ھەقسىز ياكى ئەرزانغا ئەپ ياساپ ساراڭمۇ بىز؟

ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشدىن بۇرۇن، ئەپ بازىرىدا قارلىق، كاككۇك دېگەندەك شىركەت ياكى شەخىسلەرنىڭ ياسىغان ھەقلىق ئەپلەرنى سېتىۋېلىشدىن تازا قېچىپ، ئەپلەرنىڭ ھەقسىز قىلىنىۋېتىدىغان ھېيت – بايراملىق پائالىيەتلىرىغا ئىشتىھا ساقلاپ ئولتۇراتتىم. بىر زامانلار ئىچىمدە «ئاشۇ ئەپ ئاچقۇچىلار نىمداق پۇلپەرەز ئىنسانلاردۇ، جاپا تارتىپ ياسىغانكى ئۇيغۇر خەلقىگە ھەقسىز قىلىۋەتسە بولمامدۇ؟» دەپ ئويلايتىم، ھەمدە بىرەر كۈنى مەن ئەپ ياساپ قالسام ھەممىسىنى ھەقسىز قىلىۋېتىمەن دەپ تاس قالغان «ئوچۇق خەت»دىن بىرنى يېزىۋەتكىلى. ھالبۇكى، ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ، ئاغزىمغا سائەت چىققاندەك ئۆزۈممۇ بىلىپ بىلمەي ئەپ بازىرىدا ئون قانچە ھەقسىز ئەپى بار يالاڭتۆش ئەپچىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدىم-دە، بۇ ئەپ ئېچىشنىڭ ئارقىسىدىكى بەدەل ۋە تەرلەرنىڭ قەدرىگە يەتكەندە، تۇيۇقسىز ئويلىنىپ قالدىم، ھەقسىز ئەپ ياساپ ساراڭمۇ بىز؟

ئەلۋەتتە، بۇ خىيالغا كەلگىلى ئۇزاقمۇ بولمىدى، بولۇپمۇ ئەپ ياساشنى ئۆگىنىش جەريانىدا تارتقان جاپالىرىم ھەمدە چىقىملىرىم بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمىگە تەڭداش بولماس ئازراققىنا كىرىمگە قاراپ، تاسادىبى ئاچ قالسام قانداق قىلارمەن دېگەن خىيالغا كېلىپ قالدىم. بولۇپمۇ، سىناق ئورنىدا «تۈركچەم»، «شېئىرنامە» قاتارلىق ئەپلەرنى ھەقلىق قىلغاندىن كېيىن «ئەپلەرنى ھەقسىز قىلىۋەتسىڭىز بولمامدۇ؟» دېگەندەك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىمدا؛ بىرەر خېرىدارنىڭ بىر مۇنچە تەلەپلەرنى قويغاندىن كېيىن ئىنچىكە ھېسابلاپ بەرگەن باھايىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «ئاتتام، نېمانداق قىممەت؟» دېگەندەك پاراڭلىرىنى ئاڭلىغاندا بۇ خىيالغا يەنە بىر قېتىم كېلىپ قالىمەن.

 

بۈگۈنكى يازمامدا، بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىغانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلاپ قالدىم.

ئەپ ياساشنىڭ ماددى چىقىملىرى

best-methods-finding-app-developer

ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ بەدىلى بولىدۇ، ھەتتا يايما ئاچسىڭىزمۇ شۇ. ئەپ ياساشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن ئاددى بىر ھېساب قىلىپ بېرەي:

1. بىر تال ياخشى كومپىيۇتېر (تەخمىنەن 8 مىڭ سوم)؛

2. ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى، يىللىقى 800 سوم؛

 

ئەپ ئاچقۇچىنى تاماق يېمەيدۇ، تالادا يېتىپ ئۇخلايدۇ، سودا بازىرىدىكى ھەقسىز WIFIنى ئىشلىتىدۇ دەپ تۇرىلى، ھەپ بوپتۇ، كومپىيۇتېرنى كوچىدىن تېپىۋالدى، قەھۋەسىنى كومپارتىيە بوشو قىلدى دەيلى، ئاۋۇ ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتىنى تىم كۇك ھەرگىز بىكاغا قىپ بەرمەيدۇ، ھېچ بولمىسا شۇنىڭ چىقىمىنى بولسىمۇ چىقىرىۋېلىشى كېرەكدە، ئەمما قانداق چىقىرىدۇ؟ ئىلاھا ئامىنغىمۇ؟

6358242828223834963403222

ئەپ ياساشنىڭ مەنىۋى چىقىملىرى

slider-0

1. ھەر قانداق بىر ئەپنى ياساش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال «كاللا» كېتىدۇ، پروگراممېرنىڭ كاللىسى نورمال كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۆپ ئىشلەيدۇ، چۈنكى ئۇ «گەپ چۈشەنمەس» كومپىيۇتېرغا لوگىكىلىق بۇيرۇق بىرىش بىلەن بىرگە ماتىماتىكىلىق ئانالىزلەرنى قىلىدۇ. سىزنى ئۈچ كۈن بىكارغا تاپشۇۇق كۆچۈرۈپ بەر دېسە ساراڭمۇ مەن دەيدىغانلىقىڭىزنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ؟

 

2. ھە بوپتۇ، پروگراممېر ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئەپ ياساشنى ئۆگىنىپلا چۈشكەن دەيلى، بىر ئاددى ئەپنى ياساشقىمۇ ئاز بولسا بىرەر سائەت، ئەپ بازىرىغا يوللاش ئۈچۈن بىر ئىككى كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. سەل مۇرەككەپرەك ئەپ بولۇپ قالسا، كۈنىگە ئەڭ ئاز 12 سائەتتىن ئىشلەپ، بىرەر ھەپتە ياكى بىرەر ئاي ئىشلەيدىغان گەپ. سىزنى بىكارغا بىر سائەت خىش تۇشۇپ بەر دېسە توشۇپ بېرەمسىز؟ بوپتۇ، خىش تۇشۇش تەسرەك ئىش دەيلى، ئۈچ كۈن بىكارغا ئەينەك سۈرتۈپ بېرىڭ دېسە قىلامسىز؟

 

3. ئىنتېرنېت شۇنداق تەرەققىي قىلىپ، يېڭى – يېڭى نەرسىلەر چىقىپ تۇرىدۇ، پروگراممېرلارمۇ ئىشسىز قالماسلىق ئۈچۈن بىكار ۋاقتىدا توختىماي يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تىرمىشىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭغا كەتكەن 1. نومۇر بىلەن 2. نومۇرلۇق چىقىملارنى قېيىن ئۇكىسى ئۆتەپ قويالمايدۇ ئەمەسمۇ…

پروگراممېر بولسىڭىز ھەقسىز\ئەرزانغا ئەپ ياسىماڭ!

Mobile-Apps-Jacksonville-C7-Creative-904-993-0301

ھەر قانداق كەسىپنىڭ كەسپىي ئەخلاقى ۋە مۇلازىمەت باھاسى بولىدۇ؛ بىر زەرگەر ھەرگىزمۇ ئالتۇنىنى زىيانغا ساتمايدۇ؛ بىر ناۋاي نېنىنى ھەرگىز بىكارغا بەرمەيدۇ، گىرىمچى ئەڭ ئاز دېگەندە ئىشلەتكەن ماتىرىياللىرىنىڭ چىقىمىنى بولسىمۇ تىرىلدۈرۈۋالمىسا گىرىم قىلمايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز بىرەر ساتىراشخانىغا بېرىپ بىكارغا چاچ ياساپ قۇيامسىز دەپ بېقىڭ. سودىگەرلەرمۇ تىجارەت قىلسا خېرىدار تالىشىپ باھا چۈشۈرۈشى مۇمكىن، ئەمما ھەر قانچە چۈشۈرسىمۇ ئۆزلىرىگە زىيان چىقمىغۇدەك دەرىجىدە قىلىدۇ.

 

ناۋادا سىز ئازراقلا كىرىمنى دەپ ۋە ياكى بىكار تۇرساممۇ تۇرىدىكەنمەن، بوپتۇلا، خېرىدارنىڭمۇ بىرىدىغىنى مۇشۇنچىلىككەن دەپ ئەسلى ئەڭ ئاز 15 مىڭغا پۈتىدىغان ئەپنى بىر ئىككى مىڭغا قىلىپ بەرسىڭىز زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئۆزىڭىز. بىكارغا ياساپ بەرسىڭىز بولدى بىر جەھەتتىن كەسپىي ئەخلاقىڭىزنى يوقاتقان، يەنە بىر جەھەتتىن خەققە مەدىكار بولدىڭىز دېگەن گەپ. بىر قېتىم ئەرزان ئىشلەپ كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنى ئىزدەپ كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇنقى خېرىدارلىرىڭىزغا ئوخشاش خېرىدارلار، كۇرسىڭىزنى بىر قېتىم چۈشۈردىڭىزمۇ قايتا تىكلىشىڭىز ۋۇسۇڭنىڭ يولۋاسنى ئۆلتۈرۈشىدىنمۇ بىر تەس. بۇنداق جاپا تارتقاندىن، خېرىدارغا باھانى ياخشى قۇيۇڭ، پۈتۈشكەندىن كېيىن ئەپنى ياخشى پۈتتۈرۈپ بېرىڭ، خېرىدارنىمۇ، ئۆزىڭىزنىمۇ رازى قىلىڭ. بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇڭ.

خېرىدار بولسىڭىز پروگراممېر بىلەن باھا تالاشماڭ، ھەقلىق ئەپ بولسا سېتىۋېلىڭ

imageC

بەلكىم، سىز بىرەر ئەپ ياكى تور بېكەتنى بىرە كويغا، بەك بولسا بىرە يۈز كويغا پۈتىدۇ دەپ ئويلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، شۇڭلاشقا پروگراممېرنىڭ سىزگە بەرگەن باھاسى ئالامەت قىممەت تۇيۇلغان بولۇشى ياكى ھەقلىق ئەپلەر «گۆشدىن قىممەت» تۇيۇلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بۇ سىزنىڭ پروگراممىرلىق ساھەسىنى شۇنداقلا بازار ئەھۋالىنى بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ خالاس.

 

بىر زامانلارنىڭ ئالدىدا لايىھە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر دوستىمىزنىڭ چەمبىرەكتە «ئېلانغا كۆزنى يۇمۇپلا پالانى پۇل خەجلەپ، شىركەتنىڭ ئوبرازى بولغان بىر ماركا لايىھەسىگە بولسا نەچچە مىڭ خەجلەشكە چىدىمايدۇ» دەپ يازغانلىقى ئېسىمدە. ئەمەلىيەتتە، ئۇ شىركەتلەر ئېلانچىلىق شىركەتلىرى بىلەن كۆپ ھەپىلىشىدىغان بولغاچقا ئۇ ساھەنىڭ باھاسىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئەمما لايىھە ساھەسىنى بولسا بىلمەيدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا ئەمەلىيەتتە شۇنداق ئەرزان ھېسابلىنىدىغان بىر نەچچە مىڭلىق لايىھەلەر ئۇلارغا قىممەت تۇيۇلغان بولۇشى ئېنىق.

 

شۇ تاپتا، دىيارىمىزدا ئەپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شىركەتلەر كۆپ، خېرىدار ئاز،  سەيياھ پروگراممېرلار ساماندەك، رىقابەت كۈچلۈك بولغاچقا، ئەمەلىيەتتە سىز ئىزدەۋاتقان شىركەت\شەخىسلەر سىزگە باھانى ئىنچىكە ھېسابلاپ، ئۆزلىرى قوبۇل قىلالايدىغان ئەڭ تۆۋەن چەكتە، ھەتتا زىيان چىقىدىغان ھالدا تۇرۇقلۇق بەرگەن بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىز باھانى 50% چۈشۈرۈشكە، ھەتتا بىكارغا قىلىپ بېرىشكە ئۇرۇنسىڭىز، مۇشۇ ئىشنى قەشقەرگە بېرىپ تىجارەتچى قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

 

ھەقلىق ئەپ سېتىۋېلىشقا كەلسەك، 5000 سوملۇق تېلىفون ئالالىغان يەردە 5 كوي پارچە پۇلىڭىز يوقمۇ ئەمەس. پەقەت ھەقلىق ئەپ سېتىۋېلىپ كۆنۈپ باقمىدىڭىز خالاس، شۇڭا سىزنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ، سېتىۋالماسلىق ھەتتا سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز. بىزنىڭ ئۇنداق قىل، مۇنداق قىل دېيىش ھەققىمىزمۇ يوق. ئەمەلىيەتتە، ئەپ بازىرىدىكى ئۇيغۇرچە ھەقلىق ئەپلەر ئىنتايىن ئەرزان بولۇپ، شاپاق نەرقىدە دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سىز سېتىۋالغان ئاشۇ 5 كويلۇق ئەپ بىلەن باي بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىمىزمۇ خۇدا ھەققى راست. پەقەت، سىز سېتىۋالغان ئاشۇ ھەقلىق ئەپلەرنىڭ پروگراممېرغا بەرگەن مەدىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، نەدىن بىلىسىز، بۇ قوللىشىڭىز بىلەن پروگراممېرلار تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ سەرخىل ئەپلەرنى ياساپ كېتەمدۇ تېخى. خۇددى مەلۇم ئۈندىدار سالونىدىكى شۇئار بۇيىچە: يوللاش بىزدىن، قوللاش سىزدىن!…

گەپنى قىسقارتساق:
 

شۇنداقتىمۇ، ۋاقتىنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئاتايىن دەسمايى سېلىپ ھەقسىز ئەپ ياساۋاتقانلار بولسا، ئۇلارغا ئىھتىرام بىلدۈرۈپ قۇيۇڭ. ناۋادا، ھەقلىق ئەپ چىقارغان بولسا، سېتىۋالمىسىڭىزمۇ ھەقسىز قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ خەت يازماڭ. ئۇيغۇر پروگراممىرلىرىنىڭ بىكالىق ئەپ ياساپ بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق. قۇربىتىڭىز يەتسە، ھەقلىق ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى سېتىۋېلىپ شۇنچىلىك چەكلىك شارائىتتىمۇ تىركىشىۋاتقان پروگراممىرلىرىمىزنى قوللاپ بېرىڭ. قونجۇمدىن تۆكۈلسە قوينۇمغا ئەمەسمۇ؟…
 

ئەسكەرتىش: مەزكۇر يازمىنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېتىشكە بولمايدۇ. يازمام ياققان بولسا، بەگنى تارتۇقلىسىڭىز بولىدۇ.

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 21 )
  1. غەلىبە
    02/14/2017 at 23:04
    جاۋاب

    ئەمما ماۋۇ يازما شۇ قەدەر ئېسىل چىقىپتىكى(قېنى ماۋۇ كۈلگەن ئىپادە)، كۆڭۈلدىكىنى ئېيتتىلا.

    • ئۇيغۇربەگ
      02/19/2017 at 17:16

      رەھمەت.

  2. مۇتەللىپ
    02/15/2017 at 01:17
    جاۋاب

    ئەپ ئېچىش بەك تەس ئىش. بىزنىڭ خەقلەر ھەممە نەرسىنى ھەقسىز قىلىپ ياكى باھاسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىدىغان جەمئىيەتتىن كەلگەن بولغاچقا، كاللىسىغا سېتىۋېلىش دېگەننى سىڭدۈرۈپ بولۇش تەس. ئۈندىدار توپلىرىدا بىر كوي ئېتىپ قويسا نەچچە ئون كىشى پۇلنى ئېلىش ئۈچۈن جددىي ھالەتتە تورىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا بەش كوي خەجلىسە ئەللىك كويلۇق قۇرساق ئاغرىق دورىسى ئىچمىسە بولمامدىكى بۇ خەق.

    • ئۇيغۇربەگ
      02/19/2017 at 17:26

      بۇرۇن خەنلەرنىمۇ شۇنداق دەپ ئويلايتىم، يەنى ھەقلىق ئەپ سېتىۋالمايدۇ دەپ قارايتىم، كېيىن قارىسام ھەقلىق ئەپ\پروگرامما سېتىۋالىدىغانلارمۇ خېلى كۆپ ئىكەن، بەلكىم ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغاندۇ، ۋە ياكى شۇنداق ئىھتىياجى تۇغۇلغاندۇ. ئىشقىپ، ئۇيغۇر پروگراممېرلىرى ئامال بار ئۇيغۇر بازىرى ۋە ياكى شىنجاڭ بازىرىغا قاراپ قالماي، ئامال بار ئىچكىرىدىكى بازارغىمۇ، بولسا چەتئەل بازىرىغىمۇ يۈرۈش قىلىشى كېرەك ئىكەن.

  3. ئالپبەگ
    02/15/2017 at 19:34
    جاۋاب

    بەگ نەق گەپلەرنى يېزىپتۇ. ئەمەلىيەتتە بەش سوملۇق ئەپلەر ھېچقانچىمۇ پۇل ئەمەستى بىزلەر ئۈچۈن، ئەمما مەن مۇشۇ ۋاققىچە كەلگىچە بىرەر ئەپ سېتىۋالماپتىمەن. ئۆزۈم ياساۋاتقان ئەپكە سەرپ قىلغان زېھىن، ئىقتىساد ۋە سالامەتلىكىمنى ھېسابلاپ كەلسەم بىر پاتمان سوم بوپ كېتىدىكەن. ئامال قانچە… خەلقىمىزمۇ ھازىر ئاستا-ئاستا تورغا يۈزلىنىۋاتىدۇ. ھېس قىلىشىمچە ھازىر بەزى سالونلار «تارتۇق» ئىقتىدارىغا ئېرىشكەندىن باشلاپ ئىجادىي يازمىلارنى ئېلان قىلىپ خېلى يامان ئەمەس ئۈنۈمگە ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. شەخسەن مەنمۇ بۇ ئۈنۈمنى كۆرۈپ كەلدىم. خەلقىمىز سېتىۋالمايدۇ ئەمەس، شۇ ئەپنىڭ قانداق ئەپلىكىنى ۋە قەدرىنى بىلمەي قالغان يېرى بار. ئىشلار ئاستا-ئاستا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. بۇندىن كېيىنمۇ يۈزلىنىشمۇ «ھەقلىقلىشىش» گە قاراپ يۈزلىنىدىغاندەك تۇرىدۇ. بىر مىسال دولقۇن قادىرنىڭ لېكسىيەلىرى تىپىك مىسال بولالايدۇ. ئول ئۇستاز بىر ئىككى يىل توختاتماي مەزمۇن يوللاپ، سالونى ۋە ئۆزىنىڭ نوپوزىنى تىكىلىدى. مۇشۇ يىلى باشلانغان ھەقلىق لېكسىيەخانىسىنىڭمۇ خلېى ياخشى مېڭىۋاتقانلىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. دېمەك بىزدە تەشۋىقات-مەزمۇن رەڭدارلىقى-رېتىملىقلىق-ئىزدىنىشچانلىق ۋە سەرخىل مەزمۇنلار بولىدىكەن، خېرىدارلارمۇ مەنچە بەش سومنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرمايدۇ.

    • ئۇيغۇربەگ
      02/19/2017 at 17:29

      پىكرىڭىزمۇ ئورۇنلۇق. بەلكىم، بۇ ئەپ سېتىۋالماسلىق مەسىلىسى يالغۇز خېرىدار تەرەپدىن ئەمەس، پروگراممېر تەرەپدىنمۇ بولۇشى مۇمكىن، ماڭا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەقلىق پروگراممىلارنى سېتىۋالماسلىقنىڭ بىر مۇنچە سەۋەبلىرى بار ئىكەن، مەسىلەن ئىھتىياجى بولماسلىق، ئوخشاش تۈردىكى ھەقسىز ئەپلەرنىڭ بولۇشى دېگەندەك، مەن بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىرىمنى بىر ئورتاقلىشاي.

  4. ئۇيغۇربەگ
    02/15/2017 at 20:59
    جاۋاب

    سىز ئالمىغا ئەپ ئاچىدىكەنسىزدە مەن ئاندىرويىدقا ئەپ ئاچىمەن، گەرچە تېخى تۇلۇق ئۈگىنىپ بۇلامىغان بوساممۇ ھازىرغىچە ئاران تۆت بەشتال ئەپ ياسىدىم. كود يېزىش ئىشلىر ھەممىدىن بەك ھاردۇرۋىتىدۇ ئادەمنى، شۇنداقتىمۇ ھەقسىز قىلىۋاتىمەن، ئەپ ياساشنى ئۈگىنىش ئۈچۈنلا نەچچەيۈزكوي خەجلەپ بولدۇم بۇندىن كىىن يەنە خەجلىشىم مۇمكىن، بۇ ھەقىقەتەن تەس ئىش. مەنمۇ شۇ بىكاغا ئەپ ياساپ ساراڭمۇ مەن دەپ ئويلاي دىگەن لىكىن ئۆزەمنىڭ قىزغىنلىقىغا ئۆزەم سۇ سەپكەندەك ھېس قىپ قالدىم. تۇلۇق نۈگىنىپ بوغاندا تارتقان چىقىپ ۋە جاپالىرىمنىڭ مىىۋىسىنى يەيدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن

    • ئۇيغۇربەگ
      02/19/2017 at 17:24

      ھەئە، توي قىلىشدىن بۇرۇن قاتتىق تىرىشىپ بىر قانچە ئەپ ياساپ چىققان، يېقىندا ئوقۇش بىلەن بولۇپ قېلىپ ئارام ئېلىپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە، ھەقسىز ئەپ ياساشمۇ پروگراممېر ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۆگىنىۋاتقانلار ئۈچۈن خېلىلا پايدىلىق. مەسىلەن، ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش دېگەندەك. بۇ يولغا كىرگەنكەنسىز ئۈمىدسىزلىنىش ياكى يولىنى تاپالماسلىق بولۇپ قېلىشى نورمال ئەھۋال، ئامال بار بىرەر شىركەتكە مەخسۇس خادىم بولۇپ ئىشلەپ قېلىشقا كىرىشىڭ. تارتقان جاپا ھەرگىز بىكارغا كەتمەيدۇ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

  5. rursuntohti
    02/17/2017 at 21:33
    جاۋاب

    Siz yasigan xu apke mining ihtiyajim bolsa bax alte koyamas uningdin qimmatrek bolsimu setiwalimiz

    • ئۇيغۇربەگ
      02/19/2017 at 17:24

      بۇ پىكرىڭىزمۇ ئورۇنلۇق.

  6. ئۇزدىل تورى
    02/19/2017 at 20:46
    جاۋاب

    ناھايىتى ياخشى، يېقىشلىق يازما بوپتۇ. ئورتاقلاشقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. ھەقسىز نەرسىلەرنى يوللاش بىر قىسىم دەسلەپكى ۋە ئاساسىي، مەبلەغ كۆپ كەتمەيدىغان، مەشىق خاراكتېرىدىكى مەھسۇلاتلارغا مۇۋاپىق كېلىدۇ، ھەم ئۇنداق نەرسىلەرنىڭ ئۆمرىمۇ ئۇزاق بولۇشى ناتايىن، تور ساھەسىدە 15 يىل يۈرۈپتىمەن، پايدا زىياننى بەك ھېسابلىشىپ كەتمەيدىغانلار ئۇزاق پۇت تېرەپ تۇرالمىدى. لېكىن مۇقىم چىقىم بولىدىغان، ئۇزاق ۋاقىت ئاسراش ۋە قوغداشقا ئېھتىياجلىق تور تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى مەيلى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق بولسۇن كىرىم قىلىشى كېرەك، كونىلار «ھېسابلىق دوست ئايرىلماس» دەپ بىكار ئېيتىمىغان، ياخشى ئەپ ياكى ياخشى تور بېكەتنىڭ ئۇزاق مەزگىل تەرەققىي قىلىپ، تېخىمۇ سۈپەتلىك ھالەتتە ئابونتلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى ئۈچۈن ھەقلىق ۋە ھەقسىز مۇلازىمەتنى ئايرىۋېتىش كېرەك، بىراقلا ھەقلىق قىلىۋەتسە تەشۋىقات ۋە تارقىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ، بىراقلا ھەقسىز قىلىۋەتسە ئۆزى كىرىم قىلمىغاننى ئاز دەپ، ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلىگەنلەرنىڭمۇ رىزقىغا توپا چاچىدۇ.

    • ئۇيغۇربەگ
      02/25/2017 at 16:43

      تارتۇقىڭىز ۋە ئىلتىپاتىڭىزغا كۆپدىن كۆپ رەھمەت.

      تور دۇنياسىدا ئۈن-تىنسىز ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان سىزنىڭمۇ بۇ ھەقتە تەجرىبىلىرىڭىز مەندىن خېلى كۆپ بۇنىسى ئېنىق ئەلۋەتتە، دىيارىمىزدىكى ئىنتېرنىت ساھەسىگە قارايدىغان بولساق تېخنىكىلىق نەرسىلەردىن بەكرەك كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى نەرسىلەرنىڭ پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز، ئۇنىڭدىن باشقا دىيارىمىزدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋاللار تۈپەيلى ئىستىمال سەۋىيىمىزنىڭ ئېنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتىغا يېتىشەلمەيۋەتقانلىقى ئېنىق، شۇنداقتىمۇ بۇ ساھەدە نان تېپىپ يەۋاتقانلار ۋە توختىماي ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ يەنە شۈكرى قىلىمەن. پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ. ئامان بولۇڭ.

  7. ئۇزدىل تورى
    02/20/2017 at 09:25
    جاۋاب

    ئاددىي بولسىمۇ بىر گېزىت ئىشلەپ باققان ئىدىم، مۇشۇ يازمىڭىز بەك ياراپ كېتىپ قوشۇپ قويدۇم، كۆرۈپ بېقىپ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرىڭىزنى بەرگەيسىز:
    http://www.uzdil.com/news/2017_02_20.asp

  8. ئۇزدىل تورى
    02/20/2017 at 09:39
    جاۋاب

    يەنە ئاز بولسىمۇ تارتۇق يوللاپ قويدۇم. ھەمكارلىقىمىز كۆڭۈللۈك بولغۇسى!

  9. پىنھان
    02/22/2017 at 12:55
    جاۋاب

    ئەپكە لايىق پۇل يوقمۇ ياكى پۇلغا لايىق ئەپ يوقمۇ؟پۇلغا سېتىش ئۈچۈن ئاۋۋال بىرە يېرىم ئىىتىدارى كەمرەك بولغان سىناق نۇسقىسىنى ھەقسىز تەمىنلىشىڭىز كېرەك،ئاندىن ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىنكاسىغا قاراپ پۇلغا ساتسىڭىز بولىدۇ .ئاران 10نەچچە ئەپ ياساپسىز (قايسى ئەپلەر ئىكەنلىكىن بىلمىدىم مەن ئالمىچى ئەمەس) بىكارلىقىدىن 10نى ياساپ بىرنى ھەقلىق قىلسىڭىز ئەپ ئاچقۇچىنىڭ سەۋىيەسىگە قاراپ سېتىۋېلىش سېتىۋالماسلىقنى قارار قىلىدۇ .ھەقىيقى پايدىلانغىدەك ،نەپ تەككىدەك ئەپ بولسا چوقۇم سېتىۋالىدۇ نەدە قول كۆندۈرۈش مەشىقنى پۇلغا ساتىمەن دسىڭز ئامال يوق ھەقسىسنى تاللايدۇ .ئەپچىلەر پۇلغا سېتىشتىن ئاۋال بۇ ئەپنى پۇلغا ئېشقا ئەرزىمدۇ دەپ ئويلاپ بېقىپ بازارغا سېلىشارسىلەر.

    • ئۇيغۇربەگ
      02/25/2017 at 16:44

      تەكلىپ-پىكرىڭىزگە رەھمەت، دېگەنلىرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق شۇنداقلا ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ.

  10. سەبىي
    03/09/2017 at 20:29
    جاۋاب

    يا ئاللا بىگىم ئالمەت يازمىلىرى بار دەيمەندە . راستىنى دىسەم مەنمۇ مۇشۇ كۈنلەردە مۇشۇ ھەقسىز دېگەن گەپلەرگە ئۆچ بولۇپ قىلىۋاتىمەن :neutral:

    • ئۇيغۇربەگ
      03/12/2017 at 00:20

      قانداق ھېكايىلىرىڭىز باركىن سەبىي ئەپەندىم…

  11. تەشنا
    04/15/2017 at 16:37
    جاۋاب

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئۇيغۇر بەگ مەنمۇ ئاندروئىد قا ئەپ ئېچىشقا بەكلا قىززىققان ئىدىم ئۈزۈممۇ تىرشىۋاتىمەن
    مەنمۇ بەزى شۇنداق ئويلاپ قالىمەن بىز ئەپ ئېچىشنى شۇنچە ئۇزۇندا ئۈگۈنۈپ باشقىلارغا ھەقسىز ئەپ ياساپ بەرسەك بىزمۇ تۇرمۇش كەچۈرمەمدۇق
    سىزنىڭ دىگىنىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ
    رەھمەت ھىزگە

    • ئۇيغۇربەگ
      05/13/2017 at 12:32

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.

      ئورتاق ھىسدا بولغانلىقىڭىزغا رەھمەت.

  12. ئوۋچى
    05/16/2017 at 19:03
    جاۋاب

    ياساپ بولغان ئەپنى ساتسا قانچىلىك باھادا توختايدىغىنىنى بىلسەممۇ شۇ ھەقسىز ياسىغان ئەپلېرىڭىزلەرنى مەن سېتۋېلىپ ئىشلەتسەم يەنە شۇ كونا كوچا پارىڭىدەك ئەرزىنەرەك سېتپېرەلەمسىزلەر؟نىم دىمەكچى بولغىنىمنى چۈشەندى دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە :evil:

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي