇ، ھېلىقى يۇچۇن كىشى بولسا كەنىتتىكىلەرنى باشلاپ تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىدۇ، يۇچۇن كىشى بولسا يەرلىك خەلقلەر(ئىندىئانلار)نىڭ ياردىمى بىلەن خاتىرىسىنى تاپىدۇ، شۇنداقلا يەنە بىر پىلانىتىدىن ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش، شۇنداقلا ئۆز قەۋمى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن بىر ئايال پەيدا بولىدۇ، كۆچمەنلەر، يەرلىك خەلقلەر، ھېلىقى ئايال بىرلىشىپ ئاشۇ ئاچكۆز تاشقى پىلانىتا ئادەملىرى بىلەن بىر قېتىملىق كۈرەشكە ئاتلىنىدۇ…

كىنونىڭ ۋەقەلىكىمۇ ياخشى، مەزمۇنى ياخشى، ئىشقىلىپ مەن ياقتۇرۇپ كۆرۈپ قويدۇم، سىلەر ياقتۇرامسىلەر، بىلمەيمەن…

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 7 )
  1. ئۇچقۇن
    05/13/2012 at 15:51
    جاۋاب

    ھە ياخشى كىنو دېمىسىمۇ :grin:

    • ئۇيغۇربەگ
      05/13/2012 at 15:54

      بوشلۇق شاشتۇ؟ :lol:

    • ئۇچقۇن
      05/15/2012 at 13:31

      بوشلۇق ئاتتەك كېتىپ بارىدۇ ..ھېرىپ قالمىسا ياخشى بۇلاتتى

  2. ئوسال
    05/15/2012 at 11:39
    جاۋاب

    مۇشۇ كىنو نىڭ خەتلىك نۇسخسى بولغان بولسا ، بەك تەلمۇرۇپ كەتتىم :razz:

  3. ئالپبەگ
    05/17/2012 at 09:01
    جاۋاب

    ئىندىيانلارغا بەك قىزىقىپ قويىۋاتىمەنغۇ مۇشۇ كەمدە. ئۇلار ھەر يىلى ئىندىيانلار ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ قۇرۇلتىيىغا قاتناشماي ئىزچىل تۈركى مىللەتلەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ. دېمىسىمۇ ئۇلارنىڭ يىلتىزى ئىنسانىيەت پاراۋۇزى ئۇيغۇر ئەمەسمۇ…
    ئۇيغۇربەگ ھەزىرىتىم بۇ كىنونى چۈشۈرىۋېلىپ كەچتە ماتاڭ غاجىلىغاچ كۆرە ھە :mrgreen:

  4. huxhuy
    05/19/2012 at 13:17
    جاۋاب

    بىر كۆرۈشكە ئالدىراۋاتىمەن.تىزرەك يوللىۋەتسىلە بولار

  5. ئابدۇكېرەم
    06/03/2012 at 11:51
    جاۋاب

    启示录بۇ فىلىمنى تەۋسىيە قىلاي. بەلكىم كۈرۈپمۇ بولغانسىز.

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي