wordpress 3.5.1 تا دوستانە ئۇلىنىشنى قانداق قوشىمىز


بلوگىمنى wordpress 3.5.1 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسغا يېڭىلىغاندىن كېيىن «ئۇلانما باشقۇرغۇچ» نىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، wordpress نىڭ ئۇيغۇرچە ئورگان تورىغا قاراپ باقسا، بۇ قېتىمقى نەشرىدە «ئۇلانما باشقۇرغۇچ» نىڭ چىقىرىپ تاشلانغانلىقى ئېيتىلىپتۇ، ئۇنداقتا دوستانە ئۇلىنىشنى قانداق قاتىمىز؟ بۇنىڭ ئىشىمۇ ئاسان ئىكەن، ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن «Link Manager» قىستۇرمىنى (ئاپتورى: wordpress) قاچىلاش ئارقىلىق ئۇلىنىش قۇشۇش مەقسىتىمىزگە يېتەلەيدىكەنمىز. باشقۇرۇش تاختىسىدىن (بۇرۇن باشقۇرۇش بېتى دەيدىغان، ھازىر باشقۇرۇش تاختىسى دەيدىكەنمىز ) قىستۇرمىنى ئىزدەپ قاچىلاپ قويساقلا ئىش تامام.

ئاپتور: prestan

ئىنكاسلار ( 7 )
  1. ئەلكۈن
    02/03/2013 at 10:35
    جاۋاب

    ياخشى گەپلەر! لېكىن مەن شۇ تاپتا نەشىرىنى كۆتۈرۈشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن… بىرە پىيالە چاي ئىچكەن نەشىرىنى يېڭىلاپ قويسام بولغۇدەك… پرېستان ھەزىرەتلىرىگە تەشەككۈر!

  2. huxhuy
    02/03/2013 at 13:11
    جاۋاب

    قاچىلاپلا قويساق ئەسلىدىكى ئۇلانمىلار جايىغا كېلەمدىكەن،ياكى يەنە بىر-بىرلەپ قوشىمىزمىكەن؟

    • پرېستان
      02/03/2013 at 18:06

      ئەسلىگە كېلىدىكەن.

  3. يولۋاسباي
    02/03/2013 at 15:17
    جاۋاب

    نەشىرنى كۆتۇرۇشنى كۆتۇرۇپ بولدۇق مانا پىرىستان ئەپەندىنىڭ يەنە داۋاملىق يىڭى قىستۇرمىلار بىلەن تەمىن ئىتىشىگە تولىمۇ ئىنتىزارمىز

  4. ئەلشات
    02/06/2013 at 15:46
    جاۋاب

    مەن نەشىرنى يۇقىرى كۆتۈرسەم ئارقا بىتىمنىڭ خەتلىرى بىنۇرمال بولۇپ قالدىيا نىمە ئىش بۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ
      02/07/2013 at 09:12

      يېڭى نەشىرىدە شۇنداق ئەھۋاللار مەۋجۇد، مۇئەللىم ئەپەندى ھازىر ھەدەپ ئامال قىلىۋاتىدۇ…

  5. ئەلتەر
    12/07/2013 at 05:39
    جاۋاب

    رەخمەت مەنمۇ ئورنىتىۋالدىم

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي