wordpress يانفۇن ئۇسلۇبى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

iphone_prestan_uyghurbeg

يانفونلارنىڭ ئەقلىيلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىرىمىز يانفون ئارقىلىق تورغا چىقىشقا كۆنۈپ كەتتۇق، شۇنداقلا بلوگىمىزغا يانفون ئۇسلۇبى ياساش ئىھتىياجىمىز ئېشىشقا باشلىدى. بۇرۇن «WPtouch قىستۇرمىسى ئۇيغۇرچىلاشتى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى!» ناملىق يازمىمىزدا قىستۇرما ئارقىلىق يانفون ئۇسلۇبى ھاسىل قىلىشنى ئۆگەنگەن بولساق، بۇ قېتىم يانفون ئۇسلۇبىنى ئۆزىمىز ھەل قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىپ ئۆتىمىز.

1-خىل ئۇسۇل، قىستۇرمىسىز يانفۇن ئۇسلۇبى

پرېستان بلوگىنىڭ يانفۇن نەشرى دەل بۇ خىل ئۇسۇلدا يېزىلغان، يەنى ئەسلىدىكى style.css نى ساقلاپ قالغان ئاساستا بىر نۇسخا كۆچۈرۈپ، يېڭىدىن iphone.css نامىدا پاسون ھۆججىتى ياسايمىز. header.php نىڭ ئىچىگە ئېكران كەڭلىكى 480px دىن كىچىك بولسا iphone.css نى ئىشلەتسۇن دېگەن كودنى قۇشۇپ قويساقلا ئىش تامام، يەنى تۆۋەندىكى كود:

<link rel="stylesheet" type="text/css" media="only screen and (max-device-width: 480px)" href="<?php bloginfo('template_directory'); ?>/iphone.css" />

بۇنداق بولغاندا بىر ئۇسلۇبنى 2 خىل ئۇسلۇبنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، يەنى 480px دىن چوڭ بولسا كومپىيۇتېر نۇسخىسى، 480px دىن كىچىك بولسا يانفۇن ئۇسلۇبى. بۇ يەردە سىز بەلكىم iphone.css نى قانداق تەڭشەيمەن دەپ ئويلىنىپ قالغان بولىشىڭىزمۇمكىن، ئۇنداقتا مەن پرېستان بلوگىنىڭ iphone.css نى ئاستىدا ئۈلگە قالدۇراي.

@media only screen and (max-device-width: 480px) {

body{font:3em "Alpida Unicode System",Verdana,Arial,Sans-serif;background:#c5ccd4 url(images/iphonebg.png);text-align:center;direction:rtl;width: 100%}
#wrapper{background:#EBF0EF;}
.wrapper{width:100%;margin:0 auto;text-align:right;}
.wrapper-top{width:100%;margin:0 auto;text-align:right;}
#main_top{display: none;}
#top_manu{display: none;}
#top_search{ display: none;}

#header{background:#009193;height:180px;width:100%;margin:0 auto;text-align:right;padding-top:10px;position: relative;}
#header a{background:#009193;height:180px;display:block; }
#header img{display: none;}
#header span{position: absolute;top:0;font-size: 3em;text-align: center;color:#fff;width:100%;}
#header span a{text-align: center;color:#fff;width:100%;}
#container_post{float:right;padding:0px; margin:0;width:100%;}
#container_post_single{float:right;padding:0px; margin:0;width:100%;;border: 5px solid #E2E2E2; background:#FFF;}
#container{float:right;padding:0px; margin:0;width:100%;}
.post{margin:0;width: 90%; padding:5%; position:relative;border:none;border-bottom:1px solid #e2e7e6;background:#fff;}
.post h2{color:#009193;padding:0 4em 0 0;margin-right:0px; background: url(images/iphone-icon.png) right 1.7em no-repeat;}
.post h2 a{color:#009193;font-size:4em;line-height: 1.3em;}
.post h2 a:hover{color:#008184;}
.post_single{margin:0;width: 86%; padding:5%; position:relative;border:0;background:#fff;}
.post_single h2{color:#009193;padding:0px;margin-right:0px;font-size:1em;line-height: 1.3em;}
.post_single h2 a{color:#009193;font-size:1em;line-height: 1.3em;}
.post_single h2 a:hover{color:#008184;}

.entry{ clear:both;text-align:justify;color:#656668;}
.entry a:hover{ border-bottom:1px solid #ec5d1e;}
.entry p{margin:0.8em 0;line-height:1.5}
.entry ul,.entry ol{padding:0 20px 0 0;}
.entry ul li{list-style:disc; margin:0 0 5px 0}
.entry ol li{list-style:decimal;}
.entry img{border:none;}
.entry blockquote{margin:0.8em 0;}

.more{display: none;}
.post-bt{display: none;}
.title_thumb{display:none;}
.post .info{display: none;}
.post_single .info{display: none;}
#author_copy {display: none;}
#article {display: none;}
#comment_go { display: none;}
#sidebar{display: none;}
#contact{display: none;}
#scroll{display: none;} 
#slide_tab img{display:none; }
#slide_tab{ display: none;}
#sidebar{display: none;}
#simple{ display: none;}
#manu{ display: none;}
#single_top{ display: none;}
#article-index{ display: none;}
#footer{ display: none;}
#focus_bg{ display: none;}
.post .entry{ display: none;}
#iphone_none{ display: none;}
.source{ direction:ltr; text-align:left; padding:5px; border:1px dotted #ddd;}
.code_ltr{ direction:ltr; text-align:left; padding:5px;}
.aligncenter,div.aligncenter{display:block;margin:auto;}
.alignleft{float:left;display:block; }
.alignright{float:right;display:block;}
}

دېمەك سىز ئەسلىدىكى style.css دىكى id, class لارنى بىردىن بىردىن ئۆزگەرتىپ چىقىشىڭىز كېرەك. يانفۇندا كۆرۈنمىسۇن دېگەن يەرلەرنى display: none خاسلىقىنى بىرىپ بەت يۈزىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىساق بولىدۇ.
iphone.css نى يازغاندا كودلىرىڭىزنى تۆۋەندىكى كودنىڭ ئارىسىغا يېزىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بىلەلمىسىڭىز پرېستان بلوگىنىڭ iphone.css غا قاراڭ.

@media only screen and (max-device-width: 480px) {

}

2-خىل ئۇسۇل، قىستۇرما ئارقىلىق يانغۇن ئۇسلۇبى

ئۇيغۇربەگ توراسىنىڭ يانغۇن نەشرى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا يېزىلغان. سىز ئاۋال بىر دانە يانغۇنغا ماس كەلگۈدەك ئۇسلۇب ياسايسىز، بۇ يەردە مەن يانفۇن ئۇسلۇبىنى قانداق ياساش ھەققىدە جىق توختالمايمەن، پەقەت سىز يانفۇن ئۇسلۇبنىڭ كەڭلىك، ئېگىزلىك ۋە خەت رازمېرىغا مۇقۇم قىممەت بەرمەي پىرسەنتلىك قىممەت بېرىپ لايىھەلىسىڭىز بولىدۇ. يانفۇن ئۇسلۇبىنى قاچىلاپ بولۇپ قوزغاتمىسڭىزمۇ بولىدۇ، باشقۇرۇش تاختىسىدىن قىستۇرما تۈرىنى تاللاپ WordPress Mobile Themes دېگەن قىستۇرمىنى (ئاپتورى: mg12) ئىزدەپ تېپىپ قاچىلايسىز، قاچىلاپ بولۇپ قىستۇرمىنىڭ تەڭشەش كونۇپكىسىنى بېسىپ مۇناسىۋەتلىك تەڭشەش ئېلىپ بارىسىز يەنى يانغۇندا ئېچىلسا ماۋۇ ئۇسلۇب ئىشلىتىلسۇن دېگەندەك. مۇشۇنچىلىك ئاددىي.

پرېستان ۋە ئۇيغۇربەگ بلوگىنىڭ يانغۇن نەشرى

iphone_prestan
iphone_uyghurbeg
ياقتۇرغان بولساڭلا، قولۇڭلاردىكى يانغۇننى ئېلىپ سىناپ بېقىڭلا. سىلەر چۈشەنمىگەن ياكى مەن چۈشەنمىگەن يەرلىرى بولسا ئورتاقلاشساق بولىدۇ.

ئاپتور: prestan

ئىنكاسلار ( 13 )
  1. تەشنايى
    06/04/2013 at 11:50
    جاۋاب

    مەنمۇ بىر ئىككى يۈرۈش تېلىفۇن ئۇسلۇبىنى تەڭشەپ باققانتىم. قىستۇرما ئارقىلىق ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن. بوپ قالىدىكەن…

  2. ئۇيغۇر ئوغلان
    06/04/2013 at 12:18
    جاۋاب

    مەنمۇ Wptuch نى ئىشلىتىپ قارىسام بوشلۇق سۈرئىتىنىڭ مەسىلىسى تۈپەيلىدىن تېلفۇندا ئاچسام بەكلا ئاستا، شۇڭا ماۋۇنىڭدەك قىلىپ رەسىمسىز ياساپ باقسام بولغۇدەك.
    ماۋۇ بېشىنى يەيدىغان بوشلۇقنى بىلمەي ئېلىپ قاپتۇق، سۈرئىتى ئاستا، يەنە كېلىپ ئەڭ چوڭ چاتىقى eot قوللىمايدىكەن. ۋاقتى توشسا چوقۇم كۆچۈپ كېتىمىز. :evil: :evil: :evil:

  3. سارايۋەن
    06/04/2013 at 18:48
    جاۋاب

    ئاۋۇ قىستۇرمىنى سىلىدىن سورىغان ئىدىم بىگىم يوللاپ بىرەلەلىمۇ

    • ئۇيغۇربەگ
      06/09/2013 at 15:10

      ئۇچۇرىڭىزغا ئەمدى دىققەت قىپتىمەن، كەچۈرۈڭ…
      ئەپسۇسكى بۇ قىستۇرمىنى يەرلىكتە ساقلىۋالماپتىكەنمەن، تورغا يوللىغانلىرىم ئۆچۈپ كېتىپتۇ :sad:

  4. ئو.تۇرپان
    06/05/2013 at 04:14
    جاۋاب

    ئوبىكىتنىڭ CSS خاسلىقىغا display: none نى ئىشلەتكەندە، گەرچە ئوبىكىت كۆرۈنمىسىمۇ، لېكىن ئېقىمنى تىجىمەيدۇ.

  5. ئىليار
    06/05/2013 at 13:50
    جاۋاب

    نۇر تورىنىڭ يانفوندا زىيارەت قىلغاندا ئاندىروئىد 2.3 نەشىردىكى يانفونلاردىمۇ خەتلەر نورمال كۆرۈنىدىكەن
    بۇنىڭغا قانداق سىر يوشۇرۇنغاندۇ ؟
    مىنىڭچە بىر js ھۆججىتى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇردى
    مۇشۇ تېخنىكىنىمۇ ئۈگەنسەك بولاتتى

    • ئۇيغۇر ئوغلان
      06/07/2013 at 04:38

      نۇر تورىنىڭ ئەپ دېتالىنى دېمەكچىمۇ ياكى يانفۇن تور بېتىنى دەۋاتامسىز؟ ئەپ دېتالىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە فونت بار، ئەپكە تونۇتىۋېتىلگەن.

    • ئۇيغۇربەگ
      06/09/2013 at 15:11

      يانفون بېتى ھەم شۇنداقكەن، مەن بايا فونت تونۇتۇلمىغان تېلىفوندا سىناپ باقتىم، بىر ھۈنەر باركەن ….

  6. تارىم بلوگى
    06/09/2013 at 06:39
    جاۋاب

    نۇر تورىنىڭ ئەپ دېتالىدىغۇ شۇنداق، تور بېتىنى زىيارەت قىلسىمۇ ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنىدۇ. يەنە بىرگە تورخۇمارمۇ شۇنداق.

    • ئۇيغۇربەگ
      06/09/2013 at 15:10

      شۇنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغۇرلىساق بوپتىكەن

  7. سارايۋەن
    06/09/2013 at 08:17
    جاۋاب

    پىقىر سارايۋەن تىخى يىقىنقى مەزگىللەردە يانفون نۇسقىسىنى ئىچىپ بولالمايدىغان ئوخشايمەن

  8. تورغاي
    07/30/2013 at 08:01
    جاۋاب

    بۇ قىستۇرما ئۈچۈن يانفون ئۇسلۇبىدىن بىرنى تەييارقىلىش كىرەكمۇ؟ مەن قاچىلىسام ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش يوق، پىرىستان ئۇسلۇبى ئىدى

  9. ئابدۇللا
    08/23/2013 at 16:13
    جاۋاب

    مەن يانفۇنۇمدا كىرىپ باقسام، يانفۇن ئۇسلۇبى ئەمەس ، كومپىيۇتېر ئۇسلۇبى چىقىۋالدىغۇ؟

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي