ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىتىنىڭ توردىكى قىسقارتىلما يېزىلىشى ھەققىدە ئىزدىنىپ باقتىم…

ئۇيغۇر تىلى ۋە مىللىتىنىڭ توردىكى قىسقارتىلما يېزىلىشى ھەققىدە ئىزدىنىپ باقتىم…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يېقىندىن بۇيان ئوقۇش پۈتتۈرىمەن، رەسىمگە چۈشىمەن دەپ سەل ئالدىراش بولۇپ قالغاچ تورغىمۇ كۆپ چىقالمىدىم، چىقساممۇ ئۇزاق ئولتۇرالمىدىم، ئالدىنقى يازمىنى يوللىغان مەن ئەمەس، ئوقۇشۇم ئەمدى پۈتكەن تۇرسا نەدىكى خىزمەتكەن ماڭا. بۈگۈن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن مىكروبلوگ ئويناش داۋامىدا ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى باشقىلارغا قانداق ئىشارەت قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىپ يۈرۈپ، تورداشلار ئىشلىتىپ يۈرگەن UG ،UIG ،UY ،UYG قاتارلىق سۆزلەر ھەققىدە ئازراق ئىزدىنىپ قويغان ئىدىم، بۈگۈن سىلەرگە بۇنى يازما ھالىتىدە ئورتاقلىشاي.

ئەڭ ئاۋۋال UGدىن باشلايلى. UG دېگەن زادى نېمە ۋە ياكى UG نېمىلەرنى كۆرسىتىدۇ:

1. «ISO 639 تىل ۋەكالەت كودى جەدۋىلى»دا ئۇيغۇر تىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ(مەنبە: http://www-01.sil.org/iso639-3/codes.asp?order=639_3&letter=u
2. تور نامى ساھەسىدە ئۇگاندا دۆلىتىنى كۆرسىتىدۇ(خۇددى .cn جۇڭگونى، .tr تۈركىيەنى كۆرسەتكەندەك)؛
3. ئۇگاندا دۆلىتىنىڭ ئىنگىلىزچىدىكى قىسقارتىلما يېزىلىشىنى كۆرسىتىدۇ؛

ئەمدى نۆۋەت UIG دېگەن سۆزگە كەلدى:

1. ئۇيغۇر مىللىتى نامىنىڭ ئىنگىلىزچە قىسقارتىلما يېزىلىشى(ئىنگىلىزچە قېلىپلاشقان يېزىلىشىUighur ئىكەن، مەنبە: http://oxforddictionaries.com/definition/english/Uighur?q=UIGHUR )نى كۆرسىتىدۇ(مەنبە: http://acronyms.thefreedictionary.com/UIG
2. «ISO 639 تىل ۋەكالەت كودى جەدۋىلى»دا ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ(مەنبە: http://www-01.sil.org/iso639-3/codes.asp?order=639_3&letter=u
3.باشقا مەنىلىرىنى تۆۋەندىكى مەنبەدىن كۆرۈۋېلىڭ، مەنزىل: http://acronyms.thefreedictionary.com/UIG

ئەمدى UY ھەققىدە سۆزلەيلى، UY نېمە دېگەن گەپ؟

1. ئۇيغۇر تورداشلىرىنىڭ نەزىرىدە UY دېگەن سۆز Uyghur تور نامىنىڭ قىسقارتىلما يېزىلىشى؛
2. ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدە:  ئى . پىچىۋېتىلگەن كالا ؛ ئۆكۈز دېگەن مەنىلەردە (مەنبە: http://lughet.yulghun.com/#/ug_ug/ئۇي)
3. تور نامى ساھەسىدە ئۇرۇگۋاي دۆلىتىنى كۆرسىتىدۇ(خۇددى .cn جۇڭگونى، .tr تۈركىيەنى كۆرسەتكەندەك)؛
4. ئۇرۇگۋاي دۆلىتىنىڭ ئىنگىلىزچىدىكى قىسقارتىلما يېزىلىشىنى كۆرسىتىدۇ( مەنبە: http://acronyms.thefreedictionary.com/UY

5. باشقا مەنىلىرىنى تۆۋەندىكى مەنبەدىن كۆرۈۋېلىڭ، مەنزىل: http://acronyms.thefreedictionary.com/UY

ئەڭ ئاخىرىدا UYG ھەققىدە توختىلايلى:

1. ئىنگىلىز تىلىنىڭ مىللەت ۋە دۆلەت ناملىرىنى قىسقارتىپ يېزىش قائىدىسى بۇيىچە ش ئۇ ئا ر ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ھۆججەتتىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىنگىلىزچە قېلىپلاشقان يېزىلىشى بولغان «Uyghur» سۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە يېزىلىشى؛
2. باشقا مەنىسىنى بىلمەيدىكەنمەن.

ئاخىرقى سۆز:

يۇقارقىلىرى پەقەت توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ تاپقان نەتىجىلەر، زادى قايسى سۆز بىرلىككە كەلدى بۇنى بىلمەيمەن ھەمدە بىر نېمە دىيەلمەيمەن، ئەمما دىققەت قىلىشىمچە بىر قىسىم خەلقئارالىق تور بېكەتلەر(مەسىلەن: Wikipedia دېگەندەك) ۋە سېستىمىلارنىڭ(مەسىلەن: WordPress سېستىمىسىنىڭ) ئۇيغۇر تىلى سەھىپىسى ۋە ئۇيغۇر تىلى تىل بولىقىدا بىردەك ھالدا  «UG» دەپ ئىشلىتىلگەن ئىكەن، يەنە بىر قىسىم بېكەتلەردە بولسا «Uyghur» دەپ تولۇق يېزىپ ئىشلىتىدىكەن، مەن باشتا سىنا بلوگىدىكى ئىسمىمنىڭ كەينىگە «UIG» دەپ قوشۇپ ئىشلەتكەن بولساممۇ ھازىر «UG»غا ئۆزگەرتىۋالدىم، پەقەت دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم ئاتامانلار تور نامى سېتىۋالغاندا ئاندىن «UY»نى قوشۇپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆردۈم(مەسىلەن: Uykitab, Uypds,Uypdf)، بىرەرسىنىڭ «UG» دەپ قوشۇۋالغانلىقىنى كۆرمىدىم(بۇ يەردە «UY»نى قوشۇپ ئىشلىتىشنى خاتا دېمەكچى ئەمەسمەن). ئەمما «UYG» سۆزىنى ئىشلەتكەنلەرنى كۆرۈپ باقمىدىم.

شۇنداق قىلىپ مەزكۇر يازما ئاياغلاشتى.

پىكرىڭلار بولسا ئاڭلايمەن…

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 13 )
  1. كۆنچى
    07/01/2013 at 06:56
    جاۋاب

    ئالدىغا UY قوشۇلغان تور ناملىرى بىلەن شۇنداق خوشۇم يوق… پاخال قىلىۋەتتى…

    • بىركىم
      03/21/2014 at 19:19

      مېنىڭ xj قۇشۇلغان تورنامى بىلەن خۇشۇم يوق .ھە راست ،بلوگىڭىزدىن جىق ھۈنەر ئۈگىنىۋالدىم،ھەم ئىلھام ئالدىم ،رەھمەت :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ
      03/31/2014 at 18:26

      ئەرزىمەيدۇ، بۇرۇن كۆپ نەپ ئالاتتىڭىز

  2. ئەبۇ-باھادىر
    07/01/2013 at 08:35
    جاۋاب

    خىلى ئەتراپلىق ئىزدىنىپسىز.
    ئادەتتە مەن ug نى مۇۋاپىق دەپ قارايتىم. يەنە پىكىر دائىرەم ئاشتى. قالغىنىغا باللار بىر نىمە دېسۇن

  3. سارايۋەن
    07/01/2013 at 14:26
    جاۋاب

    مەنمۇ دەل يىڭى ئادرىسىمدا http://uysaray.com/blog/نى ئىشلەتكەن ئالدىدا uy بار ئىدى بۇ دەرىستىن خىلى بىلىملىك بولوپ قالدۇق بىگىمگە رەھمەت

  4. كۇسەن
    07/02/2013 at 05:46
    جاۋاب

    ئەڭ توغرىسى ug ئەگەر ug دەپ ئېلىش توغرا كەلمىسە Uyghur دەپ ئەلساق بۇلامدىكىن دەپ ئويلايمەن

  5. ئىسمىڭىز
    07/02/2013 at 18:45
    جاۋاب

    uy دەپ ئېلىش خاتا، چوقۇم ug دەپ يېزىش كېرەك.
    Uyghur دەپ يېزىش بولسا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لاتىنچە ئىپادىلىنىش لايىھەسى بويىچە يېزىلىشى خالاس، ئىنگلىزچىسى بولسا Uighur دۇر.
    تىل-يېزىق كومىتېتى ئىنگلىزچىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە ھۆججەت چۈشۈرىمەن دېمەي دۆڭكۈۋرۈكتىكى ۋىۋىسكىلارنىڭ ئىملاسىنى بىر ئوڭشىسۇنچۇ.
    http://bilik.cn/bbs/viewthread.php?action=printable&tid=24017

  6. ئىشقىيار
    07/03/2013 at 07:16
    جاۋاب

    ناھايىتى ياخشى بىر يازما بوپتۇ .مەنچە بولسىغۇ uyghur دەپ تولۇق يازسا بولاتتى .قىسقارتىپ يېزىشقا توغرا كەلگەندە مەنمۇ ug دەپ يېزىشنى قوللايمەن.

  7. تورسودا
    07/03/2013 at 13:41
    جاۋاب

    UG دىگىنىنى توغرا دەپ قاراپ كىلىۋاتىمەن، ھەم بۇندىن كىيىنمۇ شۇ كۆز قاراشتا….شۇ سەۋەپ UG باشلانغان بىر قانچە تور بامى تىزىملىتىپ قويدۇم

    • ئۇيغۇربەگ
      07/06/2013 at 02:20

      ياخشى قىلىپسىز!

  8. ئۇيغۇر ئوغلان
    07/05/2013 at 03:37
    جاۋاب

    زادى كۆنگەن يامانكەن جۇمۇ، خاتا ناملارنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ كېتىپتۇق.

  9. تىلەك
    07/24/2013 at 05:45
    جاۋاب

    تىلكومنىڭ بىر ھۆججىتى بارتى مۇشۇ توغۇرلۇق، قىزىل تامغا بىلەن چىقارغان

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي