بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (2-باب: خاككېر ئېمپىرىيىسى)

hacker-wallpaper_00409076_副本

ئالدىنقى يازمىمىز «بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (1-باب: قىستۇرمىلار بىلەن جەڭگە تەييارلىنىش) »دە بىز قىستۇرمىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق سىپەملەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ھەمدە بىر قەدەر ئۈنۈمگە ئېرىشكەن، ئەمدىلىكتە بىز بۇ يازمىمىزنىڭ ئىككىنچى قىسمى «خاككېر ئېمپىرىيىسى» بابىغا كەلدۇق. بۇ بابدا بىز ئانچە-مۇنچە كود ئويناش ئارقىلىق سىپەملەرنى قىرغىن قىلىشنىڭ تەدبىرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىققۇسىمىز، دىققىتىڭىز يازمىمىزدا بولسۇن!….

4.  .hatccess ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىش تەدبىرى

 ئالاھىدىلىكى: .hatccess ھۆججىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق سىپەم ماشىنىلىرىنىڭ wp-comments-post.php ھۆججىتىنى بىۋاستە زىيارەت قىلىشىنى توسقىلى بولىدۇ. مەزكۇر ئۇسۇلنىڭ تېخنىكىلىق دەرىجىسى تۆۋەن، تۆۋەن دەرىجىلىك خاككېرلارغا ماس كېلىدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن .hatccess ھۆججىتىنى ئېچىڭ ھەمدە تۆۋەندىكى كودنى قوشۇڭ:

   1: RewriteEngine On

   2: RewriteCond %{REQUEST_METHOD} POST

   3: RewriteCond %{REQUEST_URI} .wp-comments-post.php*

   4: RewriteCond %{HTTP_REFERER} !.*yourdomainname.* [OR]

   5: RewriteCond %{HTTP_USER_AGENT} ^$

   6: RewriteRule (.*) ^http://%{REMOTE_ADDR}/$ [R=301,L]

پىرىنسىپى: ئادەتتە سىپەم يوللايدىغان ماشىنا ئادەملەر بلوگىڭىزدا تۇرمايلا ئىنكاس يوللايدىغان بولغاچقا، يۇقارقى كود ئارقىلىق بلوگ بېتىدە تۇرۇپ باقمىغانلارنىڭ ياكى تۇرمىغانلارنىڭ ئىنكاس يوللاش سالاھىيىتىنى توسۇپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىپەم يوللىنالمايدۇ.

5. يوللاش كونۇپكىسىنىڭ ئالدىغا بىر كۆزنەك قوشۇۋېتىش تەدبىرى

ئالاھىدىلىكى: بەك ياخشى ئەمەس، قولايسىز، ئۇتۇقلۇق بولۇش نىسپىتى تۆۋەن، يۇقىرى دەرىجىلىك بلوگداش خاككېرلارغا ماس كېلىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا گەرچە سىپەملەرنىڭ ئالدى ئېلىنسىمۇ، نورمال زىيارەتچىلەرگە سەل قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

ئاۋۋال ئۇسلۇبىڭىزنىڭ comments.php ھۆججىتىنى تەھرىرلىگۈچدە ئېچىپ تۆۋەندىكى كودنى ئىنكاس يوللاش كونۇپكىسىنىڭ ئالدىغا قويۇڭ:

   1: <label for="enable"><input type="checkbox" name="enable" id="enable" onClick="apply()" class="enable_checkbox"> Check this box to enable the send button</label>

ئەسكەرتىش: «يوللاش» كونۇپكىسىنىڭ name خاسلىقى(属性) ۋە ئېلىمېنىتى(元素)غا دىققەت قېلىڭ، ناۋادا بۇنداق جايلار بولمىسا value قىسمىغا commentform دەپ تولدۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئەمدى ئۇسلۇبنىڭ header.php  ھۆججىتىنى ئېچىپ تۆۋەندىكى كودنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ:

   1: function apply() {

   2:     var form_submit = document.commentform.submit;

   3:     var form_checkbox = document.commentform.enable;

   4:     form_submit.disabled=true;

   5:     if(form_checkbox.checked==true) {form_submit.disabled=false;}

   6:     if(form_checkbox.checked==false) {form_submit.enabled=false;}

   7: }

ناۋادا سىزنىڭ ھۆججىتىڭىزدە name="…" دەپ بولسا … ئورنىغا مۇناسىپ بولغان commentform ۋە submit قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

6. باشقا بېكەتلەرنىڭ ئىنكاس يوللاش سۇپىسىنى ئىشلىتىش تەدبىرى

ئالاھىدىلىكى: كەچۈرۈڭ، بىلمەيتمەن، ئەمما ئوتتۇرا دەرىجىلىك خاككېرلارغا ماس كېلىدۇ.

شۇ خىل سۇپىلاردىن:

Jetpack | Disqus | Facebook Comments | 多说
ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 4 )
  1. qutbeg
    12/27/2012 at 09:56
    جاۋاب

    بىگىم مۇنداق ھۆنەرلەرنى چىقارماي يۈرىۋەرمەي ئايدا يىلدا بولمىسىمۇ ھەپتىدە بىرەر قېتىم يوللاپ تۇرىلى….

  2. ۋەھىمە
    12/27/2012 at 16:56
    جاۋاب

    ماۋۇ ئۇسۇل بولىدىكەن ، بەگ ئالىلىرى ئەمدى خاككىرلىقنىمۇ چاناي دەپلىدە ئەسلى :grin:

  3. يولۋاسباي
    02/01/2013 at 07:48
    جاۋاب

    خاككىرلىقنىمۇ بەگ تۇراسىدا ئۇگۇنۇشنى باشلىۋەتتۇق

  4. ئابدۇسالام
    07/10/2017 at 17:56
    جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي