ناۋادا قۇربىتىڭىز يەتسە بۇ 10 ئىشنى قىلىشنى سىناپ بېقىڭ…

1111_副本

ئوقۇش باشلاپ سەل ئالدىراش بولۇپ قالغان ئىدىم، كاللامغا تەسىر قىلغۇدەك بىرەر نەرسە كۆرۈپ باقمىغىلى ھەم ئۇزاق بوپتىكەن، كۆكلەم مۇنبىرىنى ئارىلاۋېتىپ، بۇرۇن بىر قېتىم كۆرۈپ ئۆتۈپ كەتكەن، ئەمما ئانچە ئېرەڭشىمىگەن بىر يازما تۇيۇقسىز دىققىتىمنى تارتىپ قالدى، بۇ يازما شۇنداق ئاددىي، شۇنداق چۈشۈنۈشلۈك، ھەمدە شۇنچىلىك راۋان. ئەمما مېنى خېلى-خېلى ئويغا سالدى، مۇنبەر ئوينىمايدىغان بلوگداشلار بوپ قالسا ئوقۇپ قالسىكەن دەپ تۇرايىمىزغا قۇرۇق بولسىمۇ مۇشۇنى ئەپ كەلدىم، قېنى ئوقۇپ بېقىڭ، كۆرۈپ بېقىڭ…

 

1 . تىلەمچى سىزدىن ئاش تىلىسە پۇل ، پۇل تىلىسە ئاش بېرىڭ .

2. ئاممىۋى ئاپتوبۇسدا قېرى ، ئاجىز ، كېسەلچان ، مېيىپ ۋە ئىككى قات ئاياللارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورۇن بېرىڭ . قارشى تەرەپنىڭ رەھمىتىگە كۈلۈمسىرەپ قويسىڭىزلا بولدى . ئورنىڭىزنى بوشىتىپ بەرگەندىن كېيىن ئاپتونوستىن چۈشىدىغان قىياپەتتە ئۇ كىشىدىن يىراقراق تۇرۇڭ . شۇنداق قىلسىڭىز ، ئورنىڭىزدا ئولتۇرغان كىشى ئوڭايسىزلىنىپ قالمايدۇ .

3. ھاۋا سوغۇق ياكى يامغۇر ، قار ياغقان كۈنلەردە كۆكتات ، مىۋە – چېۋە ، گېزىت – ژۇرنال سېتىۋاتقانلارغا ئازراق بولسىمۇ سودا قىلىپ بېرىڭ ، بۇ ئۇلارغا قىلغان ياردىمىڭىز .

4. يولدىن ئېزىپ قالغان بالا ياكى بوۋاي – مومايغا يولۇققىنىڭىزدا ئامال بار ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇڭ . ئەگەر ئۆيىگە ئاپىرىپ قويالمىسڭىز ئاپتوبوسقا سېلىپ قويۇڭ ، ساقچىخانىغا ئاپىرىپ قويسڭىزمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە تېلېفون بېرىپ ئۇچۇر بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ .

5. يولدىن ئېزىپ قالغانلارنىڭ باشقىلاردىن يول سوراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالسىڭىز ، ئۇلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يادەم قىلىڭ .

6. بىرەرسىنىڭ پورتمىلىنى تېپىۋالسىڭىز ، دەرھال ئىگىسىگە قايتۇرپ بېرىڭ . ئەگەر پۇلغا بەكلا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ، ئىچىدىكى نەق پۇلنى ئېلىپ قېلىپ ، پورتمالنىڭ ئىگىسىگە تېلېفون قىلىپ « پالانىچى يەردىن تېپىۋالدىم » دېسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئۇنىڭدىكى ئىناۋەتلىك كارتا ، كىملىك ، پراۋا قاتارلىقلارنى ئۆز پېتىچە ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرسىڭىز ئۇ كىشى يوقالغان ئازراق پۇل ئۈچۈن ئانچە قىلىپمۇ كەتمەيدۇ . بىراق سىز ئۇنىڭ ئادرېسىنى يېزىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . كېيىنچە پۇل تاپقاندا ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ .

7. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قامداش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى قەدىرلەشكە تېگىشلىك روھ ، ئوتتورا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ، بولۇپمۇ قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ شۇنداق . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىرەر ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى نەرسە – كېرەك سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە چوقۇم ئۇنىڭغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ ، ئەگەر ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولمىسا ھەرگىزمۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلمايدۇ . ئۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەيرىتىگە بارىكاللا ! ئۇلارغا كۆپرەك ئىلھام بېرىپ كۆيۈنۈش كېرەك .

8. كېچىلىك بازاردا يايما يايغانلاردىن ئازراق بولسىمۇ نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىڭ . ئۇلارنىڭ سېتىۋاتقانلىرى ئەرزان باھالىق نەرسىلەر ، شۇڭا ئارتۇقچە باھا تالىشىپمۇ ئولتۇرماڭ . ئەگەر ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولسا ، ئۇلار شۇ كېچىدە ، شۇ سوغۇقتا توڭلاپ يايما يېيىپ ئولتۇرارمىدى ؟

9. ئەگەر ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىز ياخشى بولسا ، پۇللىرىڭىزنى ئەيشى – ئىشرەت ، كەيپى – ساپاغا ئىشلەتمەستىن ، بىرەر خەيرلىك ئىشقا سەرپ قىلىڭ ، يەنى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالغان نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ . ئۆزىڭىزنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمىسىڭىز ، قىلغان ئىشىڭىز تېخىمۇ ساۋابلىق بولىدۇ .

10. ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە ، ھەم يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئاساسىي بار ، دەپ قارىسىڭىز ، ئۇلارنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈرۈپ قويۇڭ ، چۈنكى ئىناقلىق تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەتتە ياخشىلار كۆپەيسە ، ھەممىمىز بەخت ئىچىدە ياشايمىز .

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 8 )
  1. ئىزدەنگىن
    09/20/2012 at 01:40
    جاۋاب

    ئوھ، بۈگۈن تۆر بېكار قاپتۇغۇ… مەن ئاۋۋال ئولتۇرغاچ تۇراي

  2. يولۇچى
    09/20/2012 at 03:54
    جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    بۇ ھەقىقتەن ياخشى تېمىكەن بۇ تېمنى ياخشى چۈشۈنۈپ ئوقوغانلارنى ئويلاندۇردىكەن بىزلەر ئوقوپ تۇرۇپ خىزمەت قىلغان ھەر قانداق ئوقۇغۇچىلارنى قوللىشىمىز كىرەك ئۇلارنى مەسخىرە قىلماي

  3. قەقنۇس
    09/20/2012 at 10:08
    جاۋاب

    مەنمۇ بوش كەلمەي :razz:

  4. گىك
    09/20/2012 at 13:49
    جاۋاب

    مەن ھەردائىم 8-سىدە دىيىلگەن ئىشنى قىلىمەن

  5. ساباھ
    09/20/2012 at 18:44
    جاۋاب

    ئېسىل…..

  6. نۇرنىجات
    09/23/2012 at 06:04
    جاۋاب

    مەن كۆپىنچىسىنى قىلىدىكەنمەن.پۇلۇم كۆپ بۇلۇپ قالغان بولسا،ھەممىسىنى قىلىۋېتەركەنمەن.

  7. ئالپبەگ
    09/27/2012 at 08:16
    جاۋاب

    http://www.turanim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=713
    بۇ قېرىندىشىمىزغا ياردەم قىپ قويۇڭلار

  8. تۇران تېكىن
    09/29/2012 at 14:55
    جاۋاب

    كىشىلىك تۇرمۇشتىكى گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئەڭ كىچىك، ئەمما ھەرقانداق ئادەم ئۆزىنى چەتكە ئالالمايدىغان ئىسىل كارتىنىلار ئىكەن.

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي