«ئاكام سەمەت» قىستۇرمىسى ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق سپەم(ئەخلەت ئۇچۇر)لارنى قەتلىئام قىلىش تاكتىكىسى

424-1

خوش، يېقىندىن بۇيان بلوگىڭىزدا ئىنگىلىزچە ئىنكاسلار يېغىپ كەتتىمۇ؟ بەلكىم «يېڭى WordPressچىلەرنىڭ 5 قىززىق ئىشلىرى، سىز قانچىسىنى قىلىپ باقتىڭىز» ناملىق يازمىمىزدا ئېيتىلغاندەك، بۇ ئىنكاسلاردىن ھاياجانلىنىپ ئۇ ئىنكاسلارنى تەستىقلاپ، جاۋاب بېرىپ ئولتۇرۇۋاتامسىز؟ كېيىن قارىسىڭىز بۇ ئەخلەت ئۇچۇرلار كۈنىگە 100 تالدىن، ھەتتا 1000 تالدىن كۆپىيىۋاتقان، سەل بىنورماللىق ھىس قىلىۋاتقىنىڭىزدا تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، سىزگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىۋاتقان، سىز مۇدائىپە كۆرۈشنى ئەمدى باشلاپ، كۈندە ئىنكاس ئۆچۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان، كېيىن ئۆچۈرۈپ بولالماي چارچاپ كېتىۋاتقان، ئاھ، بۇنداق ھالدا بلوگ يازغاندىن بېرىپ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا بېرىپ ئىنكاس يازسامچۇ دەپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتقان… ھىم، قايغۇرماڭ،  بۈگۈن مۇشۇ ئەخلەت ئۇچۇرلار ئۈچۈن «ئاكام سەمەت» قىستۇرمىسى ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق سپەم(ئەخلەت ئۇچۇر)لارنى قەتلىئام قىلىش تاكتىكىسىنى ئۆگۈنۈپ قويغۇلۇق، ماڭا ئىشىنىڭكى، سىزگە ياشاش يولى ھامان بار!…

ساۋاتسىزلىقنى تۈگۈتۈش دەرسى

سپەم دېگەن نېمە؟

جاۋاب : SPAM دېگىنىمىز، ئەخلەت ئېلان ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك يوللاش ئۈچۈن تۈزۈلگەن مەخسۇس ماشىنا پروگراممىسىدا يوللانغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئادەتتىكى ئەخلەت ئۇچۇرلار بىلەن بولغان پەرقى: ئالدىنقىسى مەخسۇس تۈزۈلگەن پروگرامما ئارقىلىق توپ ھالدا نەچچە يۈزلىگەن ئۇچۇرنى بىراقلا يوللايدۇ، كېيىنكىسى بولسا، بىر قىسىم ئەخلەت ئۇچۇر يوللايدىغانلار، بلوگقا ئۆزى كىرىپ يوللايدىغان «مەدەنىي ئەخلەت»لەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا WordPress تىمۇ SPAM دېگەن سۆز ئەخلەت دېگەن سۆز بىلەن پەرقلەندۈرۈلۈپ، سىپەم دەپ ئېلىنغان(بۇ مەزمۇن تورخۇمار كۇلۇبىدىن نەقىل قىلىنىپ ئېلىندى).

«ئاكام سەمەت» كىم؟

جاۋاب : «ئاكام سەمەت» سېستىمىدا سۈكۈتتىكى ھالەتتە قاچىلىنىپ قويۇلغان Akismet ناملىق قىستۇرمىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى بولۇپ، بۇ قىستۇرما مەخسۇس سپەمگە قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، نۆۋەتتە سىپەمنى توسۇسنىڭ ئۈنۈمدارلىقى 99%گە يېتىدىكەن.

«ئاكام سەمەت»ئارقىلىق سپەم(ئەخلەت ئۇچۇر)لارنى قەتلىئام قىلىش تەييارلىقى

1. ئاۋۋال قىستۇرمىنى قاچىلاپ، ئاندىن قوزغىتىڭ(نورمالدا سېستىمىنى قاچىلىغاندا بۇ قىستۇرمىمۇ تەڭ قاچىلانغان بولىدۇ، ناۋادا ئۆچۈرۈۋەتكەن بولسىڭىز ئارقا سۇپىدىكى قىستۇرما قاچىلاش دېگەن ئورۇندىن Akismet دەپ ئىزدەپ قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ).

2.ئەمدى «ئاكام سەمەت»نىڭ ئورگان بېتىگە بېرىپ، ھوقۇق نومۇرى، يەنى API KEYدىن بىرنى ئىلتىماس قىلايلى. ئىلتىماس قىلىش ئادرېسى تۆۋەندىكىدەك :

http://akismet.com/wordpress/

3. يۇقارقى بېكەت ئېچىلغاندىن كېيىن«Get an Akismet API key»دېگەن تاللاشنى بېسىڭ:

Akismet-anti-spam-plugin-for-WordPress_thumb

4. ئاندىن چىققان تاللاشلاردىن «شەخسىيلەر ئۈچۈن»(Personal)دېگەن قىزىل بەلگە بېرىلگەن جاينى تاللايمىز:

5.ئەمدى كاتەكچىلەرنى تولدۇرۇپ ئىلتىماس قىلىشنى باشلايلى.

First name – ئىسمىڭىز

Last name – فامىلىڭىز

Email – ئېلخەت

Confirm email – ئېلخەتنى جەزىملەڭ

ھىم،«WHAT IS AKISMET WORTH TO YOU?»دېگەن جايغا قاراڭ، «ئاكام سەمەت»سىزدىن «مەن قانچىگە يارايدىكەنمەن»دەپ سوراۋاتىدۇ، ئاستىدىكى تاياقچىدا 36$ دەپ تۇرىدۇ، قورقۇپ كەتتىڭىزما؟ تاياقچىنى سولغا سۈرۈپ 0 دوللارغا ئەكىلىڭ، «ئاكام سەمەت»نىڭ چىرايى پۈرۈشۈپ كەتتى، كۆردىڭىزما؟ ئەلۋەتتە،پۇلىڭىز كۆپ بولسا ئوڭغا سۈرۈپ  «ئاكام سەمەت»نى ھىجايغۇزۇۋەتسىڭىزمۇ ئەلۋەتتە بولىدۇ :

QQ20110628142224_thumb

ئاندىن، «Send me useful tips on how to decrease spam every month or so (you can unsubscribe at any time).»نى تاللاپ قويۇپ كېيىنكى قەدەمنى باشلايمىز.ئېلخەتنى تەكشۈرۈڭ، تۆۋەندىكىدەك ئېلخەتنى تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ يوق :

QQ20110628142635

تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىڭىزمۇبارەك بولسۇن، API KEYنى ئۇتۇقلۇق ئاپسىز.

ئەمدى قانداق قىلىمەن؟

«ئاكام سەمەت»ئارقىلىق سپەم(ئەخلەت ئۇچۇر)لارنى قەتلىئام قىلىش تەييارلىقى

قولىمىزدا API KEY بار، ئەمدى نېمىدىن قورقىسىز، سپەملەرنى قىرىشنى باشلايمىزدە.

1. ئارقا سۇپا – قىستۇرمىلار – ئاكىزمېت سەپلىمىلىرىگە كىرىڭ :

akamsemet01

2. ئاندىن باياتىن تاپشۇرۇپ ئالغان API KEYنى كىرگۈزۈڭ :

akamsemet02

شۇنىڭ بىلەن، بىر قېتىملىق قانلىق قىرغىنچىلىق باشلىنىپ كەتتى، ئەمدى قايسى ئەخلەت ئۇچۇر سىزگە ئالىيىپ قارىيالايدىكىن، مەن بىر كۆرەي!…

خوش، شۇنىڭ بىلەن ئەخلەت ئۇچۇرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بولدۇق، ئەمدى ئازراق ئېلان بىرىۋالاي : تۇرايىمىز ھەرخىل ئەركەك بوشلۇق-تورناملىرى، ئىككىنچى، ئۈچۈنچى، تۆتىنچى قول بلوگلارنى سېتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلمايدىغانلار، ئەمما تۇرايىمىزدىن ئۈزۈلدۈرمەي نەپ ئېلىپ تۇرىدىغانلار ئۆزۈڭلارنى بىلىپ ئۆچۈرەت بۇيىچە ئېلان چىكىپ تۇرغايسىزلەر، ئېلان مۇشۇ خەتنىڭ سول تەرىپىدە، ئاستىدا، ئۈستىدە 热烈的笑脸ئېلان تامام، ۋەسسالام!….

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 35 )
  1. ئەلكۈن
    03/09/2012 at 17:15
    جاۋاب

    مەن سەمەتكامغا خېلى كۆنۈپ قالدىم. بىلوگنى ئېچىپلام سەمەتكامنى قاراۋۇللۇققا قويغان :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ
      03/10/2012 at 13:40

      سەمەتكامنى مەن كىيىنرەك ياللىدىم، ھەقىقەتەن ئىشچانكەن بۇ سەمەتكام!

  2. ئىزدەن
    03/10/2012 at 02:10
    جاۋاب

    ۋەھشىكەن ئەمەسمۇ بۇ ئاكام سەمەت! سىپەملەرنى توسۇپلا قويىدىكەن ئەمما!؟

    • ئۇيغۇربەگ
      03/10/2012 at 13:39

      ئاكام سەمەتنى مەن بەكلا كېيىن تونۇپ قالدىم-دە ئىسسىت…

  3. Qarabeg
    03/10/2012 at 02:31
    جاۋاب

    سىزنىڭ دىگىنىڭىز بويىچە نومۇر ئىلتىماس قىلىپ ئېلىۋالدىم ھەم ئاچقۇچ نومۇرنى توشقازدىم. لېكىن جەزىملەيدىغان يېرىنى تاپالماي جىق ھەپىلەشتىم. ئەڭ ئاستىدا ئاكىسمېتنىڭ نورمال ئىشلەۋاتقانلىقىنى جەزىملەڭ دەپ بىر يېرى بار ئىكەن شۇ كونۇپكىنى باستىم. باشقا بىر بەت كۆرۈندى . ئۆچۈرۋېتىپ قايتا كىرسەم ئاچقۇچ نومۇر يوق. تۇرىدۇ. دىمەكچى، ئاكىسمېت نورمال قوزغالدىمۇ يوق بىلمىدىم. مەنئۈچۈن كۆپ جاپا چېكىپسىز، سىزگە كۆپ رەخمەت ئېيتىمەن.

    • ئۇيغۇربەگ
      03/10/2012 at 13:39

      ئارقا سۇپا-باشقۇرۇش بېتى قاتارىدا ئاكام سەمەتنىڭ ئىستاتىستىكىسى بولسا نورمال بولغان بولىدۇ!…

  4. wiros
    03/10/2012 at 04:18
    جاۋاب

    مەن بۇ ئاكاشنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن سىپەملەر بىلەن كۆپ جەڭلەرنى قىلغانتىم …

    • ئۇيغۇربەگ
      03/10/2012 at 13:40

      ئۆزىڭىزنىڭ تۇققانلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ كەپسىزدە…

  5. رىنات
    03/10/2012 at 05:08
    جاۋاب

    مۇشۇنىڭغا مەن يامان سەل قارايتىم. بىر قىپ قويسام بولامدۇ نېمە..

    • ئۇيغۇربەگ
      03/10/2012 at 13:41

      سەل قارىماڭ، بولمىسا كېيىن سىزنى سەل قاراپ قويىدۇ…

  6. تىلەك
    03/10/2012 at 06:21
    جاۋاب

    مەن شۇنداق قىلىۋالغان ئىدىم، رەھمەت!

  7. ئۇدۇن
    03/10/2012 at 09:13
    جاۋاب

    ئاكام سەمەت ما ئىسىم قىززىق چىقىپتۇ ھە :grin:

    • ئۇيغۇربەگ
      03/10/2012 at 13:41

      كىم قويغان ئىسىم بولغۇيتى؟

  8. uybbj
    03/10/2012 at 18:25
    جاۋاب

    بەگ ئۆزلە قويغان ئىسىمدۇ

    • ئۇيغۇربەگ
      03/10/2012 at 18:44

      ئېسىمدە يوق جۇمۇ، بىر يەرلەردىن ئاڭلىۋالغانلىقىم ئېسىمدە…

  9. ئەلسىھەت
    03/12/2012 at 04:48
    جاۋاب

    مەن بۇرۇنلا ياللىۋالغان بۇ سەمەتاخۇنى ھازىرقىچە 37 ئىنكاسنى تۇتۇپ تۇرمىگە تاشلىدى :razz:

    • ئۇيغۇربەگ
      03/12/2012 at 10:28

      سىزنىڭ دۆلىتىڭىز خېلى پاراۋان ئىكەندە…

  10. Qarabeg
    03/12/2012 at 12:31
    جاۋاب

    بېگىم كۆرسەتمىڭىز بىلەن ئاكام سەمەتنى قاچىلىغانتىم كۆسىلە، بۇگۈن سىپەمدىن 9 نى تۇتۇپ تەستىقتىن ئۆتكەزمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم جەھەننەمگە يوللىدىم.

    • ئۇيغۇربەگ
      03/12/2012 at 13:47

      مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇن، مۇبارەك بولسۇنەي، مۇبارەك بولسۇن! :mrgreen:

  11. ئەركە
    03/13/2012 at 07:45
    جاۋاب

    مەن دەل مۇشۇنى تاپالماي يۈرەتتىم، نەچچە كۈننىڭ ياقى ئېلخەتكە تولا ئۇچۇر كىلىپ، ( مەن تېخى دەسلەپتە بىرسى ئىنكاس يازغان چېغى دەپ 6 چىشلىق بوپ ھىجاياپ قارىسام ئەخلەتكەن ئەمەسمۇ.. ئاچچىقىم نەدىن كىلە، شۇنىڭ بىلەن سپەملەپ قويغاچ تۇرغانتىم :twisted: ) شۇ تولا ئۇچۇر كىلىپ قانداق يوقىتامەن دەپ تۇرغان، ئەمدى مانى سىناپ باقاي.. :???:

    • ئۇيغۇربەگ
      03/13/2012 at 11:33

      سىنىماي بولمايدۇ، ئاكام سەمەت بەك ياخشى!

  12. ش.ئە.ئۇيغۇرى
    03/15/2012 at 06:28
    جاۋاب

    بلوگ قۇرغاندىن باشلاپلا بۇ نەرسىنى قاراۋۇللۇققا تۇرغۇزۇپ قويغان، تاس قاپتىمەن بۇ قارىمنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالغىلى، ئەمدى بلوگومنىڭ ئارقا سۇپىسىغا بېرىپ ھال سوراپ كېلەي، ھېلىمۇ كۆپ جاپا چېكىپ كەتتى ئەخلەتلەرنى توسۇيمەن دەپ

  13. ھەمرا بىز
    03/25/2012 at 11:07
    جاۋاب

    مىنىڭكىدە مۇنداق چىقىپ قېلىپ ، نورمال خىزمەت قىلالمايۋاتىدۇ .

  14. ھەمرا بىز
    03/25/2012 at 11:08
    جاۋاب

    ۋوي ، رەسىم چاپلىغىلى بولمايدىكەندە ،ئەسلى مۇنداق چىققان .
    «تورنىڭ كاشىلىسى ياكى ۋىرۇسخور تور مۇلازىمېتىرىڭىزدىن ئاكىزمېت.كومغا قارىتىلغان ئۇلىنىشلارنىڭ ھەممىنى چەكلىۋەتكەن.بۇ مەسىلە ھەل بولمىغۇچە ئاكىزمېت نورمال ئىشلىيەلمەيدۇ. تور مۇلازىمېتىرىڭىزنىڭ باشقۇرغۇچىسى ياكى ۋىرۇسخور باشقۇرغۇچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا ئاكىزمېت ۋە ۋىرۇسخور ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېيتىپ بېرىڭ.»

  15. نۇرنىجات
    05/19/2012 at 07:17
    جاۋاب

    ۋوردپرېسنى قاچىلىساملا باركەنغۇ بۇ سەمەتكام!

  16. نۇرنىجات
    05/19/2012 at 07:18
    جاۋاب

    سپەملەر ئادەەتتە تېما بۇلۇپمۇ كېلەمدۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ
      05/22/2012 at 10:04

      ئىنكاس بوپ كېلىدۇ…

  17. يالغۇز
    07/06/2012 at 15:08
    جاۋاب

    ئاكام سەمەت :mrgreen:

  18. يالغۇز
    07/06/2012 at 15:08
    جاۋاب

    ئۇيغۇربەگ ئەسلى تەرجىمان بولغان بولسىڭىز بوپتىكە…

  19. يالغۇز
    07/06/2012 at 15:45
    جاۋاب

    ۋىيو ئۇيغۇربەگ دەرسال ئاكتىپ ئىنكاسچىلار ئورنىغا قاراڭ!مەن ئەڭ ئالدىدىكەنمەن….مۇكاپات يوقما

  20. ئالپبەگ
    11/22/2012 at 07:15
    جاۋاب

    ئەمدى سەت قەتلىئەم قىلىۋېتىدىغان بولدى ماۋۇ سەمەت جاللاتكام. :cry:

  21. بىرلام
    02/21/2013 at 04:57
    جاۋاب

    مىنىڭ ، ئاكام سەمەت نومورۇم بۇرۇن نورمال ئىشلەيتتى ، بىر نەچچە كۈن بولدى ھىچ ئىشلىمەيدىغۇ ، كۈندە 20-30 گىچە ئىشلەتكۈچى پەيدە بولۇپ قىلىۋاتىدۇ ، http://birlam.com مۇشۇ ئىدى

    • ئۇيغۇربەگ
      03/03/2013 at 07:33

      ئاكام سەمەت تىزىملىتىشنى توسالمايدۇ، شۇڭا تىزىملىتىش ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويۇڭ.

  22. Giant
    11/09/2015 at 08:51
    جاۋاب

    ئېسسسسسىل ھېي ئېسسىل!
    ئاي لاۋيۇ برو
    (ئېنگىلىزچىنى ئۇيغۇرچە باستىم.سىپەملىۋەتمىسۇن سەماتاخۇن دەپ)

    … مەن سىپەمگە خەت قايتۇرۇپ يۈرگەن ستيۇپىد تارىخىم توغىرسىدا توختالماي بولدى. ئويلىساملا ئۆزەمگە شۇندا ئامراق بوپ كېتىمە…

    • ئۇيغۇربەگ
      11/20/2015 at 09:52

      «يېڭى WordPressچىلەرنىڭ 5 قىززىق ئىشلىرى، سىز قانچىسىنى قىلىپ باقتىڭىز؟» ناملىق يازمامنى ئوقۇپ باقامسىز ئەمىسە…
      مەنزىل: http://www.uyghurbeg.cn/2794.html

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي