WordPress بلوگىدىكى قسىتۇرمىلارنىڭ يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى يۇقىتىش

باشقۇرۇش بېتىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بەزىدە «ئۇ قىستۇرمىنى يېڭىلاڭ، بۇ قىستۇرمىنى يېڭىلاڭ» دېگەن خەت پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ھە ماقۇل دەپ بىرلا يېڭىلاپ قويساق، تەلىيمىزگە ساق يېڭىلانسىغۇ مەيلى، تەلەي كەلمەي قالسا ئۇسلۇبتىكى مەلۇم بىر كود بىلەن پېتىشماي كاشال چىقىدىغان ئىش. يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق يۇقاتسىڭىز بولىدۇ. قىستۇرمىلارنى بەك يېڭىلىغىڭىز كېلىپ كەتسە ئەڭ ياخشىسى كومپىيوتېرىڭىزدا بىر قېتىم سىناق قىلىپ بولۇپ، ئاندىن قەدىرلىك بلوگىڭىزدىكى قىستۇرمىنى يېڭىلىسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. ئاخىرىدا سىلەرگە تەۋسىيە قىلىدىغىنىم قىستۇرمىلارنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنى ئىشلىتىڭلار.

كود قىسىمى:

تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ function.php ھۆججىتىنىڭ ئەك ئاستىغا چاپلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.

<?php
remove_action( ‘load-update-core.php’, ‘wp_update_plugins’ );
add_filter( ‘pre_site_transient_update_plugins’, create_function( ‘$a’, “return null;” ) );
?>
ئاپتور: prestan

ئىنكاسلار ( 13 )
  1. ئەرك
    05/02/2012 at 14:15
    جاۋاب

    بۇ بولسا «0 ئىنكاسلىق يازما» نى يۇقۇتۇش ئۈچۈن ئاپتۇماتىك يېزىلغان ئىنكاس.

    • ئۇيغۇربەگ
      05/02/2012 at 14:28

      بادامنىڭ ئاپتوماتىك ئىنكاس يىزىش سەۋىيىسى بلوگ ئارىسىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ….

  2. مۇزات
    05/02/2012 at 14:29
    جاۋاب

    مەن دەل مۇشۇنداق ئىشقا يۇلۇققان،توخىتىماي يېڭلاڭ دەپ چىقىۋېلىپ بەكلا ئىچىمنى پۇشۇرۋەتكەن.ئەمدى يەنە چىققاننى كۆرەيچۇ قېنى.

  3. نۇرتىكىن
    05/02/2012 at 14:34
    جاۋاب

    بۇلىدىغان ئامالكەن بۇ… رەھمەت بىگىم

  4. نۇرنىجاد
    05/02/2012 at 15:10
    جاۋاب

    يېڭى تېمىلاردا نېمىشقا دىۋان تەگمەيدىغاندۇ دەيمە؟

    • ئۇيغۇربەگ
      05/03/2012 at 13:55

      باشقىلار دىۋان ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز كۈزەتتە ئەمەسمۇ…

  5. ئىقبال
    05/02/2012 at 15:33
    جاۋاب

    مېنىڭمۇ ئەجەپ ئىچىمنى پۇشۇرغان ئىشتى ، ئەمدى بىر كۆز ئالايتىپ باقسۇنچۇ قىنى ؟ قىنىنى ئىچىمەن ئۇ يىڭىلىنىمەن دېگەن قىستۇرمىنىڭ …..راسا بىر گۆشەيتىۋەتمىسەم ھېساب ئەمەس!!!

    • ئۇيغۇربەگ
      05/24/2012 at 02:38

      زادى شۇنداق قىلىش كېرەك، ئۇ كىسپۇرۇشلارنى

  6. Geek
    05/02/2012 at 16:05
    جاۋاب

    قېنى بىر سىناپ باقىلى ….

  7. ئۇدۇنبەگ
    05/03/2012 at 03:07
    جاۋاب

    ياخشى ھۈنەركەن، ئۆگىنىۋالدىم :idea:

  8. ئىزتىل
    05/03/2012 at 08:44
    جاۋاب

    مەنلا قالغان ئوخشايمەن سىناق قىلىپ باقمىغان .

  9. ھەق يول
    05/23/2012 at 21:27
    جاۋاب

    مەن يۇقارقى كودنى قىستۇرۇپ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قىلغان ئىشىم يوققا چىقتى. ھەممىنى بۇزىۋەتتى. تورنى زىيارەت قىلىش، باشقۇرۇشقا كىرىش ھەممىنى 0 قىلدى. سىنىماقچى بولغانلار دىققەت قىلىڭلار. مەندەك ئاقىۋەتكە قالماڭلار. :cry:

    • ئۇيغۇربەگ
      05/24/2012 at 02:38

      قانداق مەسىلە چىقتى؟ تۇرايىمىز ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەشكە تەييار…

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي