[WordPress تېخنىكىسى] يازما ماۋزۇسىغا يازما ئېچىلىۋاتىدۇ ئۈنۈمىنى چىقىرىشنىڭ تەدبىرى

inspire_cloud_wallpaper_by_sanguineepitaph-d3ywlaj_副本

ئۇزاق بوپتىكەن تېخنىكا ئويناپ باقمىغىلى، بلوگداشلارنىڭ قولى قىچىشىپ قالدىغۇ دەيمەن. بۈگۈن مەن بلوگداشلارغا يازمىنىڭ ماۋزۇسىنى باسقاندا ماۋزۇسىنىڭ ئورنىدا «يازما ئېچىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئۈنۈمنى قانداق ھاسىل قىلىشنى بىر سۆزلەپ ئۆتەي، ئۈنۈمىنى مۇشۇ يېڭى تۇرادىكى بىرەر يازمىنىڭ تېمىسىنى چىكىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەمىسە يازمىغا مەرھەمەت…

بۇ تەدبىرنىڭ بايانى ۋە پايانى

بۇ تەدبىرمۇ JQuery دېگەن ئوقەتتىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا ئاۋۋال JQuery بولىقىدىن بىرنى ئاسايلى. ئۇسلۇبنىڭ بەت بېشى ھۆججىتى Header.phpنى ئېچىڭ ۋە </head>ئالدىغا تۆۋەندىكى كودنى قويۇڭ:

<script type="text/javascript" src="http://jqueryjs.googlecode.com/files/jquery-1.2.3.min.js"></script>

ناۋادا سىز بۇ بولاقنى ئېسىپ بولغان بولسىڭىز بۇ باسقۇچدىن ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ.

ئەمدى تۆۋەندىكى كودنى يەنە باياقى ئۇسلۇبنىڭ بەت بېشى ھۆججىتى Header.phpدقلق </head>ئالدىغا قويۇڭ:


<script type="text/javascript">
$(document).ready(function() {
$('h2 a').click(function(){
myloadoriginal = this.text;
$(this).text('يازما دېگەن چاقماق سۈرئىتىدە ئېچىلىۋاتىدۇ بارغۇ...');
var myload = this;
setTimeout(function() { $(myload).text(myloadoriginal); }, 2011);
});
});
</script>

ئىزاھات: يۇقارقى كوددىكى h2 بولسا ئۇسلۇبىڭىزدىكى تېما ماۋزۇسىنىڭ خەتكۈچى، بۇ چوقۇم ئۇسلۇبدىكىسى بىلەن ئوخشاش بولۇش كېرەك. بۇ خەتكۈچنى تېپىش ئۈچۈن index.phpدىن يازما ماۋزوسىغا ئائىت ئورۇننى تېپىڭ ۋە سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ، بەزى ئۇسلۇبلاردا h1 ياكى h3 دېگەندەك بولىدۇ. تۆۋەندىكى ئۇيغۇربەگنىڭ يېڭى تۇرايى ئۇسلۇبىدىكى يازما ماۋزوسىغا ئائىت كود:

 <h2><a href="<?php the_permalink() ?>" ><?php the_title(); ?></a></h2>

دېمەك بىزنىڭ ئۇسلۇبنىڭ ماۋزۇ خەتكۈچى h2 ئىكەن. چۈشەنمىگەن جايلارغا ئىنكاس قوبۇل قىلىمەن…

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 13 )
  1. ھاجى
    05/21/2013 at 10:25
    جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.«يازما دېگەن چاقماق سۈرئىتىدە ئېچىلىۋاتىدۇ بارغۇ» بۇنى تور سۈرئىتى ئاستىلار ئىشلەتمىسەك بولغۇدەك جۇما. :cry:

    • ئۇيغۇربەگ
      05/23/2013 at 02:46

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مەندەكلە ئىشلەتسەك تۈگۈشۈپلا كېتىمىز.

  2. سالىھ بەگ
    05/22/2013 at 14:36
    جاۋاب

    ئاۋۇ خەتنى بى باشقىچە يازساق بولا . ساقلاڭ،ساقلىياممىسىڭىز نىمگە باسقان دەپ :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ
      05/23/2013 at 02:48

      بولىدۇ، بولىدۇ، بولاۋېرىدۇ…

  3. ئۆزقان
    05/23/2013 at 03:11
    جاۋاب

    ياخشى قىستۇرمىكەن، لېكىن مېنىڭكىگە باشتىلا بۇ قىستۇرمىنى ئورنىتىپ قويۇپتىكەن، تاس قاپتىمەن بايقىمايلا تۆپىلەپ ئورنىتىۋەتكىلى…

    • ئۇيغۇربەگ
      05/28/2013 at 01:44

      بۇ قىستۇرما ئەمەستىغۇ، ئىنكاسنى باشقا يەرگە يوللاپ قويۇپسىز ئاغا

  4. دوغاپ
    05/27/2013 at 00:11
    جاۋاب

    مەن بۇنى مانا ھازىرلا دەپ ئىشلەتكەن…

    • ئۇيغۇربەگ
      05/28/2013 at 01:50

      قانداق بولسا بولىۋېرىدۇ ئەمەسمۇ، مەن تېخى « خان ئۇكام، نېمىگە ئالدىرايلا؟»، «بەگزادەم، يازما ئېچىلىۋاتىدۇ، سەل تەخىر قىلغايلا…» دەپمۇ ئالماقچى.

  5. تۇران تېكىن
    05/28/2013 at 15:26
    جاۋاب

    تور سۈرئىتى تېز بولسا بۇنىڭ ئۈنىمىنى كۆرگىلى بولمايدىكەن.

    • ئۇيغۇربەگ
      05/30/2013 at 04:31

      شۇنداق، تور سۈرئىتى ئاستىلار ئۈچۈن تەمىنلەنگەن تېخنىكا.

  6. تارىم بلوگى
    06/04/2013 at 05:51
    جاۋاب

    مىنىڭكىدىمۇ ئەسلىدىنلا شۇنداق دەپ چىقاتتى.
    ئورنىتىشىم بىھاجەت ، بىلىۋېلىشىم بەك ھاجەت بولغان تېمىكەن بۇ.
    مىنىڭكىدىمۇ ئۇ چىققان خەتنى ئوقۇپ بولغۇچە ئېچىلىپ كىتىدۇ زادى. تور سۈرئىتىم خېلى ئوبدان دەپ ئويلايمە ئەمدى، بىر نەرسە چۈشەسەم 1.20MB/ S تېزلىكتە چۈشۈپ قويىشى باغۇ. ئاستا ئەمەستۇ ھە باللا؟!

  7. گۈلبۇلاق
    06/05/2014 at 03:16
    جاۋاب

    كەچۈرسىز مۇشۇ يەرگىلا ئىكناسىمنى يازدىم…
    <!–
    بىر ئۇسلۇبتا dir=”rtl” مۇشۇ بولغاچقا پۈتۈن ئۇسلۇبتا رەسىملەر كۆرۈنمدىدى شۇڭلاشقا بۇنى ئېلىپ تاشلىغلى بولارمۇ؟
    بۇ ئەڭ ئۇستىنكى قۇردا تۇردىكەن..

    • ئۇيغۇربەگ
      07/30/2014 at 09:23

      بولىدۇ.
      ئەمما ئوڭ-سولغا ماسلاشماسلىق مەسىلىسى كۆرۈلگەندە يۇقارقى كودنى مۇناسىۋەتلىك بۆلەكلەرگە قويۇپ ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ.

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي