[ مەخپىي رېتسىپ ] WordPressدە باشبەتتىكى تۇنجى يازما كەينىگە ئېلان قىستۇرۇشنىڭ تەدبىرى

ai4

تۇرايىمىزنىڭ باشبېتىگە دىققەت قىلغان ئەزىزلىرىمىز بىلىشى مۇمكىن، تۇنجى يازمىدىن كېيىن كۆۋرۈك ئېلانچىلىقىنىڭ ئېلانى كۆرۈنىدۇ. بۇمۇ تۇرايىمىزدا مەخپىي ساقلانغان رېتسىپلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۈگۈن پرېستاننىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ ئەزىزلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولىۋاتىمەن. ۋاقتىدا ئۆگىنىۋالغايسىزلەر!…

تەدبىرنىڭ بايانى ۋە پايانى

1. ئاۋۋال ئۇسلۇبنىڭ ئىندېكىس ھۆججىتى(index.php)نى ئېچىپ تۆۋەندىكى كودنى تېپىڭ:

<?php if (have_posts()) : while (have_posts()) : the_post(); ?>

2. ئاندىن بۇ كۆدنىڭ ئالدىغا تۆۋەندىكى كودنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ:

<?php $count = 1; ?>

3. ئەمدى تۆۋەندىكى كودنى تېپىڭ:

<?php the_content(); ?>

4. بۇ كودنىڭ كەينىگە تۆۋەندىكى كودنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ:

<?php if ($count == 1) : ?>

<!-- ئېلان كودى -->

<?php endif; $count++; ?>

كۆرسەتمە: سىز قويماقچى بولغان ئېلان كودىنى، مەسىلەن كۆۋرۈك ئېلانىنىڭ، گۇگېل، بەيدۇ ئېلانىنىڭ ۋە ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئېلانىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كودىنى <!– ئېلان كودى –> دېگەن كودنىڭ ئورنىغا قويسىڭىزلا بولىدۇ.

ئېلانىڭىزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ بلوگىڭىزنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن ماسلىشىشىغا دىققەت قىلىڭ. مەشخۇلات قىلىشتىن بۇرۇن ئۇسلۇبىڭىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنى زاپاسلاشنى ئۇنۇتماڭ.

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 9 )
  1. نۇرنىجات
    08/31/2012 at 04:12
    جاۋاب

    دىۋانچىلىق!

  2. تەشنايى
    08/31/2012 at 12:39
    جاۋاب

    دېۋاننىڭ بوش قالغان يىرىدە مەن ئولتۇراي!

  3. ئۇيغۇر بىلوگگىر مۇنبىرى
    08/31/2012 at 17:11
    جاۋاب

    ياخشى بىلىمكەن

  4. قەقنۇس
    09/01/2012 at 01:34
    جاۋاب

    شۇنداق ياخشى بىلىمكەن .رەھمەت

  5. huxhuy
    09/01/2012 at 05:40
    جاۋاب

    بۇ مەخپى رېتسىپتىن پايدىلىنىپ مەنمۇ تور خاتىرەمگە ئېلان قويىۋالدىم. ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر بېگىم.

  6. نۇرنىجات
    09/01/2012 at 09:36
    جاۋاب

    مېنىڭ ئۇسلۇبىمغا ماس كەلمەيدىكەن دېسە؟

  7. ئەلگە نەپ
    09/03/2012 at 17:31
    جاۋاب

    رەھمەت جۇمۇ بەگ ،ماڭا لازىم ئىدى سىناپ باقاي :oops:

  8. تورسودا
    09/04/2012 at 06:32
    جاۋاب

    قىنى مەنمۇ بىر سىناپ باقايچۇ؟ رەھمەت :smile:

  9. چەۋەندازلار
    09/20/2012 at 15:51
    جاۋاب

    ئەمدى بىردىن بىردىن ئىزدەپ يۈرۈشنىڭ ئورنى قالمىغاندەك :mrgreen:

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي