WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن فۇنكىسىيەلەر ئارقىلىق بېكەت ئۇچۇرلىرىنى ستاتىستىكىلاش

WordPressنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆزى تەمىنلىگەن بىر قىسىم فۇنكىسىيەلەر ئارقىلىق بېكەت سانلىق مەلۇماتلىرى، مەسىلەن: ئومۇمىي يازما سانى، باھا سانى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سىتاتسىكىلاشقا بولىدۇ. گەرچە بىر قىسىم قىستۇرمىلار ئارقىلىقمۇ ئوخشاش مەقسەتكە يەتكىلى بولسىمۇ، بىراق قىستۇرمىلارنىڭ كۆپىيىشى، پۈتكۈل WordPress نىڭ سۈرئىتىگە ئازدۇر كۆپتۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ، شۇڭا بەزىدە يەنىلا تەييار كود ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىمىز.ئەلۋەتتە بېكەت سىتاتسىكا ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق بلوگىڭىزدىكى يېڭى ئوقۇرمەنلەرنى بلوگىڭىز ھەققىدە قىسقىچە ئارخىپقا ئىگە قىلغىلى ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئۆتىگىلىمۇ بولىدۇ.

1. يازما ئومۇمى سانى

<?php
$count_posts = wp_count_posts();
echo $published_posts = $count_posts->publish;
?>

مىسال: بېكەتتىكى ئومۇمى يازما: code پارچە
بۇ يەردىكى code نىڭ ئورنىغا يۇقارقى كودنى قويساقلا بولدى، تۆۋەندىكىلەرمۇ ئوخشاش.

2. كوپىيە سانى

<?php
$count_posts = wp_count_posts();
echo $draft_posts = $count_posts->draft;
?>

3. جەمئىي ئىنكاس/باھا سانى

<?php
echo $wpdb->get_var(“SELECT COUNT(*) FROM $wpdb->comments);
?>

4. بلوگ قۇرۇلغان ۋاقىت

<?php
echo floor((time()strtotime(“2008-8-18”))/86400);
?>

5. خەتكۈچ سانى

<?php
echo $count_tags = wp_count_terms(‘post_tag’);
?>

6. جەمئىي بەت سانى

<?php
$count_pages = wp_count_posts(‘page’);
echo $page_posts = $count_pages->publish;
?>

7. تۈر/سەھىپە/كاتېگورىيە سانى

<?php
echo $count_categories = wp_count_terms(‘category’);
?>

8. ئومۇمى ئۇلانما سانى

<?php
$link = $wpdb->get_var(“SELECT COUNT(*) FROM $wpdb->links WHERE link_visible = ‘Y'”);
echo $link;
?>

9. ئەزا سانى

<?php
$users = $wpdb->get_var(“SELECT COUNT(ID) FROM $wpdb->users);
echo $users;
?>

ئەسكەرتىش: بۇ ئىقتىدار WordPress نىڭ ئەزا قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاچقاندا ئۈنۈملۈك

10. ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقتى

<?php
$last = $wpdb->get_results(“SELECT MAX(post_modified) AS MAX_m FROM $wpdb->posts WHERE (post_type = ‘post’ OR post_type = ‘page’) AND (post_status = ‘publish’ OR post_status = ‘private’)”);
$last = date(‘Y-n-j’, strtotime($last[0]->MAX_m));
echo $last;
?>

يازما مەنبەسى:

تورخۇمارلار كۇلۇبى: WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن فۇنكىسىيەلەر ئارقىلىق بېكەت ئۇچۇرلىرىنى سىتاتسىكىلاش

ئاپتور: prestan

ئىنكاسلار ( 8 )
  1. ئىزتىل
    05/10/2012 at 14:19
    جاۋاب

    بەگلىكتە تۇنجى قېتىم دىۋاندا ئولتۇرۇپ دىۋان ئاتالغۇسىنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ باقايلى!

  2. مۇزات
    05/10/2012 at 16:21
    جاۋاب

    ماۋۇزە بۇلدىغان ياخشى ئۇسۇلكەن،مەن بۇرۇن باشىقىلارنىڭكىنى كۆرۇپ قانداق چىقىردىغاندۇ دەپ ئويلايتىم.رەھمەت سىزگە!

  3. بۇغرا
    05/12/2012 at 16:10
    جاۋاب

    زىيارەت قېتىم سانىنى چىقارغىلى بولارمۇ؟

    • پرېستان
      05/19/2012 at 08:21

      ھازىرچە قىستۇرما ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلدۇق، بۇنداق ئاددىي كودى ھازىرچە يوق.

  4. سەرگەردان
    05/14/2012 at 12:22
    جاۋاب

    ئۇيغۇربەگ بارغانسىرى سىخىيلىشىپ كېتىۋاتىدۇ جۇمۇ باللا! تەشەككۈرلەر…

    • ئۇيغۇربەگ
      05/14/2012 at 13:29

      ئەرزىمەيدۇ…

  5. ئىليار
    01/17/2013 at 19:58
    جاۋاب

    مەلۇم بىر كاتېگورىيە ئىچىدىكى يازما سانى ، مەلۇم بىر خەتكۈچكە تەۋە يازما سانىنى كۆرشىتىتە قايسى كود نى ئىشلىتىمىز ؟

    • ئۇيغۇربەگ
      01/18/2013 at 06:17

      بۇنى بىلمەيدىكەنمەن.

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي