WordPress ئۈچۈن ئۈچ تەۋسىيە بوشلۇق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ھەممىڭلار بىلگىنىڭلاردەك شەخسى بلوگ قۇرۇش ئۈچۈن لازىملىق ئۈچ شەرتنىڭ بىرى بوشلۇق مەسىلىسىدۇر. شەخسەن مەنمۇ 7 يىللىق بلوگچىلىق ھاياتىمدا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن بولۇپ سانسىزلىغان بوشلۇقلارنى ئىشلىتىپ بۇ ھەقتە ئازراق بىلىمگىمۇ ئىگە بولۇپمۇ قالغان ئىدىم. يېقىندىن بۇيان ماڭا مۇۋاپىق بوشلۇق تەۋسىيە قىلىشىمنى ئۆتۈنگەن بلوگداشلار ئۈچۈن مېنىڭ شەخسەن تەجرىبەمدىن ئۆتكەن، ئىشەنچلىك، مۇقىم ۋە باھاسى مۇۋاپىق بولغان بىر قانچە بوشلۇقلارنى تەۋسىيە قىلش ئۈچۈن مەزكۇر يازمىغا تۇتۇش قىلدىم، بوشلۇق لازىم بلوگداشلار ئۈچۈن پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

 

1. VPS ئۈچۈن تەۋسىيە: Linode1. VPS ئۈچۈن تەۋسىيە: Linode

linodeLinodeنىڭ VPS ساھەسىدە، بولۇپمۇ دۆلەت ئىچىدىكى بېكەتچىلەر ئىچىدە ئىنتايىن داڭقى بار بولۇپ، باھاسىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى سەپلىمىلىرى بىلەن WordPress ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئەرزان باھالىق ياخشى VPS  ئىزدەۋاتقان توربېكەتچىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى تاللاش بولالايدۇ. ئالدىنقى مەزگىللەردە Linodeنىڭ ياپونىيەدىكى مۇلازىمىتىرىغا بولغان زىيادە ئىھتىياج تۈپەيلى ياپونىيە مۇلازىمىتىرى يېتىشمەي قالغان ئىدى، ئەمدىلىكتە ياپونىيەگە يېڭىدىن مۇلازىمىتىرلارنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇ ئىھتىياجنى قاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ئوخشايدۇ. كەمىنە ئۇيغۇربەگمۇ شۇ ئاندا مۇشۇلارنىڭ ياپونىيەدىكى VPSسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىجرا بولۇشى مېنى رازى قىلىپ كەلمەكتە.  Linode بىر VPS بولغاچقا، بوشلۇق باشقۇرۇش سۇپىسىنى ئۆزىڭىز قاچىلايسىز، ناۋادا VPS باشقۇرۇش ھەققىدە تېخنىكىلىق ياردەمگە مۇھتاج بولسىڭىز، كەمىنە ھەقلىق ياردەمدە بولسام بولىدۇ(مەزكۇر يازمىنى تەييارلاۋېتىپ بۇلارنىڭ باشلىنىش باھاسىنىڭ 5 دوللارغا چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ سەت ھەيران قالدىم، ئوخشىشىپ قالىدىغان سەپلىمە بىلەن باشلىنىش باھاسى بۇرۇن ئون دوللار ئىدى).

باھاسى: ئايلىقى بەش دوللاردىن 80 دوللارغىچە؛

تەۋسىيە دەرىجىسى: بەش يۇلتۇز

تىزىملىتىش ئادرېسى: بۇ يەرنى چىكىڭ

2. ئەرزان باھالىق تور بوشلۇقى ئۈچۈن تەۋسىيە: one.com

One.Com-Voucher-Code

one.com بولسا ياۋرۇپاغا جايلاشقان بىر تور مۇلازىمىتى شىركىتى بولۇپ، بوشلۇق ۋە تور نامىدىن باشقا يەنە مۇلازىمىتىر، VPS قاتارلىقلارنىمۇ تەمىنلەيدۇ. مەن بۇ تور بوشلۇقىنى تەۋسىيە قىلىشدىكى سەۋەبىم، بۇلارنىڭ تۇنجى يىللىقى ئارانلا 12 دوللارلىق بىر بوشلۇقى 25 گېگابىتلىق بوشلۇق، 512 رام بىلەن بىرگە بىر تال ھەقسىز تور نامى، بىر تال ھەقسىز SSL كېنىشكىسى سوۋغا قىلىدىغان بولۇپ، ئىككىنچى يىلىمۇ ئارانلا 25 نەچچە دوللار. بۇلارنىڭ بوشلۇقىنىڭ سۈرئىتى، مۇقىملىقى Godaddy دېگەن قويمىچى شىركەتتىن مىڭ ھەسسە ياخشى بولۇپ، بىر تال شەخسىي بلوگ قۇرماقچى بولغانلار ئۈچۈن غەززەپ تەۋسىيە بوشلۇقتۇر.

باھاسى: تۇنجى يىللىقى 12 دوللار

تەۋسىيە دەرىجىسى: ئۈچ يۇلتۇز

تىزىملىتىش ئادرېسى: بۇ يەرنى چىكىڭ

3. كۆپ بلوگ قۇرماقچى بولغانلار ئۈچۈن تەۋسىيە بوشلۇق : Dreamhost

dreamhost بەلكىم بۇرۇندىن چەتئەل بوشلۇقلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ باققانلار بىلىشى مۇمكىن، بىر زامانلار تۇنجى ئۈچ يىللىقى يۈز دوللارغىمۇ توختىمايدىغان، چەكسىز ئېقىم، چەكسىز بوشلۇق، ھەقسىز تور نامى دېگەندەك ناملار بىلەن تىجارەت قىلغان Justhost، Bluehost دېگەندەك بوشلۇق شىركەتلىرى بار ئىدى. Dreamhostمۇ دەل مۇشۇ خىلدىكى بوشلۇق بولۇپ، ناۋادا سىز VPS باشقۇرۇشنى بىلمىسىڭىز ياكى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئاددى، چەكسىز ئېقىم، چەكسىز بوشلۇق بىلەن بىرگە تۇنجى يىللىقى ھەقسىز بولغان خەلقئارالىق تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغان Dreamhostنى ئىشلىتىپ كۆرسىڭىز بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ بوشلۇقنىڭ سۈرئىتى ئالدىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن Justhost، Bluehost دېگەندەكلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئاجايىپ تىز بولۇپ(شەخسەن تەجرىبەم بار)، دۇنياۋى داڭلىق بوشلۇق باشقۇرۇش سۇپىسى بولغان Cpanel بىلەن تەمىنلەيدۇ( بۇ سۇپا One.comدا يوق). بۇ بوشلۇق بىلەن سىز كۆپ بلوگ قۇرۇپ كېتەلەيسىز.

 

باھاسى: ئايلىقى 10 دوللاردىن باشلىغان باھالاردا؛

تەۋسىيە دەرىجىسى: ئۈچ يېرىم يۇلتۇز

تىزىملىتىش ئادرېسى: بۇ يەرنى چىكىڭ

بونۇس: پارچە – پۇرات بوشلۇق ساتىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇق: Cloudleft

cloudleft

ناۋادا سىز دۆلەت ئىچىدە بولسىڭىز ۋە ياكى ئىنگىلىزچە بىلمىسىڭىز، ياكى پۇل تۆلەشنى ئاۋارىچىلىق كۆرسىڭىز، دۆلەت ئىچىدىكى بونۇس: پارچە – پۇرات بوشلۇق ساتىدىغان Cloudleft (خەنچە ئىسمى: 云左)لارنىڭ پارچە بوشلۇقى ياكى ۋەكالەتچى VPS مۇلازىمىتىرلىرىنى ئىشلىتىپ باقسىڭىز بولىدۇ. Cloudleftنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇلازىمىتىرلىرى يوق، بۇلار يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان Linode دېگەندەك دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بوشلۇق شىركەتلىرىنىڭ مۇلازىمىتىرلىرىنى پارچىلاپ ساتىدىغان ياكى ۋەكالەتەن سېتىۋېلىپ بېرىدىغان بوشلۇق شىركىتى بولۇپ، باھاسى ئەسلى يەرلەرگە قارىغاندا قىممەترەك بولسىمۇ، مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت پوزىتسىيىسى ياخشى. ئەگەر تەننەرخى بەكلا تۆۋەن بوشلۇق ئىزدەپ قالسىڭىز بۇلار پارچە ساتىدىغان بوشلۇقلارنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 13 )
  1. نىشان
    02/24/2017 at 01:35
    جاۋاب

    بوشلۇق مۇ مۇلازىمىتىرمۇ بىرىنجىسى

    • ئۇيغۇربەگ
      02/25/2017 at 16:45

      مەۋھۇم مۇلازىمىتىر دېسەك توغرا بولامدۇ قانداق. يېڭى كىشىلەر ئۈچۈن بوشلۇق دەپ ئاتاپ قۇيۇپ تۇردۇم.

  2. كېن
    02/25/2017 at 11:44
    جاۋاب

    رەھمەت~ بىر كىچىك مەسىلە، Dreamhost نىڭ ئۇلىنىشى one.com بولۇپ قاپتۇ.

    • ئۇيغۇربەگ
      02/25/2017 at 16:46

      ئۆزگەرتىپ قويدۇم، رەھمەت.

  3. كېن
    02/25/2017 at 12:01
    جاۋاب

    يەنە بر مەسىلە ئاكا، سىز (www.uyghur.blog) ماۋۇ يېڭى ئادىرسىڭىزنى ئىشلەتكەندىن باشلاپ، بلوگىڭىزدا بىرى ئۇلىنىشنى چەكسە، 1،2 سىكۇنىت ئەتراپىدا ئاق بەتتە تۆۋەندىكى خەت چىقىپ ئاندىن ئۇلىنىش ئېچىلىدۇ.

    The http://www.uyghur.blog page isn’t working

    http://www.uyghur.blog redirected you too many times.
    Try clearing your cookies.
    ERR_TOO_MANY_REDIRECTS

  4. كېن
    02/25/2017 at 12:07
    جاۋاب

    يەنە بر مەسىلە ئاكا، سىز (www.uyghur.blog) ماۋۇ يېڭى ئادىرسىڭىزنى ئىشلەتكەندىن باشلاپ، بلوگىڭىزدا بىرە ئۇلىنىشنى چەكسە، 1،2 سىكۇنىت ئەتراپىدا ئاق بەتتە تۆۋەندىكى خەت چىقىپ ئاندىن ئۇلىنىش ئېچىلىدۇ.

    (ئىملا خاتالىغى بولۇپقېپ قايتا يوللىدۇم)

    The https://www.uyghur.blog page isn’t working

    https://www.uyghur.blog redirected you too many times.
    Try clearing your cookies.
    ERR_TOO_MANY_REDIRECTS

    • ئۇيغۇربەگ
      02/25/2017 at 16:48

      بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ جىددىلىشىپ توردىن ئاختۇرۇپ باقسام، مەسىلە مۇلازىمىتىر تەرەپدە ئەمەس، سىزنىڭ تور كۆرگۈچىڭىز تەرەپتىكەن. دېيىلىشىچە، سىزنىڭ كۆرگۈچىڭىزدىكى Cookiesلارنى تازلىۋەتسىڭىز بۇ خاتالىق كۆرۈلمىگۈدەك.

    • كېن
      02/25/2017 at 20:48

      ئم، ئاق بەت چىقىۋاغان يەدىمۇ تازلا دەپتىكەن،نەچچە قېتىم تازلىساممۇ بولمىغان ئىدى، سىلەنىڭكىدە ساق بولسا مەسىلە مىنىڭكىدە ئوخشايدۇ، ئۇزەپ قاراپ ئوڭشاپ باقامەن، رەھمەت.

    • ئۇيغۇربەگ
      02/26/2017 at 14:21

      ھازىر سىناپ باقسام مېنىڭكىدىمۇ كۆرۈنۈۋاتىدۇ بۇ مەسىلە، مەن چارىسىنى تاپاي… :???:

  5. كېن
    02/25/2017 at 12:22
    جاۋاب

    VPS كە قارغاندا ياخشىراق شىركەتلەرنىڭ Shared Web Hosting سەل بىخەتەرراق ھېسقىلدىم. رۇسىيە، ئۇكرانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردكىلە بەك ئچىنى سىقىدىكە توختىماي قالايمىقان توربەتنى چۇقچۇلاپ.

    • ئۇيغۇربەگ
      02/25/2017 at 16:49

      ناۋادا مۇلازىمىتىر سەپلەش، ئاسراشنى ياخشى بىلمىسە، ئەڭ مۇھىمى قەرەللىك زاپاسلاپ تۇرالمىسا سىز دېگەندەك چەتئەلنىڭ Shared Web Hostingسىنى ئىشلەتسە ياخشى.

  6. مۇئەللىم
    02/26/2017 at 21:22
    جاۋاب

    ماۋۇ ئۇسلۇب قاملاشقاندەك ،ئەمما تەڭشەيدىغان نۇرغۇن جايلىرى باردەك……

    • ئۇيغۇربەگ
      02/26/2017 at 23:23

      توختىماي تەڭشەۋاتىمەن، ئېلخەت ئىشى بوممايۋاتىدۇ…

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي