ئۆسمۈرلۈكۈمگە ھەمراھ بولغان ئاشۇ «نىمجان»(半条命) ئويۇنىنىڭ يېڭى بۆلۈمى چىققۇدەك، ماۋۇسى ئېلانىكەن…

csgo

قاچاندىن كومپىيۇتېر دېگەن ئوقەتكە يېقىن كەلدىم، مۇشۇ «نىمجان»(半条命) ئويۇنىنى ئويناپلا كەپتىمەن، تولۇقسىزدىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە ساۋاقداشلارنى، بۇرادەرلەرنى توپلاپ كېلىپ ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ قاتتىق تۇتۇشۇپتىكەنمەن، گەرچە ھازىر بۇرۇنقىدەك ئەسەبىي ئاشىق بولمىساممۇ.  ئالىي مەكتەپكە كېلىپ بەزىدە كومپىيۇتېر ئالدىدا ھېچ قىلغۇم كەلمەي ھەمدە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدىن قوپالماي كەتكەن بىر قىسىم چاغلىرىمدا مەزكۇر ئويۇننىڭ cs 1.6 نەشىرىنى ئازراق ئويناپ كاللامنى ئارام ئالدۇرۇپتىمەن. بۈگۈن قارىسام مەزكۇر ئويۇننىڭ يېڭى بۆلۈمى «تېررورلۇققا قارشى تۇرغۇچى ئەزىمەتلەر: دۇنيا مىقياسىلىق تۇتۇشۇش»(反恐精英: 全球攻势)نىڭ ئېلانى يوللىنىپتۇ، قارىغاندا مەزكۇر ئويۇننىڭ يېڭى بۆلۈمى چىقىدىغان ئوخشايدۇ، ئېلانىنى كۆرۈپ باققاچ بۇرۇن مەزكۇر ئويۇننى ئوينايدىغانلار ئازراق ئەسلىمە بەرمەمسىلەر؟ سىلەر ئوينىغانمۇ، قانداق ئوينىغان؟…

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 11 )
  1. نۇرنىجات
    09/25/2012 at 13:36
    جاۋاب

    باشلانغۇچتىكى ۋاقتىمدا،بالىلار بەك چوڭ بىلەتتى بۇ ئويۇننى!بىراق مېنىڭ پەقەت خوشۇم يوق. :sad:

  2. قەقنۇس
    09/25/2012 at 15:09
    جاۋاب

    مىنڭمۇ شۇ . ئانچە ئويناپ كەتمەيمەن . :idea:

  3. ئۇيغۇربەگ
    09/25/2012 at 15:43
    جاۋاب

    قارىغاندا بۇ ئويۇننى ئوينايدىغانلا يالغۇز مەن ئوخشايمەن :???:

  4. ۋەھىمە
    09/26/2012 at 04:51
    جاۋاب

    قايسىڭلار مەن بىلەن مەرگەن مىلتىقىدا چۇشۇپ باقىسىلەر ، :cool: :cool:

    • يولۋاسباي
      10/11/2012 at 14:53

      مەن چۇشەي مەرگەن مىلتىقتا مەن ياخشى ئوينايمەن :mrgreen:

  5. ئارسلان
    09/26/2012 at 05:31
    جاۋاب

    مەن :idea: :idea:

  6. قەقنۇس
    09/26/2012 at 06:38
    جاۋاب

    مەنمۇ بار جۇمۇ .ئوينىغىلى خوشياقمايدۇ .ئەمما خىلى سۇزۇك ئويناپ قويىمەن . :grin:

  7. جەڭچى
    09/27/2012 at 02:03
    جاۋاب

    مەنچە بولغاندا ئوغۇللار ئويناپ قويسا زېيىنى يوق!لىكىن ئۆزىنى كونترول قىلالىشى كىرەك!

  8. كارتوس
    09/28/2012 at 01:36
    جاۋاب

    يەنىلا مۇشۇ csكە يىتىدىغىنى يوق مىنىڭچە ھەركەتلىرى چىرايلىق ھەم چاققان

  9. سەھرالىق
    09/28/2012 at 12:41
    جاۋاب

    مەنمۇ كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بەك ئوينايتىم، شىنجاڭدا تور قامال قىلىنغاندا مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا مۇشۇ ئويۇن سەۋەبلىك مۇشتلاش چىقىرىشقا تاس قالغان…شۇنىڭدىن بىرى ئوينىمىدىم، ئەمما يېڭى نۇسخىلىرى چىقسا،ئانچە-مۇنچە مەيدان ئۈنۈملىرىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن قاچىلاپ،ئويناپ بولۇپ يۇيۇۋىتىمەن.

  10. ئەلشات
    10/07/2012 at 04:15
    جاۋاب

    ماۋۇنى كۆرۈپ 穿衣火线 نى يەنە ئوينۇغۇم كەپ قالدىيا

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي