phpMyAdmin بىلەن ساندان زاپاسلاش & ئەسلىگە ئەكىلىش

Phpmyadmin بىلەن ساندان زاپاسلاش & ئەسلىگە ئەكىلىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ئۇزاق بولدى دىدارلاشمىدۇق، دىدارلىشىش تۈگۈل مۇڭداشمىدۇق. بۈگۈنكى يازمىمىزدا بلوگگېرلارنىڭ جېنىغا ئەسقاتقۇدەق بىر نەرسە يازاي دەپ يەڭنى شىلەپ، بەلنى باغلاپ، چاينى قېنىق دەملەپ ئولتۇرۇپتىمەن. «ئۇيغۇربەگ»نىڭ تارىخىنى بىلىدىغانلار بىلىشى مۇمكىن، بۇرۇن بىر قېتىم سانداننى يۇۋەتكەن، بىر قېتىم خاككېرلار ياساپ كېتىپ «بەگلىك» ۋەيران بولغان بولغان چاغلار بولغان. مېنىڭ دەردىمگە ئوخشاش دەردنى تارتىۋاتقانلارمۇ كۆپ ئەلۋەتتە. شۇڭا بۇ يازمىنى مۇشۇنداق ئەھۋالدا يۇلۇققانلار ئۈچۈن ئاتايىن تەييارلىشىم.

قول بىلەن زاپاسلاش

ئەلۋەتتە، بىر بلوگگېر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ساندانىڭىزنى قول بىلەن زاپاسلاشنى ئۆگىنىپ قويۇشىڭىزنىڭ سىزگە ئىنتايىن كۆپ پايدىسى بار. قول بىلەن زاپاسلاشنىڭ ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى بولۇپ، بارلىق جەريانغا بىر مىنۇتمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ. قەدەم باسقۇچلىرى بولسا تۆۋەندىكىچە:

1. phpMyAdminغا كېرىڭ(قانداق كېرىشنى بىلەلمىسىڭىز ئۆيۈمگە كېلىڭ، چاقچاق ھە، قانداق كىرىشنى بوشلۇق تەمىنلىگۈچىدىن سورىسىڭىز ھايت دەپ دەپ بېرىدۇ). phpMyAdminنىڭ گۈزەل جامالى نورمالدا تۆۋەندىكىدەك بولىدۇphpadmin-02
ناۋادا چەتئەللىككە تەككەن بىرى بولسا جامالى تۆۋەندىكىدەك بولۇشىمۇ مۇمكىن:

phpadmin-01

2. ئۈستىدىكى تىزىملىكلەردىن «چىقىرىش»(يولداشلارچە:导出، چەتئەلچە: :Export )نى بېسىڭ.

phpadmin-03

3. بۇ يەردىن «ئىجرا قىل»(يولداشلارچە:执行، چەتئەلچە: :Go) دېگەننى باسساق بولىدۇ. ساندان .sql ھۆججىتى نامىدا كومپىيۇتېرىڭىزغا چۈشۈشكە باشلايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ساندان زاپاسلاش تاماملاندى. بۇ يازما ئارقىلىق ساندان زاپاسلاشنىڭ خىش توشۇشدىنمۇ ئاسان ئىكەنلىكىنلىكى مەركىزى خەلق رادىئو

ئۇيغۇربەگدىن ئۈستەك: سانداننى ئەسلىگە ئەپ كېلىش

بىر كۈنى سانداننى ئەسلىگە ئېلىپ كېلىش ئىھتىياجى تۇغۇلۇپ قالىدىغان ئىشلار بولۇپ تورىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش ھەققىدىمۇ سەل توختىلىپ ئۆتەيلىك.

1. يەنە يۇقارقى phpMyAdminغا يېنىپ كېلەيلۇق:

phpadmin-02

2. بۇ يەردىن «كىرگۈزۈش»(يولداشلارچە:导入، چەتئەلچە: :Import) دېگەن كونۇپكىنى بېسىڭ.

3. «从计算机中上传»نىڭ يېنىدىكى كونۇپكىنى بېسىپ سانداننى تاللاپ بېرىڭ ھەمدە «ئىجرا قىل»(يولداشلارچە:执行، چەتئەلچە: :Go) دېگەننى بېسىڭ.

شۇنىڭ بىلەن سانداننى ئەسلىگە ئېلىپ كېلىش تاماملاندى.

يازمىمىز يارىدىمۇ؟

كېلەركى يازمىمىزدا مەن ساندان زاپاسلاشقا ئىشلىتىدىغان، ئۆزەمنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۆتكەن بىر قانچە قىستۇرمىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكۈسىمەن، ئۇنتۇپ قالسام ئېسىمگە سالارسىلەر. ئىنكاس يېزىش سىلەردىن، يازما يېزىش مەندىن بولسۇن، ئاللاھغا ئامانەت.

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 6 )
  1. يامغۇر
    02/12/2017 at 07:26
    جاۋاب

    ئەمما مىنىڭ بىلوگىمنىڭ پۈتۈن تۈگەشكىنى راست ، ھۇجۇمنى ماڭىلا قىلىۋاتىدۇ بۇ تۇققانلار بۇ ئۈچىنجى قېتىملىقى . رەسىم بەت بولغانلىقى ئۈچۈن سانداننى بىرمە قىلساممۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىدى

    • ئۇيغۇربەگ
      02/19/2017 at 17:15

      سانداننىلا ئەمەس بوشلۇقتىكى wp-content ھۆججەت قىسقۇچىنىمۇ زاپاسلىۋېلىڭ.

  2. ئالۋۇن
    02/13/2017 at 11:37
    جاۋاب

    مەنغۇ سانداننى تۇلا زاپاسلاپ تۇلا قايتۇرۇپ ئۇستا بوپ كەتتىم بۇ ئىشقا ، شۇنداق بولسىمۇ يەنە بىر تەجىربىگە ئىگە بولدۇم .

    • ئۇيغۇربەگ
      02/19/2017 at 17:15

      بۇ بىر بلوگچى چوقۇم بىلمىسە بولمايدىغان ھۈنەر.

  3. ئىنتىزار
    02/14/2017 at 19:49
    جاۋاب

    ياخشى تېما بوپتۇ مەنمۇ ھەممىنى زاپاسلاپ قۇيىمەن ھازىر چاتاق چىقسا ئىككى كۈندىلا ئەسلىگە ئەكەلگىلى بولدىكەن.ھە راس بۇ بىلوگ نىمىشقا ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدۇ چىكىچوماش چىقىپ خەت بۇرۇن ئۇنداق ئەمەستى

    • ئۇيغۇربەگ
      02/19/2017 at 17:16

      رەھمەت.

      بۇنىڭدىن كېيىن https://www.uyghur.blog/ بۇ ئۇلىنىش ئارقىلىق زىيارەت قىلىڭ، ئاندىن نورمال كۆرۈنگۈسى.

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي