wordpress كە ئالمىشىپ تۇرىدىغان رەسىم(幻灯片) قوشۇش

يېقىندا بلوگىمغا ئالمىشىپ تۇرىدىغان رەسىم(幻灯片) قوشتۇم. بەزى دوستلار ئۆزىنىڭمۇ بلوگىغا مۇشۇنداق ئىقتىدارنى قوشقۇسى بارلىقنى ئېيتتى، ئۇنداقتا مەن بۇ ئۈنۈمنى قانداق قوشقانلىقىمنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتەي، دوستلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قوشۇۋېلىشى ئۈچۈن مەن بارلىق كودلارنى بىرلا php ھۆججىتىنىڭ ئىچىگە يىغىپ قويدۇم، بۇنداق بولغاندا بىرقانچە ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنىپ قالالايسىلەر.

قەدەم باسقۇچلىرى:

1. ئاۋال مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاستىدىكى چۈشۈرۈش دېگەن خەتنى بېسىپ پرېسلانغان ھۆججەت خالتىسىنى چۈشۈرۈڭ. ئىچىدىكى js نامىدىكى ھۆججەت خالتىسىنىڭ ئىچىدىكى js نى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ js دېگەن ھۆججەت خالتىسىغا قويۇڭ، ئەگەر ئۇسلۇبىڭىزدا js دېگەن ھۆججەت خالتىسى بولمىسا، ئۆزىڭىز بىرنى قۇرسىڭىز بولىدۇ.
2. رەسىملەرنى قوشۇش ئۈچۈن، img دېگەن ھۆججەت خالتىسىنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ images دېگەن ھۆججەت خالتىسىنىڭ ئىچىگە قويۇڭ. img دېگەن ھۆججەت خالتىسىنىڭ ئىچىدىكى رەسىملەرنى ئۆزىڭىز خالىغانچە ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
3. ئەمدى slide.php نامىدىكى ھۆججەتنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە قويۇڭ. ئۇسلۇبنىڭ غول مۇندەرىجىسى دېگەن قەيەر ئەمدى؟ جاۋاب: style.css دېگەن ھۆججەت بىلەن بىر يەرنى كۆرسىتىدۇ.
4. ئەمدى يەڭنى تۈرۈپ تۇرۇپ ئىش قىلىدىغان يەرگە كەلدۇق، سىز ئالمىشىپ تۇرىدىغان رەسىم قەيەرگە قويماقچى بولسىڭىز شۇ يەرنى ئېچىپ، تۆۋەندىكى كودنى قويۇڭ.

<?php include(TEMPLATEPATH . ‘/slide.php’); ?>

بۇ كودنىڭ مەنىسى slide.php دىكى كودلارنى سىز قويغان ئورۇنغا ئېلىپ چىقىشنى بىلدۈرىدۇ.

ئەگەر سىز مەزكۇر ئىقتىدارنى پەقەت باشبەتتىلا كۆرۈنىدىغان، باشقا بەتلەردە كۆرۈمەيدىغان قىلىمەن دېسىڭىز، ئۈستىدىكى كودنىڭ ئورنىغا تۆۋەندىكى كودنى قويسىڭىز بولىدۇ.

<?php if(is_home()){ ?>
<?php include(TEMPLATEPATH . ‘/slide.php’); ?>
<?php } ?>

ئىزاھات: مەزكۇر ئىقتىدارنىڭ تەڭشەكلىرى slide.php نىڭ ئىچىدە، ئۆزىڭىز خالىغانچە تەڭشەڭ.

ھۆججەتنى چۈشۈرۈش

ئاپتور: prestan

ئىنكاسلار ( 14 )
  1. ئۇدۇن
    04/14/2012 at 15:33
    جاۋاب

    مەن بۇ ئۇسۇلدا چىقىرىپ مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى!!! :grin:

  2. huxhuy
    04/14/2012 at 16:21
    جاۋاب

    يەنە بىر ئوبدان تىخنىكا بىلدۈرگىنىڭىزگە رەھمەت.ئورنىتىپ باقاي قېنى…

  3. بىلدۈر
    04/15/2012 at 01:03
    جاۋاب

    بولىدىغان ماھارەتكەن، مېنىڭ بلوگمدىكى رەسىمنىڭ ئورىنىغا مۇشۇنداق ئايلانما رەسىمنى ئورىناتقىلى بولارمۇ ؟

  4. يولۋاسباي
    04/15/2012 at 01:44
    جاۋاب

    ماۋۇ ئۇسۇلنىمۇ ئۇگىنىۋالدۇق مانا

  5. ئوربېتا
    04/15/2012 at 05:07
    جاۋاب

    مەن يېڭى ئۆگنگۈچى بولغانكى ماڭا بىر يول كۆرسىتىڭە: (سىز ئالمىشىپ تۇرىدىغان رەسىم قەيەرگە قويماقچى بولسىڭىز شۇ يەرنى ئېچىپ، تۆۋەندىكى كودنى قويۇڭ.) ؟

    • پرېستان
      04/15/2012 at 13:35

      دېمەكچى: سىز بۇ كودنى header.php نىڭ ئەڭ ئۈستىگە قويۇپ سىناپ بېقىڭ، قانداق بولىدىكەن؟ ياكى index.php نىڭ ئەڭ ئۈستىگە قويۇپ سىناپ بېقىڭ قانداق بولىدىكەن؟ ۋە ياكى footer.php نىڭ ئەڭ ئاستىغا قويۇپ بېقىڭ قانداق بولىدىكەن؟

  6. قارا مۈشۈك
    04/15/2012 at 15:34
    جاۋاب

    بۇ مۇ بولدىغان ئۇسۇلكەن ،مەن قىستۇرما بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ يۈرۈپتىمەن

  7. ھارماس
    04/16/2012 at 05:03
    جاۋاب

    ماڭا يول كۈرسەتسىڭىز قانداق قىلسام رەسىمنى ئالماشتۇرا لاي مەن

    • پرېستان
      04/16/2012 at 05:54

      2. رەسىملەرنى قوشۇش ئۈچۈن، img دېگەن ھۆججەت خالتىسىنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ images دېگەن ھۆججەت خالتىسىنىڭ ئىچىگە قويۇڭ. img دېگەن ھۆججەت خالتىسىنىڭ ئىچىدىكى رەسىملەرنى ئۆزىڭىز خالىغانچە ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

  8. كارەن
    04/16/2012 at 13:07
    جاۋاب

    مەن سىز دىگەندەك قىلدىم لىكىن ھېچ ئۈنۇمىنى كۆرمىدىمغۇ؟…..

  9. ئوربېتا
    04/16/2012 at 15:42
    جاۋاب

    ۋاھ پەچەت ئىش بولدى مانا بۇنىمۇ ئۆگۈنىۋالدىم….پىرىستان رەھمەت …
    قەبىلىلەر ئارىسىدا يۈز تاپتىڭىزدە ….
    يۈز تاپتى دېگەنلىك يول تاپتى دېگەنلىك …
    كونىلاردا پۇل تاپقۇچە يۈز تاپ دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمىدى … :mrgreen:
    سەل كۆپ سۆزلەپ قويدۇممۇ نېمە ؟ :shock:

    • ئۇيغۇربەگ
      04/23/2012 at 13:27

      كۆپ سۆزلەپ قالغىنىڭىز ئېنىق….

  10. تورسودا
    05/08/2012 at 17:53
    جاۋاب

    بۇمۇ ھەقىقەتەن مەن ئىھتىياجلىق بىلىمكەن……شۇغىنىسى مەن تازا قاملاشتۇرالمىدىم QQ 345416771بولغاي….ئەگەر , مۇمكىن بولسا بىرەرسىڭلار ياردەم قىلساڭلار بە خۇرسەن بولغان بولاتتىم

  11. ئەبۇ باھادىر
    03/08/2013 at 10:55
    جاۋاب

    بۇ ھۆنەر يازمىغا نادىر رەىسىمنى چىقارمىغان ئەھۋال ئاستىدا، سېستىما ئاپتىماتىك ھالدا يازمىغا بىز تەمىنلەپ قويغان شۇ بىر خىل رەسىمنىلا چىقىرىشقا ئىشلىتىلەمدۇ؟

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي