كېلىڭلار ئەزىمەتلەر، WordPress بلوگىمىزغا MP3 قويغۇچنى بىكالىق ھەمدە قىستۇرمىسىز ئورنىتىۋالايلى!

chrome-song

خوش، ئالدىنقى بىر چاغدا «WordPressدە يازمىلارغا فىلەش ۋە مۇزىكىلارنى كود ئارقىلىق قىستۇرۇشنىڭ تەدبىرى»نى يوللىغاندىن كېيىن، بەزى بلوگ ئەزىمەتلىرى بۇ ئۇسۇلنىڭ بەزى بلوگلاردا قاملاشمايۋاتقانلىقلىرىنى ئىنكاس قىلىشتى. بەزى بلوگگېرلار ھەتتا بۇ ئىقتىدارنى قىستۇرما ئارقىلىق، ھەتتا پۇلغا قوشتۇرۇۋاتىدۇ. خوش، بۈگۈن ئۇيغۇربەگ سىلەرگە بۇ ئىقتىدارنى قانداق قوشۇشنى بىر ئۆگۈتۈپ قوياي، ئېپى كەلسە سىزمۇ باشقىلارغا پۇلغا قىلىپ بىرەرسىز. ئەمىسە، يازمىنىڭ داۋامىغا مەرھەمەت! پرېستان ئېيتىدۇلەركى : بۇ ئىقتىدارنى ئۆگەنمىگەن بلوگگېر ياخشى بلوگگېر ئەمەس!…

بىرىنچى خىل قويغۇچ : ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى شەكلىدىكى قويغۇچ

«ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى»گە بېرىپ MP3 ناخشىلارنى ئاڭلاپ باققان بلوگگېرلار بىلىشى مۇمكىن، مەندە ئاجايىپ ئۇز قويغۇچتىن بىرى بار بولۇپ ئۈنۈمى تۆۋەندىكىدەك :

player02

بۇنداق قويغۇچنى ئورنىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى بېسىڭ :

1.  بۇ يەرنى بېسىپ قويغۇچنىڭ فىلەش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ ھەمدە ئۇسلۇب فولدېرى(ئۇسلۇبىڭىز بار ھۆججەت قىسقۇچ)غا يۈكلەڭ.

2. تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبنىڭ functions.php ھۆججىتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ?> دېگەن كودنىڭ ئۈستىگە قويۇڭ :

function mp3player($atts, $content=null){

extract(shortcode_atts(array("auto"=>'0'),$atts));

return '<embed src="'.get_bloginfo("template_url").'/mp3player.swf?url='.$content.'&amp;autoplay='.$auto.'" type="application/x-shockwave-flash" wmode="transparent" allowscriptaccess="always" width="400" height="30">';

}

add_shortcode('mp3','mp3player');

3. يازما يوللىغاندا، يازما تەھرىرلىگۈچىنى   HTML تەھرىرلىگۈچى ھالىتىگە ئۆتكۈزۈڭ ھەمدە تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ :

[m*p3 auto="1"  vol="60" ]MP3URL[/m*p3]

ئىزاھات : مەزكۇر كودنى ئىشلەتكەندە، كوددىكى * بەلگىسىنى ئېلىۋېتىشنى ئۇنۇتماڭ. يۇقارقى كوددىكى auto:بولسا مۇزىكا ئاپتوماتىك قويۇلامدۇ (0 ياكى 1)نى بىلدۈرىدۇ.

ئىككىنچى خىل قويغۇچ : كىچىك شەكىلدىكى قويغۇچ

بۇ خىل قويغۇچنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەندىكىدەك :

player03

بۇنداق قويغۇچنى ئورنىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى بېسىڭ :

1.  بۇ يەرنى بېسىپ قويغۇچنىڭ فىلەش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ ھەمدە ئۇسلۇب فولدېرى(ئۇسلۇبىڭىز بار ھۆججەت قىسقۇچ)غا يۈكلەڭ.

2. تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبنىڭ functions.php ھۆججىتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ?> دېگەن كودنىڭ ئۈستىگە قويۇڭ :

function myplayer($atts, $content=null){

extract(shortcode_atts(array("auto"=>'no',"loop"=>'no'),$atts));

return '<embed src="'.get_bloginfo("template_url").'/player.swf?soundFile='.$content.'&bg=0xeeeeee&leftbg=0x357dce&lefticon=0xFFFFFF&rightbg=0xf06a51&rightbghover=0xaf2910&righticon=0xFFFFFF&righticonhover=0xffffff&text=0x666666&slider=0x666666&track=0xFFFFFF&border=0x666666&loader=0x9FFFB8&loop='.$loop.'&autostart='.$auto.'" type="application/x-shockwave-flash" wmode="transparent" allowscriptaccess="always" width="290" height="30">';

}

add_shortcode('music','myplayer');

ئىزاھات : كوددىكى قىزىل بەلگە ئۇرۇۋەتكەن جايلار قويغۇچنىڭ رەڭگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۆزىڭىز تەتقىق قىلىپ باققايسىز.

3. يازما يوللىغاندا، يازما تەھرىرلىگۈچىنى   HTML تەھرىرلىگۈچى ھالىتىگە ئۆتكۈزۈڭ ھەمدە تۆۋەندىكى كودنى چاپلاڭ :

[m*usic ]MP3URL[/m*usic]

ئىزاھات : مەزكۇر كودنى ئىشلەتكەندە، كوددىكى * بەلگىسىنى ئېلىۋېتىشنى ئۇنۇتماڭ. يۇقارقى كودلاردىكى MP3URL بولسا MP3 ھۆججىتىڭىزنىڭ ئېنىق ئادرېسى.

خوش، مۇزىكا قويغۇچنى ئورنىتىشنى شۇنداق تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ كەتتۇق، كۆزىمىزمۇ تالدى، مەزكۇر تەدبىردىن ياخشى پايدىلانغان سىزنىڭ ئىنكاس يازماسلىققا قانداق باھانىڭىز بار؟!…

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 30 )
  1. ئاتەش
    03/25/2012 at 12:43
    جاۋاب

    ئالدى بىلەن يازمىنى ئوقۇماي تۇرۇپ، تۆرگە جايلىشىۋىلىپ، ئاندىن ئوقۇساقمۇ كېچىكمەيمىز. :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ
      03/25/2012 at 12:47

      ئاتەش ئاغام ئۆزىنىڭ كىگىزلىك داق يەردە ئولتۇرۇۋالغانلىقىنى تۇيمايدۇ :lol:

  2. ئەلشات
    03/25/2012 at 12:43
    جاۋاب

    دىۋان ئەپ قوياپ تۇراي، بىكالىق دەپ قوياڭ

    • ئۇيغۇربەگ
      03/25/2012 at 12:47

      شۇنداق، سىزنىڭ 20 كويغۇ دەيمەن ! :grin:

    • ئۇيغۇربەگ
      03/25/2012 at 13:16

      دىۋانغا كېچىكىپ قاپسىزغۇ بۈگۈن، ھەي!!!!!!!!!

  3. قارا مۈشۈك
    03/25/2012 at 12:44
    جاۋاب

    ھىم ،بۇ مۇ بولىدىكەن جۇمۇ

    • سەھرالىق
      03/25/2012 at 16:46

      مۈشۈكنىڭ تۇرالغۇسى بايقالدى… :mrgreen: باللا ماۋۇ بلوگگىرنى قىزغىن قارشى ئالايلى!!!

    • ئۇيغۇربەگ
      03/29/2012 at 13:13

      بىزنىڭ مەكتەپتە مىياڭلاپ يۈرگەن مۈشۈكتى بۇ!

  4. تۇرمۇش
    03/25/2012 at 12:45
    جاۋاب

    ۋاھ… دىۋان ماڭا ئوڭچە قاپتىمۇ نىمە بۈگۈن… بەگنىڭ قولىغا دەرت بەرمىگەي

  5. پۇرسەت
    03/25/2012 at 12:52
    جاۋاب

    بۇ مۇزىكا قويغۇچلار چ چ نىڭ ئىقتىدارىغۇ دەيمەن
    http://tools.meqzone.com/others/play/

  6. ئەلشات
    03/26/2012 at 12:20
    جاۋاب

    ۋاي بەگ ساقام 20 كويلۇق نەرسىدە بىرتال مۇزىكا قويغۇچلا ئەمەس يەنە بىر مۇنچە نەرسە بار قاراپ بىقىڭ دەيمە

    • ئۇيغۇربەگ
      03/27/2012 at 05:30

      ئوۋ نەۋرەم، كايىماڭە! :mrgreen:

  7. ھەۋەسكار
    03/27/2012 at 04:02
    جاۋاب

    مەن قويغانتىم لېكىن قويۇلمىدىغۇ

    • ئۇيغۇربەگ
      03/29/2012 at 13:16

      ئادرېس توغرا بولسا قويۇلىدۇ، مەن قويۇۋاتىمەنغۇ!

  8. Kashgar Travel
    03/29/2012 at 02:26
    جاۋاب

    ئۇيغۇر بەگ بىر ئىشنى سوراي دىۋىدىم.
    WordPress تە مەزمۇن بار بەتكە قىستۇرغان رەسىمنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئاپارساق، رەسىم چوڭىيىدىغان، مائۇسنى تارتساق، رەسىم ئەسلى چوڭلىقىغا قايتىدىغان ئىقتىدار ھازىرلىغان قىستۇرما بارمىدۇ؟ توردىن ئىزدەپ ياخشىراق نەرسە تاپالمىدىم…

    • ئۇيغۇربەگ
      03/29/2012 at 13:18

      بىر قېتىم چەكسە چوڭىيىدىغان، بىر قېتىم چەكسە كىچىكلىتىدىغىنى بار ئىدى. بەلكىم سىز دېگەننى js ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولۇرمىكىن، مەن ئىزدىنىپ باقاي…

  9. ئەرك
    03/29/2012 at 05:53
    جاۋاب

    ماۋۇ يازمىنىڭ تېمىسىنى بىرەر مەقسەتتە قويدىڭىزمۇ نىمە

    • تىلەك
      03/29/2012 at 12:22

      قارام بەگدە بۇ :razz:

    • ئۇيغۇربەگ
      03/29/2012 at 13:20

      چانمايمىزغۇ!

    • ئۇيغۇربەگ
      03/29/2012 at 13:19

      ئۇنداق ئەمەستۇ؟

  10. قۇتنامە
    04/07/2012 at 03:36
    جاۋاب

    ھازىرچە شۇ HTML ھالىتىدە تەھرىرلەپ تۇردۇققۇ. مۇرىتى كىلىپ ئۇمۇ پىستان چاققاندا، مۇشۇ ئۇسۇلغا مۇراجىئەت قىلارمىز.

    • ئۇيغۇربەگ
      04/13/2012 at 11:20

      بۇلىدۇ، تور نامىڭىز ئالاھىدە ئالاھىدە ئىكەن…

  11. يارۇق
    05/22/2012 at 16:24
    جاۋاب

    مەن ئىشلىتەلمىدىمغۇ بۇ ئىقتىدارنى.

  12. گۈلخان
    06/04/2012 at 04:11
    جاۋاب

    بىلوگقا بولغان ھەۋەس ئۇيغۇربەگىنىڭ بىلوگىنى كۆرۈپ شەككلەنىگەن ، ئەڭ دەسلەپتە تەستەك تۇيۇلدىكەن ھەر قانداق بىر مەشىغۇلات لىكىن مەنلىك ، ئۇيغۇربەگ قارىمغا كۆپ رەھمەت .

    • ئۇيغۇربەگ
      06/07/2012 at 09:15

      رەھمەت ئېيتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمما…كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن، ئىملا خاتالىقى بار تور نامىنى ئىشلىتىپ نېمىمۇ قىلار بولغىيتىڭىز؟

  13. ھەق يول
    08/17/2012 at 00:02
    جاۋاب

    مۇشۇ ۋوردپرېسسقا قايسى خىلدىكى مۇزىكا قويغۇچنى ئىشلەتسە ئايپون تېلېفۇندا مۇزىكىنى نورمال ئاڭلىغىلى بولىدۇ؟

  14. ئىرشاد
    03/04/2014 at 11:59
    جاۋاب

    پۈتۈن تور بىكەتلەرنى ئىزدەپ تاپالمىغان تېخنىكا مايەردە باركەن .

    • ئۇيغۇربەگ
      03/13/2014 at 13:05

      بىر زامانلاردا شۇنداق تېخنىكىلارنى يېزىپ قۇياتتىم، ئەمدى…ھەي!

    • بەھرام
      03/13/2014 at 16:27

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىگىم ! يازمىغا مۇزىكىنى قانداق يۇشۇرىمىز؟ قويغۇچ كۈرۈنمەيدىغان قىلىپ…

    • ئۇيغۇربەگ
      03/31/2014 at 18:25

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇ ئىشنى بىلمەيدىكەنمەن…

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي