بلوگگېرلار ئۈچۈن .BLOG تور نامىنى ئىشلىتىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى

ئالدىنقى يازمىمىز «‎بلوگگېرلار ئۈچۈن يېڭى تورنامى .BLOG تىزىملىتىشقا ئېچىۋېتىلدى» ئېيتىلغاندەك، بلوگگېرلارغا تولىمۇ ماس كېلىدىغان بۇ تور نامى ھازىر تىزىملىتىشقا ئېچىۋېتىلدى. ئەلۋەتتە، ھېلىھەم بلوگ ئىشقىدا كۈيۈۋاتقان پىشقەدەم بلوگگېر بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، بۇ تور نامىنى كەڭ ئۇيغۇر بلوگگېرلىرىغا تەشۋىق قىلىشنى ئۆزەمنىڭ بۇرچى دەپ ھېسابلاپ، بۇ يازمىنى تەييارلاپ ئولتۇرۇپتىمەن، بۈگۈن بۇ تورنامىنى ئىشلىتىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى ھەققىدە توختىلىمىز ئەلۋەتتە. قىزىققان بولساڭلار، قېنى يازمىغا مەرھەمەت…

 

1. زىيارەتچىلەرگە تۇنجى زىيارىتىدىلا سىزنىڭ ېكىتىڭىزنىڭ قانداق بېكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەلەيسىز

ئاق خالاتىلىق كىشىلەرنى كۆرگەندە تۇنجى بولۇپ ئېسىمىزگە دوختۇر ياكى سېستىرا كېلىدۇ؛ ھەربىي فورم كېيىۋالغاننى كۆرسەك ئەسكەركەن، ساقچى فورمىسىنى كىيگەننى كۆرسەك ساقچىكەن دەپ بېلىمىز ئەلۋەتتە. ناۋادا بۇ كىشىلەر نورمال كاستىيۇم – بۇرۇلكا ياكى كانۋاي كۆينەك كىيىۋالغان بولسا كاللىمىزغا باشقىلاردەك نورمال ئادەمكەن دېگەن خىيال كېچىدۇ. تور نامىمۇ شۇ، ھازىر تور نامى تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكىدە، بلوگنى قانداق قىلىپ بلوگ دەپ تونۇتۇشقا قېينىلىۋاتقان بولسىڭىز، .BLOG تور نامىنى ئىشلەتسىڭىز بېكىتىڭىزنى زىيارەت قىلىۋاتقان ھەر قانداق ئادەم «ھە، بۇ بلوگ ئىكەندە» دەپ بېلىدۇ، شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ؟

 

2. نوپۇزىڭىزنى ئاشۇرالايسىز

ھازىر تور ناملىرىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئادرېسىنىڭ ئۇزۇنلىقى تۈپەيلى، نۇرغۇن زىيارەتچىلەر ئۆزلىرى ياقتۇرغان بلوگلارنى زىيارەت قىلىشقا قېينىلىدۇ. ناۋادا سىز .BLOG تور نامىنى ئىشلەتسىڭىز، بلوگىڭىزنىڭ زىيارەتچىلىرى .ME, .CC, .NET دېگەندەك ئەستە تۇتۇش تەسلا بولغان تورنامىغا قارىغاندا ئېنىقلا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تور نامىڭىزنى تېخىمۇ قولاي شەكىلدە ئەستە تۇتالايدۇ،

 

3. ئىسىم مەنبەسى مول

بىلگىنىڭلاردەك، .COM ياكى .cn دېگەندەك دىيارىمىزدا ئۇمۇملىشىپ بولغان تور نامىنىڭ مەنبەسى كۈندىن كۈنگە تارىيىۋاتقان بولۇپ، تىزىملىتاي دېسىڭىزمۇ تۈزۈك ئىسىملار تېپىلمايدۇ. سىز ياقتۇرغان ئىسىملارنى ئىسىم ھايانكەشلىرى تىزىملىتىۋالغان بولسا، تېخى ئاسمان پەلەك باھا قويۇپ، ئەرۋايىڭىزنى ئۇچۇرىۋېتىدۇ. .BLOG تور نامى بولسا يېڭى ئېلان قىلىنغان بولغاچقا، ئىسىم مەنبەسى باشقا تور ناملىرىغا قارىغاندا ئىنتايىن مول بولۇپ، سىزنىڭ بلوگىڭىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ قىسقا ئىسىملارنى تىزىملىتىۋالالىشىڭىز مۇمكىن.

 

4. تور نامىنى ئەستە تۇتۇش ئىنتايىن ئاسان

ئىككىنچى تۈردە ئېيتىلغاندەك، مەزكۇر تور نامى بولمىش BLOGنىڭ تەلەپپۇزى ئۇيغۇرچىدىمۇ ئوخشاش،  ئۇنىڭ يېزىلىشى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغىمۇ ئۇيغۇن بولۇپ، مەيلى ULY بولسۇن ياكى پىنيىن بولسۇن، ئىككىلىسىدە ئوخشاش. شۇنداق بولغان ئىكەن، زىيارەتچىلەرگە نىسبەتەن بۇ تور نامىنى ئەسكە تۇتۇۋېلىش باشقا تور ناملىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئاسان بولىدىغانلىقى شۈبھىسىز ئەلۋەتتە.

 

خاتىمە

مەزكۇر يازمىنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەنلىرىم بەلكىم مەندىن «ئەمىسە سىزچۇ؟ قاچان ئىشلىتىسىز؟» دەپ سورىشىڭلار تەبىئىي.  ئەمەلىيەتتە، مەنمۇ بىر .BLOG تور نامىدىن بىرنى تىزىملىتىپ قۇيۇپ تۇردۇم، پات يېقىندا شۇنىڭغا كۆچۈشۈم ياكى مۇمكىن، ياكى مۇمكىن ئەمەس. مەزكۇر يازما مۇشۇنداق پۈتۈپ قالىدىغان بولدى.

 

سىزچۇ؟ .BLOG تور نامىنى سېتىۋالامسىز؟

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 7 )
  1. نىدا
    12/10/2016 at 22:21
    جاۋاب

    ئاق خالاتلىقلارنى كۆرسەم ئېسىمگە دوختۇر ياكى سېستىرا ئەمەس ساتىراچ كېلىدۇ
    ئەمما ماۋۇ تېمىنى ئوقۇپ تور نامىنى تىزىملىتىپ قويغۇم كەلدى. چاتاق يېرى، ۋېيشىندا بۇنىڭدەك يېڭى چىققان تور ناملىرى ئۇلانمىلىرىنى ئۇلانما شەكىلدە ئەمەس، تېكست شەكىلدە تونۇۋالىدىكەن، يەنى تورغا ئۇلاپ بېرەلمەيدىكەن.

    • ئۇيغۇربەگ
      12/12/2016 at 17:38

      ئۈرۈمچىدە ساتىراشلار ئاق خالاتلىق بولۇپ كەتتىمۇ؟(سەت ھېڭگارىغان ئىپادە)…

  2. ئۇيغۇرجان
    12/12/2016 at 15:18
    جاۋاب

    بۇ تور نامىغۇ ياخشىكەن. لىكىن ھازىرچە ئەنگە ئالدۇرغىلى بولمايدىغۇ دەيمەن ھە

    • ئۇيغۇربەگ
      12/12/2016 at 17:38

      بۇ تەرەپلەرنى مەنمۇ ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن، مەن چەتئەلنىڭ بوشلۇقىغا كۆچۈپ كەتكەن ئىدىم. بەلكىم كىيىنرەك ئەنگە ئالغىلى بولۇشى مۇمكىن.

  3. ئەكرەمجان
    12/16/2016 at 13:35
    جاۋاب

    ئەسسالام، خۇسۇسى بىلوگىمنى قۇرماقچىتىم. ئۇسلۇب كىرەك ئىدى، ئۈندىدار ياكى يانفۇندا ئالاقىلاشقان بولساق. رەھمەت 13999057875

  4. مۇئەللىم
    12/27/2016 at 21:22
    جاۋاب

    ھازىرچە بۇ يېڭى تور نامىغا ئىشتەي ساقلاش ئويۇم يوق ، يەنە قانچىلىك داۋاملاشتۇرالايمەن ؟ بۇنىڭغا ئۆزۈممۇ ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن . شۇنداقتىمۇ داۋام ئېتىشكە مەجبۇرمەن ……

    • ئۇيغۇربەگ
      01/07/2017 at 23:12

      قېنى، قانچىلىك داۋام قىلالايمىز، قاراپ باقىلى.

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي