ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. يۇقارقى ماۋزۇنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، ئەسلى ماۋزۇسىنى «ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ياساشتىكى دەرسلىك» دەپ قويماقچى ئىدىم، تېخىمۇ كۆپرەك ئادەم كۆرۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىددە بىر ماۋزۇ ئويناپ قويدۇم. گەپكە كەلسەم، بلوگىم ۋە ئېلخەتتە مەندىن خەتلىك فىلىمنى قانداق قايسى پروگرامما، قايسى دىتالدا ياسايدىغانلىقىمنى سورىغان تورداشلار بار ئىدى، قايسى كۈنى مۇشۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشنى ئويلاۋېتىپ، بىر دەرسلىك تۈزۈپ چىقىشنى ئويلاشتىم ھەمدە بىر يېرىم سائەتلىك مەزكۇر دەرسلىكنى تۈزۈپ چىقتىم.

 

دەرسلىك ھەققىدە

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە، مەسىلەن ئاقبۈركۈت، قۇتيار، شاھبلوگ، ھەزرەت قاتارلىق بلوگ-توربېكەتلەردە خەتلىك فىلىم ياساش ھەققىدە ئىشلەنگەن دەرسلىك فىلىملەر مەۋجۇد بولغان. مەن ئىشلىگەن دەرسلىك بولسا، كەمىنىنىڭ «ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» يۈرۈشلۈك قوش يىزىقلىق ناخشا – فىلىملەرنى ئىشلەتكەندە ئىشلەتكەن پروگرامما – تېخنىكا ھەققىدە بولۇپ، دەرسلىكتە ماتېرىيال ئۈچۈن بلوگىمدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان خەتلىك ناخشا «تاركان – قەسەم قىلدىم» ناملىق ناخشىنى ئاساس قىلدىم. شۇنداقلا، «ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى»دە ئۈنۈم بېرىشكە ئىشلەتكەن خەت ھۆججىتى قاتارلىقلارنى تەمىنلىدىم. ئىشىنىمەنكى، خەتلىك فىلىمگە ئىشتىياقى بار دوستلار دەرسلىكىمدىن شۇنداقلا دەرسلىكتە تەمىنلىگەن پروگرامما، خەت ھۆججەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىمۇ قول سېلىپ بىر خەتلىك فىلىم ياساپ چىقالايدۇ.

 

دەرسلىكتىكى مەزمۇنلار

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

1. مۇناسىۋەتلىك پروگراممىلار ۋە ئۇلارنى ئورنىتىش؛

2. خەتلىك فىلىم تېخنىكىسىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان .srt, .ass  فورماتتىكى ھۆججەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە پەرقى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە؛

3. ۋاقىت ئوقى ياساش؛

4. ۋاقىت ئوقىغا تېكىست قوندۇرۇش؛

5. ۋاقىت ئوقىنى فىلىمدە كۆرسىتىش؛

6. ۋاقىت ئوقىغا ئۆرنەك خەت ھۆججىتىدىن پايدىلىنىپ ئۈنۈم بېرىش ۋە ئۇيغۇرچە تونۇتۇش؛

7. فىلىمنى پىرىسلاش؛

 

دەرسلىك ئۆز ئىچىگە ئالغان ماتېرىياللار

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

1. دەرسلىك ھۆججەتلىرى؛

2. لازىملىق پروگراممىلار(يۇمشاق دىتاللار)؛

3. ئۆرنەك فىلىم؛

4. ئۆرنەك خەت ھۆججەتلىرى؛

5. فىلىم خام ماتېرىيالى؛

6. تەييار تېكىست؛

7. دەرسلىك جەريانىدا ھاسىل بولغان ھۆججەتلەر؛

 

دەرسلىكنى چۈشۈرۈش

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ۋاقتىمنىڭ قىسلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن فىلىمنى ھازىرچە پەقەت بەيدۇ بوشلۇقىغا يوللىيالىدىم، ناۋادا بەيدۇ بوشلۇقىدىن دەرسلىك ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىچىدە ئېچىلىدىغان باشقا بوشلۇققا، باشقا يەرگە يوللاپ قويالايدىغان دوستلار بولسا( بولسا چەتئەلدىكى دوستلار oneDrive, Dropbox قاتارلىق جايلارغا يوللاپ قويغان بولساڭلار)  يوللاپ بولغاندىن كېيىن ھەممەيلەنگە ئوچۇق ھالەتتە ھەمبەھىرلەپ قويۇپ، چۈشۈرۈش ئادرېسىنى مەزكۇر تېمىغا ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇپ قويساڭلار بولىدۇ. مەن ۋاقتىدا تىمىنى يېڭىلاپ، ئەڭ يېڭى ئادرېسىنى مەزكۇر يازمىغا قوشۇپ قويغۇسىمەن.

چۈشۈرۈش ئادرېسى:

1. بلوگىمدىن بىۋاستە چۈشۈرۈش:

بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ.

2. بەيدۇ تور دىسكىسىنىڭ دوستلۇق قوشۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ uyghurbeg دېگەن ئىسىمنى تېپىپ قۇشۇڭ ھەمدە شۇ ئىسىمغا خالىغان يىزىقتا «خەتلىك دەرسلىك» دەپ ئۇچۇر يوللىسىڭىز مەن ئۇچۇرنى كۆرگەن ۋاقتىمدا دەرسلىكنى بىۋاستە سىزگە يۆتكەپ بېرىمەن، ئاندىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ تور دىسكىسىغا كۆچۈرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئاخىرقى سۆز

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

كەمىنىنىڭ تەجرىبىسىزلىكى تۈپەيلى، دەرسلىكنىڭ ئۈنۈمى بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، ئەمما،  دەرسلىكنى دىققەت بىلەن كۆرۈپ، مەن ئېيتقان قەدەم بۇيىچە مەشخۇلات ئېلىپ بارسىڭىز، خەتلىك فىلىىم ياساش تېخنىكىسىنى ئاساسىي قەدەمدە ئۆگىنىپ كېتىشىڭىزگە ئىشەنچىم كامىل. دەرسلىك ھەققىدە بايقىغان تەلەپ – پىكىرلەر بولسا، پەقەت مۇشۇ يازما ئىچىدە بىرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. باشقا بېكەت ياكى جايلاردا بېرىلگەن تەلەپ – پىكىرلەرگە بىردەك جاۋاب بېرىلمەيدۇ. ئاخىرىدا ئەسكەرتىدىغىنىم، يۇقارقى دەرسلىك پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلغان بولۇپ، دەرسلىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا مەنسۇپ.

 

2016.2.6 يېڭىلاندى

نېمە سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم، چۈشۈرۈش ئادرېسىنى چەكلەپ قۇيۇپتۇ، يېڭىدىن ھەمبەھىرلەپ باقتىم، يەنە بولمىدى. مەن باشقا ئامال تېپىشقا تىرىشىۋاتىمەن، تاپالىسام يازمىنى يېڭىلاپ سىلەرگە بىلدۈرگۈسىمەن، رەھمەت.

2016.2.9 يېڭىلاندى

چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە ئادرېسى يېڭىلاندى

2016.7.11 يېڭىلاندى

ئىككىنچى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ بەيدۇ بوشلۇقىدىن ماڭا ئىنكاس يازساڭلار، ۋاقتىم چىققان ھامان ئەۋەتىپ قۇيىمەن، رەھمەت.

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 33 )
  1. ئىزتىل
    02/04/2016 at 01:19
    جاۋاب

    ھۈنەرنى ئاخىرى ئاشكارلىدىڭىز ھە بۇرادەر ، قالتىس ئىش قىلىۋاتىسز يېقىندىن بۇيان ، ھارمىغايسىز !

    • ئەرتۈرك
      02/04/2016 at 03:06

      ئۇلىنىش ئادرىسى كۈچتىن قاپتۇ

    • ئۇيغۇربەگ
      02/06/2016 at 08:20

      نېمە سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم، چۈشۈرۈش ئادرېسىنى چەكلەپ قۇيۇپتۇ، يېڭىدىن ھەمبەھىرلەپ باقتىم، يەنە بولمىدى. مەن باشقا ئامال تېپىشقا تىرىشىۋاتىمەن، تاپالىسام يازمىنى يېڭىلاپ سىلەرگە بىلدۈرگۈسىمەن، رەھمەت.

    • ئۇيغۇربەگ
      02/09/2016 at 12:16

      چۈشۈرۈش ئادرېسى يېڭىلاندى.

  2. ئەپەنداجىم
    02/04/2016 at 03:21
    جاۋاب

    ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن……

    • ئۇيغۇربەگ
      02/09/2016 at 12:20

      قوللىنىڭىزغا رەھمەت.

  3. ئويغان
    02/04/2016 at 07:26
    جاۋاب

    بەگ ئەپەندىم،چۈشۈرۈش ئادرىسى ئەمەلدىن قاپتۇ.

    • ئۇيغۇربەگ
      02/06/2016 at 08:20

      نېمە سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم، چۈشۈرۈش ئادرېسىنى چەكلەپ قۇيۇپتۇ، يېڭىدىن ھەمبەھىرلەپ باقتىم، يەنە بولمىدى. مەن باشقا ئامال تېپىشقا تىرىشىۋاتىمەن، تاپالىسام يازمىنى يېڭىلاپ سىلەرگە بىلدۈرگۈسىمەن، رەھمەت….

  4. ئابلىز
    02/05/2016 at 19:00
    جاۋاب

    چۈشۈرۈش ئادىرىسى ئىناۋەتسىز بۇلۇپ كېتىپتۇ ؟

    • ئۇيغۇربەگ
      02/06/2016 at 08:20

      نېمە سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم، چۈشۈرۈش ئادرېسىنى چەكلەپ قۇيۇپتۇ، يېڭىدىن ھەمبەھىرلەپ باقتىم، يەنە بولمىدى. مەن باشقا ئامال تېپىشقا تىرىشىۋاتىمەن، تاپالىسام يازمىنى يېڭىلاپ سىلەرگە بىلدۈرگۈسىمەن، رەھمەت.

  5. ئابدۇبەگ
    02/06/2016 at 06:34
    جاۋاب

    رەھمەت…

    • ئۇيغۇربەگ
      02/06/2016 at 08:49

      بلوگىڭىز ئېچىلمايدۇغۇ

    • ئابدۇبەگ
      02/07/2016 at 08:36

      رەتلەشكە ۋاقتىم يەتمە ۋاتىدۇ.

    • ئۇيغۇربەگ
      02/09/2016 at 12:20

      ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ ئەمىسە…

  6. ھەۋەسكار
    02/07/2016 at 13:46
    جاۋاب

    مۇمكىن بولسا بۇرۇن يوللانغان فىلىملەردىن ھوزۇرلانساق ئىنتايىن قالتىس ئىش بولاتتى….

    • ئۇيغۇربەگ
      02/09/2016 at 12:20

      بۇرۇنقى فىلىملەرنى يوللاش پىلانىم بار، ھازىر رەتلەۋاتىمەن، تەخىر قىلىڭ.

    • ھەۋەسكار
      02/11/2016 at 05:37

      تىزىراق يوللىنىشىغا تەقەززامەن…..

  7. مۆتىۋەر
    02/07/2016 at 17:18
    جاۋاب

    مۇمكىن بولسا بۇرۇن يوللانغان فىلىملەردىن ھوزۇرلانساق ئىنتايىن قالتىس ئىش بولاتتى….
    مەن مۇشۇنداق دەرىسلىككى ئىھتىياجلىق ئىدىم ….

    • ئۇيغۇربەگ
      02/09/2016 at 12:19

      چۈشۈرۈش ئادرېسى يېڭىلاندى. قايتا سىناپ كۆرۈڭ.

  8. بەگبەگ
    02/08/2016 at 07:59
    جاۋاب

    ھە

  9. ئالپبەگ
    02/10/2016 at 10:12
    جاۋاب

    ھىم، يوش. چۈشۈۋاتىدۇ…

  10. ۋەھىمە
    02/12/2016 at 07:28
    جاۋاب

    ئىلخەتكە يوللاپ بىرىڭ مۇقىم بوشلۇققا يۈكلەپ ئادىرسىنى ئەۋەتىپ بىرەي

  11. كۆكۈيۈن
    04/09/2016 at 17:51
    جاۋاب

    بەك ياخشى بوپتۇ،كاتتا ھۈنەردىن بىرنى تەمىن ئېتىپسىز!!

  12. (MSM(uyghurdetal
    05/10/2016 at 20:18
    جاۋاب

    چۈشۈرۈش ئادرېسى ئۆلۈپتۇ.

  13. ئەرھال
    07/11/2016 at 00:54
    جاۋاب

    بىگىم ،مەن دەرىسلىكنى چۈشۈرەلمىدىم ..مۇمكىن بولسا يوللاپ بەرسەڭلار…..

    • ئۇيغۇربەگ
      07/12/2016 at 00:01

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بەيدۇ بوشلۇقتا خەت يېزىڭ.

    • ئەرھال
      11/08/2016 at 00:55

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بىگىم،،،،…….نىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى ۋە سىزنىڭ سەۋەبىڭىز بىلەن خەتلىك فىلىم ياساشنى ئۈگۈنىۋالدىم،،،،،ھەمدۇلار بولسۇنكى ،،،،،،،،

      مەن بىر مەسىلىگە يۇلۇقتۇم بىگىم،،ھەممىن تەييار قىلىپ بۇلۇپ پىرىسلىغاندا فورماتىنى mp4 غا تەڭشەپ فورماتلىسام ناخشا ئىسمى،ئۇرۇنلىغۇچى،ئۆزلەشتۈرگۈچى دىگەن مەزمۇنلار يوق بۇلۇپ كىتىدۇ،،،باشقا فورماتتا پىرىسلىسام نورمال،،،،يەنە پىرىسلاپ بولغان فىلىمنى mp4 فورماتقا ئايلاندۇرسام يەنە ناخشا ئىسمى قاتارلىقلار يۇقاپ كىتىدۇ ،،لىكىن ئۈستى تەرەپتىكى پالانى تەرجىمىسى دىگەنلەر نۇرمال،،،،بىگىم ،يول كۆرسەتكەيسىز !!؟

    • ئۇيغۇربەگ
      11/09/2016 at 04:45

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ ئەھۋالدا خەت ھۆججىتى فورماتىنى Timemachineدا ئېچىپ يېڭىدىن ساقلىغاندا كېڭەيتىلگەن نامىنى .ssa ئەمەس بەلكى .ass قىلىپ تەڭشىسىڭىز بولىدۇ، ئاندىن قايتا پىرىسلاپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئىشىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن

  14. كېن
    07/30/2016 at 00:14
    جاۋاب

    بەيدۇدا خەت يازسام يۇللانمىدى، يوتۇبقا ياكى گۇگو درائىۋغا چىقىرىپ قۇيالىغان بۇسىڭىز بەك ياخشى بۇلاتتى.

  15. كارۋانچى
    10/19/2016 at 17:14
    جاۋاب

    بەگ،،،،،،بەيدۇ بوشلىقىدىن سىنى ئىزدەپ سۆز قالدۇرۇپ قويغانتىم ،،،،،،مۇمكىن بولسا دەرىسلىكنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز ،،،،رەھمەت ……بەيدۇ ئىسمىم karwaqi2 رەھمەت

    • ئۇيغۇربەگ
      12/12/2016 at 17:35

      يوللىۋەتتىم.

  16. ئەنۋەركاپتان
    01/07/2017 at 23:57
    جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئۇيغۇربەك .مەن 0 سەۋىيەدىن باشلاپ خەتلىك فىلىم ياساشنى ئۆگەنمەكچى ئىدىم .قايسى يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىمەن ماڭا دەپبەرگەن بولسىڭىز رەخمەت سىزگە .خاپابولماي ئىلخېتىمگە يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز .بۇيۇمشاق دىتالنىڭ ھەقسىز بارمۇ ؟

    • ئۇيغۇربەگ
      01/09/2017 at 22:11

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مەزكۇر يازمىدا دىتاللارغا قانداق ئېرىشىش ئۇسۇلى يېزىلغان، شۇ بۇيىچە مەشخۇلات قىلىپ ماڭا قايتا سۆز قالدۇرسىڭىز.

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي