WordPress كە كۆپ دانە ئۆزى بەلگىلىگەن تىزىملىك ئىقتىدارنى قوشۇش

تىزىملىك ئىقتىدارى (Menus) بولسا wordpress نىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئىقتىدارى، بۇ ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىز باشلىغۇچى تىزىملىكنى ئىختىيارىڭىزچە قوشالايسىز ياكى ئېلىپ تاشلىيالايسىز. مەلۇم سەھىپىنى، ئىچكى-تاشقى ئۇلانمىنى ياكى مەلۇم بەتنى تىزىملىككە ئۇلاپ قويالايسىز، ئۇسلۇبىڭىزدا بۇنداق ئىقتىدار بولسا سىزگە ئاز بولمىغان قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ، مەسىلەن مەن يېزىپ چىققان Prestan Simple 2 ئۇسلۇبىدا تۇغ ئۈستى ۋە ئاستى ئايرىم-ئايرىم ئىككى خىل تىزىملىك بار. سىز پەقەت تۆۋەندىكى 2 قەدەمنى ئوڭۇشلۇق باسسىڭىز تىزىملىك ئىقتىدارى ئۇسلۇبىڭىزدا پەيدا بولىدۇ.

1. ئۇسلۇبىڭىزدا ئۆزى بەلگىلىگەن تىزىملىك ھاسىل قىلىش كودى

تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ fonction.php ھۆججىتىنى ئېچىپ ئەڭ ئاستىدىكى < ? بەلگىسىنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ؛

// Ozi belguligen tizimlik
register_nav_menus(
array(
‘header-menu’ => __( ‘1-Tizimlik’ ),
‘footer-menu’ => __( ‘2-Tizimlik’ )
)
);

2. تىزىملىكنىڭ كۆرسىتىلىش ئورنىنى بەلگىلەش كودى

1-تىزىملىك كودى:

<?php wp_nav_menu( array( ‘theme_location’ => ‘header-menu’ ) ); ?>

2-تىزىملىك كودى:

<?php wp_nav_menu( array( ‘theme_location’ => ‘footer-menu’ ) ); ?>

يۇقۇرىدىكى ئىككى كودنى سىز ئۆزىڭىز تىزىملىكنى كۆرسەتمەكچى بولغان ئورۇنغا ئايرىم ئايرىم قويسىڭىز بولىدۇ. كوددىكى header-menu ۋە footer-menu دېگەن خەتلەرنى ئۆزىڭىز بەلگىلىسىڭىز بولدۇ، ئەمما بارلىق كودلاردىكى ئۆزگەرتكەن خېتىڭىز ئوخشاش بولىشى كېرەك. ئەمدى ئارقا سۇپىغا كىرىپ قاراپ بېقىڭ، تىزىملىك قوشۇش ئىقتىدارى ھازىر بولۇپتىمۇ قانداق. قالدى گەپ ئۆزىڭىز css يېزىپ بەرسىڭىز بولىدۇ، مەن بۇيەردە قانداق يېزىش ھەققدە توختالمايمەن، ئۆزىڭىز خالىغانچە يازسىڭىز بولىدۇ.

ئاپتور: prestan

ئىنكاسلار ( 14 )
  1. ئۇيغۇربەگ
    03/23/2012 at 15:21
    جاۋاب

    ما تېخنىكىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى!
    – ب ب تەشكىلاتى

  2. تۇران تېكىن
    03/23/2012 at 15:52
    جاۋاب

    بۇ ئىقتىدار ھەقىقەتەن زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلىدىكەن. ھازىرقى ئۇسلۇبىمدا بۇ ئىقتىدار بار بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى خېلى يۇقىرى بۇلىۋاتىدۇ.

  3. ئۇدۇن
    03/23/2012 at 22:33
    جاۋاب

    بولىدىغان تېخنىكا ئىكەن!!! ئۆگىنىۋالدىم…

  4. ئىزتىل
    03/24/2012 at 08:31
    جاۋاب

    پرستاننىڭ ئۇسلۇبى مۇشۇنداق ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى .

  5. شەربەت
    03/24/2012 at 11:57
    جاۋاب

    پىرىستاننىڭ يازمىلىرى تېخنىك قىممىتى بىلەن بېزەلگەن، ئوقۇسا جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ :razz:

  6. پۇرسەت
    03/24/2012 at 14:01
    جاۋاب

    تىزىملىك قوشۇش ئىقتىدارى ھازىر بولۇپتۇ،لېكىن قانداق كۆرسىتىشنى بىلمىدىمغۇ؟تىزىملىك قوشۇش دېگەندىنمۇ قوشۇپ بدقتىم،ھېچ ئۈنۈمىنى كۆرمەيمەن،ئاستىدىكى كودنى قەيەرگە قوشىدىغان بولغىيتۇق؟

    • پرېستان
      03/25/2012 at 01:55

      Header.php نىڭ ئىچىگە قويسىڭىز بولىدۇ.سىز شۇ ئاشۇ كودنى قانداق ئورۇندا كۆرسەتمەكچى بولغان بولسىڭىز شۇ يەرگە قويىسىز. header.php نىڭ ئەڭ ئاستىغا قويۇپ سىناپ بېقىڭ قانداق ئورۇندا كۆرۈنىدىكەن، ئۆز ئەھۋالىڭىزغا قاراپ ئورنىنى ئالماشتۇرسىڭىز ۋە ياكى css يېزىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.

  7. تىلەك
    03/29/2012 at 12:17
    جاۋاب

    مەن بىلوگىمنىڭ ئۈستىگە «باش بەت» دىگەن تىزىملىكنى قاتالمايۋاتىمەن، ئاستىدا بار بولمىسا، بېشىغا چىقىرالمىدىم . پىرىستان بەگ بىر ياردەم قىلسىڭىز بولاتتى.

    • ئۇيغۇربەگ
      03/29/2012 at 13:19

      تىزىملىك ئىقتىدارى بارمۇ بلوگىڭىزنىڭ؟

    • تىلەك
      03/30/2012 at 02:53

      تىزىملىك دەپ كۆرمىدىم، لېكىن «بەتلەر» دەپ بەت قاتىدىغان يەر بار ئىكەن، ئۇ يەردىن بىر-ئىككى بەت قېتىپ قويدۇم، لېكىن باش بەت دىگەن تىزىملىكنى ئىشقا ئاشۇرالمايۋاتىمەن. قانداق قىلسام بولا؟
      باش بەت دەپ بەتتىن بىرنى قويۇپ css ئوينايدىغان ئىشمۇ يە؟ لېكىن مەن بۇنى قىلالمايمەن جۇمۇ. :cry:

    • ئۇيغۇربەگ
      04/01/2012 at 11:48

      ئارقا سۇپا – كۆرۈنۈش – تىزىملىك
      مانا بۇ يەدە با، شۇ يەگە قوشۇپ سىناپ بېقىڭ.

  8. ئەلشات
    04/05/2012 at 12:34
    جاۋاب

    بۇ ئۇسۇلدا قى؛سا سىيرىلما تىزىملىك بولمامدۇ نىمە؟ مەن قىلسام بىر تىزىملىك بولدى ئەمما ئىچىدىكى سىيرىلىپ چۈشىدىغان ئۈنۈم چىقمىدى

  9. پرېستان
    04/05/2012 at 14:52
    جاۋاب

    بۇ يازمىدا سىرىلما تىزىملىك ھەققىدە گەپ يوق، شۇڭا قوللىمايدۇ. سىرىلمە تىزىملىك ھەققدە يازمىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز مەن بىرنى يوللاپ قوياي.

  10. ئەلسىھەت
    05/06/2012 at 06:02
    جاۋاب

    مەنمۇ مۇشۇ ھۈنەنى ئىزدەپ يۈرگەن. ئاخىرى قىلىۋالدىم :mrgreen: رەھمەت

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي