[مەخپىي رىتسىپ] WordPressدە مۇكەممەل بوشلۇق كۆچۈرۈشنىڭ سىرى

magic-links

«ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى»نى چەتئەلنىڭ باشقا بىر بوشلۇقىدىن ئۆزىمىز ئىشلىتىپ يۈرگەن باشقا بىر بوشلۇققا كۆچۈپ كەلگەنلىكىگە بىرەر ئەسىر بولاپ قالغان ئوخشايدۇ. يېقىندا، بىر قانچە خېرىدارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بوشلۇق كۆچۈرۈش ھەققىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان سەپىرىمىزنى باشلاپ ئۆتۈپ، «WordPressدە مۇكەممەل بوشلۇق كۆچۈرۈشنىڭ سىرى ۋە تەدبىرى»ناملىق مەزكۇر يازمىمىز ئۈچۈن تەييارلىق قىلدۇق، مەزكۇر يازمىدا رەسىم يوق، فىلىم يوق، پەقەت ناھايىتى كەسپىي بولغان ئاتالغۇلار بىلەن بوشلۇق كۆچۈرۈشنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپىنى سۆزلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە بارلىق جەرياننى خەرىتە شەكىلدە ئىزاھلاپ بېرىمىز، يازمىمىزغا چۈشكەن ئىنكاس ۋە تەلەپلەرگە قاراپ، مەزكۇر مەشخۇلاتنىڭ تولۇق جەريانىنى رەسىملىك ئىزاھلاپ چىقىشىمىز مۇمكىن، ئەمىسە يازمىنىڭ داۋامىغا مەرھەمەت…

WordPressدە مۇكەممەل بوشلۇق كۆچۈرۈشنىڭ تەبىرى

WordPressدە مۇكەممەل بوشلۇق كۆچۈرۈش دېگەن نېمە؟

ئېنىقكى، بۇ يەردىكى مەقسەت بوشلۇق كۆچۈشلا بولماستىن «مۇكەممەل» كۆچۈش، يەنى ئەسلى بوشلۇقتىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى، يازما، ئىنكاس، يوللانغان ھۆججەت، شۇنداقلا قىستۇرما…قاتارلىق ئەسلىدىكى ئۇچۇرلارنى 100% بولمىسىمۇ 99.999% كۆچۈرۈپ كېلىش دېمەكتۇر.

مەن تورغا يېڭى كەلگەنئاخۇن، مەنمۇ مۇكەممەل كۆچۈرەلەيمەنمۇ؟

ئىرادىڭىز ۋە تىرىشچانلىقىڭىز شۇنداقلا تاقىتىڭىز بولسا، ئەلۋەتتە، سىزمۇ قىلالايسىز، دۇنيادىكى ئەڭ دۆت ئادەم بولمىسىڭىزلا…

تەييارلىق پۈتتىمۇ؟

WordPressدە مۇكەممەل بوشلۇق كۆچۈرۈشنىڭ خەرىتىسى

1. يېڭى بوشلۇققا WordPress سېستىمىنى يۈكلەش ۋە ئورنىتىش

2. سانداننى كۆچۈرۈپ كېلىش، خەرىتە:

ئەسلى بوشلۇقتىكى ساندان ئۇچۇرلىرىنى phpmyadmin ئارقىلىق ئېكىسپورت قىلىپ چىقىرىۋېلىش –> يېڭى بوشلۇقتىكى ساندانغا phpmyadmin ئارقىلىق ئىمپورت قىلىپ ئەكىرىۋېلىش (ئىنكاس، يازما، باشقا مۇھىم ئۇچۇرلارنى يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ)

3. ھۆججەت كۆچۈرۈش، خەرىتە:

ئەسلى بوشلۇقتىكى wp-content نامىدىكى ھۆججەت قىسقۇچىنى يەرلىككە چۈشۈرۈۋېلىش –> يەرلىككە چۈشۈرۈۋالغان wp-content نامىدىكى ھۆججەت قىسقۇچىنى يېڭى بوشلۇققا يوللاش ۋە يېڭى بوشلۇقتا ھاسىل بولغان wp-content ناملىق ھۆججەت قىسقۇچتىكى ھۆججەتلەرنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇۋېتىش (ئەسلى بوشلۇققا يوللانغان مىدىيا ھۆججەتلىرى، ئۇسلۇب، قىستۇرما قاتارلىقلارنى كۆچۈرۈش كېلىش)

يۇقارقى باسقۇچ تاماملانغاندىن كېيىن :

ئەسلىدىكى بوشلۇقتىكى سېستىما ئورنىتىلغان باش ھۆججەت قىسقۇچتىكى ئۆزىڭىز قوشقان ھۆججەتلەرنى(مەسىلەن تۇغ ھۆججىتى، ئېئوت ۋە باشقا ھۆججەتلەرنى ) يېڭى بوشلۇققا ئوخشاش ئورۇندا كۆچۈرۈپ كېلىش

4. تور نامىنى يېڭى بوشلۇققا باغلاش

5. سىناش، سىناش يەنە سىناش!

WordPressدە مۇكەممەل بوشلۇق كۆچۈرۈشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى يۇقارقىدەك، يۇقارقى قەدەملەرنى چوقۇم قەدەم بۇيىچە ئېلىپ بېرىش كېرەك، يۇقارقىلارنى ئېزىپ قالماي قىلالىسىڭىز، ئىشىنىمەنكى، بوشلۇق كۆچۈشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالايسىز…

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 28 )
  1. نۇرنىجات
    05/08/2012 at 06:31
    جاۋاب

    ئېسىل يازما!دىۋاندا ئولتۇرسام بولامدۇ؟ئۇيغۇربەگ ئەپەندىم؟

    • نۇرنىجات
      05/08/2012 at 06:31

      بولمايدۇ دېسىڭىزمۇ بەرىبىر ئەمدى!

    • ئۇيغۇربەگ
      05/08/2012 at 13:37

      ئولتۇرۇۋىرىڭ، ئەمما دىۋان ئالالماي يۈرگەنلەردىن قەستكە ئۇچرىسىڭىز مەن ئىگە ئەمەس…

  2. ئىزتىل
    05/08/2012 at 08:27
    جاۋاب

    دىۋان ؟ شۇنداق ئېسىل يازما تۇرسا قاچانغىچە دىۋان تالىشىپ تۇردىغاندىمىز دەيمەن ، يازمىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرسەك ياخشى ئەمەسمۇ ؟ ھەي ؟!

    • ئۇيغۇربەگ
      05/08/2012 at 15:27

      دىۋان قەدرىنى «دىۋان»ەلەر بىلەر، يازمىنىڭ قەدرىنى بلوگگېرلار بىلەر… :mrgreen:

  3. ھەزرەت
    05/08/2012 at 08:31
    جاۋاب

    ئىلگىرىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئۆي كۆچكەن ئېدىم. ھازىرمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىۋاتىمەن! :grin:

    • ئەرك
      05/08/2012 at 12:46

      كۆچۈپلا يۇرىۋاتقان ئوخشىمامسىز

    • ئۇيغۇربەگ
      05/08/2012 at 15:28

      مەنمۇ شۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا مېڭىپ مۇشۇنداق كۆچكەن ئىدىم! :grin:

    • ئۇچقۇن
      05/08/2012 at 21:44

      ۋاي بەگ ئالدىنقى قېتىم ئىككىمىز ئۇچۇرغان مەسلىلەرنىمۇ دەپ قۇيۇڭ ….

    • سەھرالىق
      05/09/2012 at 06:50

      ھەزىرەتنىڭ كەپىسى چۇۋۇلۇپ كېتىپتىمىش، شۇڭا ئۇيغۇربەگ چاندۇرماي «كېسەلگە دورا» بېرىۋاتىدۇ مەيەدە :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ
      05/09/2012 at 14:22

      ئاپلا، ماۋۇ جاسۇس ھەممە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىۋېتىپ قاراپ ئولتۇردىيا…

  4. ئۇدۇنبەگ
    05/09/2012 at 02:24
    جاۋاب

    ياخشى يازما، ئېسىل يازما!!! ئۆي كۆچۈشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇمدە.

  5. ئالپبەگ
    05/09/2012 at 06:57
    جاۋاب

    ئالپبەگ بۈگۈن بوشلۇق كۆچەي دەۋاتقان ئىدى… ئۇنىڭغا خەۋەر قىپ قويسام بولغۇدەك :lol:

    • ئۇيغۇربەگ
      05/09/2012 at 14:21

      بىلەلمىسە مۇشۇ يەگىلا كەلسۇن!

  6. شەربەت
    05/09/2012 at 07:06
    جاۋاب

    بەلەن يازما بولۇپتۇ.

  7. تاتلىق
    05/09/2012 at 09:08
    جاۋاب

    رەھمەت سىزگە!

  8. مۇزات
    05/09/2012 at 10:35
    جاۋاب

    كېيىن بىزمۇ سىناپ بېقىپ قىلالماي قالساق،دۇنيادىكى ئەڭ دۆت ئادەم قاتارىغا كىرىمىزما؟ مەن ئىسم باغلاش دېگەندەك ئىشلارنى تېخى قىلىپ باقمىغان. :arrow:

    • ئۇيغۇربەگ
      05/09/2012 at 14:21

      ئۇنىسى ئېنىق…

  9. ئەلشات
    05/10/2012 at 12:37
    جاۋاب

    مەن ساندان زاپاسلاش ئەكىرىشتە بلوگنىڭ ئىقتىدارىنى ئىشلىتىمەن

  10. ئالپبەگ
    05/11/2012 at 14:03
    جاۋاب

    بەگ جانابلىرى مانا ئالپبەگمۇ كەپتۇ. قارىغاندا كۆچىدىغان چىراي تۇرىدۇ…

  11. ئىليار
    01/17/2013 at 20:01
    جاۋاب

    كومپىيوتېردىكى php مۇھىتىدا قۇرۇلغان بلوگنى بوشلۇققا كۆچۈرگىلى بولامدۇ ؟

    • ئۇيغۇربەگ
      01/18/2013 at 06:15

      بولىدۇ

  12. گۈلبۇلاق
    04/02/2014 at 03:06
    جاۋاب

    Error
    SQL query:

    — — Dumping data for table `wp_options` — INSERT INTO `wp_options` (`option_id`, `option_name`, `option_value`, `autoload`) VALUES (1, ‘siteurl’, ‘http://www.gulbulaq.com’, ‘yes’), (2, ‘blogname’, ‘گۈلبۇلاق گرافىكى’, ‘yes’), (3, ‘blogdescription’, ”, ‘yes’), (4, ‘users_can_register’, ‘1’, ‘yes’), (5, ‘admin_email’, ‘gulbulaq@gmail.com’, ‘yes’), (6, ‘start_of_week’, ‘1’, ‘yes’), (7, ‘use_balanceTags’, ”, ‘yes’), (8, ‘use_smilies’, ‘1’, ‘yes’), (9, ‘require_name_email’, ‘1’, ‘yes’), (10, ‘comments_notify’, ‘1’, ‘yes’), (11, ‘posts_per_rss’, ’10’, ‘yes’), (12, ‘rss_use_excerpt’, ‘0’, ‘yes’), (13, ‘mailserver_url’, ‘mail.example.com’, ‘yes’), (14, ‘mailserver_login’, ‘login@example.com’, ‘yes’), (15, ‘mailserver_pass’, ‘password’, ‘yes’), (16, ‘mailserver_port’, ‘110’, ‘yes’), (17, ‘default_category’, ’14’, ‘yes’), (18, ‘default_comment_status’, ‘open’, ‘yes’), (19, ‘default_ping_status’, ‘open’, ‘yes’), (20, ‘default_pingback_flag’, ‘1’, ‘yes’), (22, ‘posts_per_page[…]

    MySQL said: Documentation

    #1062 – Duplicate entry ‘1’ for key ‘PRIMARY’

    مەن بوشلۇق كۆچكەندە phpMyAdmin دىن مۇشۇنداق خاتالىق چىقتى بۇ نورمالمۇ؟ياكى بېرەر يېرىنى خاتا قىلدىممۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ
      04/02/2014 at 05:56

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، خاتالىق كۆرۈلۈپتۇ، ئەمما نېمىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى ساندان ئىشىنى بىلمىگەندىن كېيىن پەرق ئىتەلمىدىم…

    • گۈلبۇلاق
      04/02/2014 at 09:37

      مېنىڭمۇ تۇنجى قېتىم بوشلۇق كۆچۈشۈم ئىدى، قىلاي دەپ سىناپ باقسام تازا ئەپلەشمىدى دېسە…

    • ئۇيغۇربەگ
      04/07/2014 at 16:06

      تولىمۇ خىجىلمەن…

  13. ئالپبەگ
    04/19/2015 at 10:17
    جاۋاب

    يېڭى ئۇسلۇبنى سىنايمەن دەپ ۋوردپرەسنىمۇ بۇزۇپ قويدۇم، بوشلۇق كۆچۈۋاتىمەن بېگىم

    • ئۇيغۇربەگ
      05/13/2015 at 14:00

      قولاي گەلسىن دەپ قۇياي تۈركچە. ئىشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي