ئىشەنچ ھەققىدە بىر ھېكايە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. بەلكىم دىققەت قىلغان بولساڭلار كېرەك، ئۇيغۇربەگ بلوگىنىڭ تور ئادرېسى يېقىندىن بۇيان «www.uyghur.blog»غا ئالماشتى. بۇ تور نامىنىڭ قولۇمغا چۈشۈشىدە، جەريانى ئىنتايىن ئاددى، ئەمما ماڭا نىسبەتەن مەنىسى تولىمۇ چوڭقۇر بولغان بىر ھېكايە بار بولۇپ، بۈگۈنكى يازمامدا مەن مۇشۇ تور نامىنىڭ قولۇمغا چۈشۈش جەريانىنى ئاددىيلا ھالدا بايان قىلىپ ئۆتكۈسىمەن.

ئىشەنچ ھەققىدە قىسقا بىر ھېكايە

 

«.BLOG» تور نامىنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىق خەۋىرىنى «نۇرقۇت تورى»دا تۇنجى قېتىم كۆرگەندىن كېيىن، بۇ تور نامىنى تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم، ھەمدە WordPressنىڭ ئورگان بېتىدىكى ئېلخەت ئۇقتۇرۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بىر قانچە تور نامىنى تىزىملىتىش ئېچىلغان ھامان ماڭا ئېلخەت قىلىشقا تىزىملىتىپ قويدۇم، ھەتتا ئېلخەت كەلمەي قالمىسۇن دەپ مەندە بار بارلىق ئېلخەتلەرگە ئايرىم-ئايرىم تىزىملىتىپ چىقتىم. بۇنىڭ ئىچىدە، «www.uyghur.blog» بار ئىدى ئەلۋەتتە.

 

شۇنداق قىلىپ ئايلار ئۆتتى، يىللار ئۆتتى، «.BLOG» تور نامىنىڭ ماركا-شىركەتلەر ئۈچۈن تىزىملىتىش مەزگىلى(بۇ جەرياندا ماركا ۋە شىركەت – مەھسۇلات نامىنى قوغداش ئۈچۈن ئاۋۋال بىر قىسىم شىركەتلەرگە تىزىملىتىۋېلىشقا ئېچىۋېتىلىدىكەن)، ئاشكارا تىزىملىتىش بۇرۇنقى يۇقىرى باھالىق تىزىملىتىش مەزگىلى(ئالدىدىكى مەشخۇلات تاماملانغاندىن كېيىن شەخسىيلەرگە يۇقىرى باھادا مەلۇم تور ناملىرىنى تالىشىپ سېتىۋېلىشقا يول قۇيىدىكەن، ئەڭ تۆۋەن باھا 200 دوللاردىن باشلىنىدىكەن)نى ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن خالىغانچە ئالدىن تىزىملىتىش مەزگىلىگە قەدەر سەۋىر قىلىپ كۈتتۈم، بۇ مەزگىلدە مەن يەنە ئورگان بېتى ئارقىلىق 30 يۇرۇ تۆلەپ، «www.uyghur.blog» نى زاكاس قىلىپ قويدۇم.

 

ئەلۋەتتە، مەن ئۇ چاغدا «.BLOG» تور نامىنىڭ ئورگان بېتىدىن باشقا يەردىمۇ تىزىملاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتىم، ھەمدە ئورگان بېتىنىڭ ئىقتىدارىغا ئالامەت ئىشىنىپ كەتكەن ئىدىم. شۇڭلاشقا  2016-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر 0گە قەدەر تەقەززالىق بىلەن ساقلىدىم. شۇ كۈنى گېرمانىيە ۋاقتى ئىككى بولغاندا، ئورگان بېتىدىكى ھېساۋاتىمغا كىرسەم، بۇ تورنامى مەندە تىزىملىتىلدى دەپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن راھەت ئۇيقۇغا كىرىپ كەتتىم.

 

ھالبۇكى، ئەتىسى دەرس ۋاقتى قىزىقىپ ئولتۇرۇپ «www.uyghur.blog» نىڭ WhoIs ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ باقسام بۇ تورنام گېرمانىيەدىكى باشقا بىر قېرىندىشىمىزنىڭ نامىدا Godaddyدىن تىزىملىتىۋالغان بولۇپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن قاتتىق ھەيران بولۇپ، شۇ ھامان ئورگان بېتى بىلەن ئالاقە قىلدىم، ئۇلاردىن جاۋاب كەلمىگەچكە، بۇ ئىسىمنى تىزىملىتىۋالغان قېرىندىشىم بىلەن ئېلخەتتە ئالاقە قىلدىم، ھەمدە ئىسىمنى بولسا ماڭا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئۆتۈندۈم، ئۇ قېرىندىشىم شۇ ھامان جاۋاب قايتۇرۇپ ئىسىمنى قىزىقىش ئورنىدا تىزىملاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇزاق ئۆتمەي ۋەتەندىكى باشقا قېرىندىشىمىزنىڭ ئالاقە قىلىپ ئىسىمنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى ئېيتىپ ئۆزۈرخانلىق بىلدۈردى. ئۆيگە قايتىپ ئورگان بېتىدىن تەكشۈرسەم بۇ ئىسىم ھېلىھەم مېنىڭ ھېساۋاتىمدا تۇراتتى-يۇ، ئورگان بېتىدىكى تىزىملىتىش ئورنىدىدىن ئىزدىسەم بۇ ئىسىم بىكار، Godaddyدىن تەكشۈرسەم تىزىملىتىپ بولۇندى دەپ تۇراتتى.

 

ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئورگان تەرەپدىن ئېلخەت كېلىپ ئىسىمنىڭ مەندە ئەمەسلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئۇلارغا ئىنتايىن ئاچچىقلاندىم،  «ئەمىسە مېنىڭ ھېساۋاتىمدا تۇرىدىغۇ؟» دەپ ئۇلار بىلەن زاكۇنلىشىپ باقماقچى بولدۇم، ئەمما نېمە پايدىسى؟ دېمەك، ئورگان بەتتە مەسىلە بار ئىكەنتۇق. ئەمما بۇ تور نامنى قولغا چۈشۈرۈش ئارزۇيۇم شۇنداق كۈچلۈك بولغاچقا، WhoIs ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ بۇ ئىسىمنى ئۆتكۈزۈۋالغان قېرىندىشىم بىلەن ئالاقە قىلدىم، ئەلۋەتتە، قارشى تەرەپ بۇ ئىسىمنى خېلى يۇقىرى باھاغا ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى ھەمدە ئۆزى بىر ئىش قىلماقچى بولغانلىقى ئېنىق ئىدى. شۇنداقتىمۇ كىچىككىنە بىر ئۈمىددە ئۇ قېرىندىشىمغا خەت يازدىم.

 

خەتنى يازغاندا قارشى تەرەپدىن ئېنىق  رەت كېلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، ھالبۇكى قارشى تەرەپ ئۇزاققا قالمايلا جاۋاب يازدى ھەمدە بۇ ئىسىمنى باشقا نىيەتتە ئەمەس، ساقلاپ قۇيۇش ئۈچۈنلا سېتىۋالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىق ئىشىنى شۇنداقلا ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى ئوبدان بىلىدىغان بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىسىمنى مەندىن بۇرۇن بىر قانچەيلەن تۈمەن سوم، ھەتتا ئۇنىڭدىن يۇقىرى باھادا سورىغان بولسىمۇ بەرمىگەنلىكىنى، ئەمما ماڭا ئۆزى سېتىۋالغان باھادا بېرىشنى خالايدىغانلىقى شۇنداقلا ماڭا بەرسە مېنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىدىغانلىقىنى يازغان ئىدى. جاۋابدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، ئەمما ئۇ قېرىندىشىم سېتىۋالغان باھامۇ ماڭا نىسبەتەن خېلىلا قىممەت ئىدى.

 

شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن باھا تالىشىشدىن خىجىل بولۇپ ئىسىمنى ھازىرچە ئالماي تۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ جاۋاب يازدىم. جاۋابىمنى ئالغان قېرىندىشىمىز شۇ ھامانلا خەت يېزىپ ئەھۋالىمنى چۈشىنىدىغانلىقىنى، مەندىن مانچە بېرىڭ دېمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ئىسىمنى ھازىر ماڭا يوللاپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، مېنىڭ كېيىنچە ئايغا بۆلۈپ ياكى قاچان پۇل تاپقاندا شۇ چاغدا بەرسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ھازىرقىدەك ئىقتىساد زىللىشىپ، كىشىلەر ئارىسىدىن ئىشەنچ يوقىلىپ كېتىۋاتقان مەزگىلدە، پەقەت بلوگ ئارقىلىق بىر نەرسە يېزىپ تۇرۇپ تونۇمىغان بىرىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلىگەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم.

 

بۇ گەپلەردىن تەسىرلىنىپ، ئىىسمنى مەن كۆتۈرەلەيدىغان مىڭ سوملارغا يېقىن بىر پاھانى قويدۇم ھەمدە بۇ پۇلنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنى يوللاپ بېرىپ تۇردۇم، بۇ قېرىندىشىممۇ ئاڭغىچە ئىسىمنى ماڭا يۆتكەپ بېرىپ بولغان ئىدى. ئەلۋەتتە، كېيىن قالدى پۇلنى تۇلۇق يوللىۋەتتىم. ئەمما بۇ قېتىملىق سودىدىن ئۆزىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان، ھەتتا ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان ئۇشبۇ قېرىندىشىمنىڭ ماڭا قىلغان ئىشەنچى، پۇلنى ئالماي تۇرۇپ مال بەرگەنلىك خىسلىتى ماڭا ھېلىھەم تەسىر قىلماقتا ئىدى.

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 25 )
  1. ئالۋۇن
    03/12/2017 at 11:38
    جاۋاب

    بۈگۈن دىۋان مىنىڭ ئوخشايدۇ …
    بىر ئىشەنچنىى كۈرۈپ يەتتىم ، بۇنداق ئىشەنچىمۇ مىنىڭ بىشىمدىن ئۈتكەن ئىدى 2 ئايلار ئىلگىرى مەندىمۇ قىزىقىش سەۋەبى بىلەن تىزىملىتىپ قويغان بىر ئىسىم بار ئىدى، بىلوگىرلار توپىدا پاراڭلار ئارسىدا ئۇ ئىسىمنىڭ گىپى بۇلۇپ قىلىپ بىر دوستىمىز ئۇ پاراڭدىن ئۇ ئىسىمنى مەندىن سورغان ئىدى مەنمۇ ئىككلەنمەي ئۇ ئىسىمنى ئۇلارغا بىرۋەتتىم باھاسىنىمۇ ئۇلار قويغان باھادا بىرۋەتتىم ئەمما ئۇلار پۇلنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۈزىدىلا ئۇندىداردىن ئىتىۋەتتى مەن ئىسىمنى يوتكەپ بىرەي دىسەم ئۇلار كىيىنچە بولسۇن دىدى ئەمما مىنىڭ كوڭلۈم ئۇنىماي ئۇلارنى ئىزدەپ ئىسىمنى يۇتكەپ بەردىم .
    بەلكىم ئۇ ئىسىمغا قىززىقىدىغانلار بۇلىشى ئىنىق ئۇ ئىسىم http://www.subat.me ئىدى http://www.subat.cn باغلىنىشلىق ئىدى …
    چۈنكى مەنمۇ سۇبات مىدىئانىڭ قوللىغۇچىللىرىدىن بىرىمەن …

    • ئۇيغۇربەگ
      03/15/2017 at 19:10

      سىزنىڭمۇ ھەقىقەتەن تەسىرلىك بىر كەچۈرمىشىڭىز بار ئىكەن.

      ھەممىلا ئادەمدە مۇشۇنداق بىر-بىرىگە ئىشەنچ ۋە لەۋزى بولغان بولسا، نۇرغۇن ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتەر بولغۇيتى ھە…

  2. كېن
    03/15/2017 at 21:59
    جاۋاب

    سىزنىڭچە ھازىر تورنامنىڭ ئالدىغا www نى قۇشقان قۇشمىغاننىڭ پەرقى بامۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ
      03/18/2017 at 18:10

      SEOغا ئالاقىدار بىر قىسىم ماتېرىياللاردا ئالدىغا www قوشمىغاننىڭ پايدىسى ياخشى دەپتۇ، لېكىن مەن ئۆزەم wwwنى قوشۇپ كېلىۋاتىمەن.

      لېكىن بىلىشىمچە ئىككىسىنىڭ نىگىزلىك پەرقى بار، www بولسا ھېسابدا ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىسىم، قوشۇلمىغىنى بولسا يىلتىز ئىسىم.

    • كېن
      03/18/2017 at 21:10

      ھە~بۇرۇن www نى ئىسلەتسە caching مۇ ياخشىراق بولۇپ سۇرىتى تېزراق بولىدۇ دىگەننىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم، ھازىرغۇ چوڭ پەرقى يوق دەپتۇ ئەمدى.

  3. كېن
    03/15/2017 at 22:10
    جاۋاب

    ئاندىن ئاكا، سىز بىرە چەتئەلدىكى بىرە ھەقسىز ياخشىراق بلوگدىكى رەسىملەرنى ساقلايدىغان توربەتنى(Image Hosting Services) بىلەمسىز؟ خەنچە 图床 دەيدىكەن، مەن 七牛云图床 نى تىزىملىتاي دىسەم ئايەنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى بولمىسا بوممايدىكەن. شۇ چەتتىكى قايسى توربەت ياخشىراقتۇ دەپ، ھەم يۇرىتتىنمۇ كۈرەلىسە ياخشى بولارئىدى.

    • ئۇيغۇربەگ
      03/18/2017 at 18:11

      ماۋۇ يازمىنى كۆرۈپ بېقىڭ:
      https://www.lifewire.com/free-image-hosting-sites-3486329
      مەن ئۆزەم بۇ خىل مۇلازىمەتنى ئىشلىتىپ باقمىغاچقا بەكمۇ بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن.

    • كېن
      03/18/2017 at 21:15

      ئىم، مەنمۇ شۇنى كۈرۈپ باققان ئىدىم، ئاندىن يۇرىتتىكى دوسلىرۇمغا ئاچقۇزۇپ باقسام، Imgur نى ئاچالايدىكەن، Flickr قەتتى ئېچىلمايدىكەن، Yahoo غا تەۋە بوغاشقا ھەقاچان. Photobucket بەزى رايۇندا ئېچىلىپ بەزى رايۇندا ئېچىلمايدىغان چىراي.

    • كېن
      03/18/2017 at 21:16

      رەھمەت~

    • كېن
      03/19/2017 at 00:29

      توغرا، wordpress نىڭ ئۆزەمنىڭ بوشلۇقۇم بوغاندىنكىن شۇنىىڭغا يوللىسام ياخشى ھەم شۇنداق قىلىمەن. مەن شۇ يېقىندا Hexo بىلەن ھەپىلىشىپ باققان دەڭە ئازتولا https://kanekikun.github.io/ ئاندىن بۇنى github دا ساخلىغانكىن، ئايرىم رەسىم ئامبىرى ئويلىشىپ باققان ئىدىم.

    • ئۇيغۇربەگ
      03/21/2017 at 15:13

      شۇنداق قىلىڭ، ۋوردپرېسنىڭ ئۆزىگىلام يوللاۋېرىڭ…

  4. ئالپبەگ
    03/16/2017 at 15:33
    جاۋاب

    بۇ ئىشىملىرىغا چىش بىلىگەنلەر خېلى جىقكەن جۇمۇ. ئەھۋال ئىنكاس قىلىمەن.
    بىلوگلىرى كرۇمدا يېرىم سائەتتىمۇ ئېچىلىپ بولالمىدى، سافارىدا نورمال ئەمما.

    • ئۇيغۇربەگ
      03/18/2017 at 18:12

      بۇ ئىشىملىرىغا چىش بىلىگەنلەر خېلى جىقكەن

      قانداق دەيلا؟ بىر گەقىپ بەسلە…

      بلوگ بىر قانچە كۈن نورمال ئەمەس، ھەمدە SSLنىڭ مەسىلىسىمۇ بولۇشى مۇمكىن.

  5. يېڭى ئەزا
    03/17/2017 at 04:35
    جاۋاب

    ئەمما ھەر قېتىم uyghurbeg。netكە كىرىپ uyghur。blogئۇلىنىشى چىققاندىن كېيىن كىرەلەيمەن بلوگقا.نىمىشقا بىۋاستە كىرسەم ئېچىلمايدۇ ؟

    • كېن
      03/17/2017 at 07:13

      مېنىڭكىدە نورمال ئېچىلىدۇ ئۇدۇل uyghur.blog بىلەنلا، لىكىن يانفۇندا نىمىشقىكى unsafe دەپ چىقىۋالىدۇ بەزىدە.

    • ئۇيغۇربەگ
      03/18/2017 at 18:13

      ئاندىروئىد يانفونلىرىدا SSL كېنىشكىسىنى ياخشى تونۇماي قېلىپ بىخەتەرلىك ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ قويىدىكەن، تولىمۇ ئەپسۇسكى ھەل قىلىپ بولالمىدىم…

    • ئۇيغۇربەگ
      03/18/2017 at 18:12

      SSLنىڭ مەسىلىسىمۇ بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن كېيىن بىۋاستە http://www.uyghur.blog نى بېسىپ كىرىڭ…

    • ئۇيغۇربەگ
      03/19/2017 at 00:08

      مەنچە رەسىم ئامبىرى ئىشلەتمەي بوشلۇقنىڭ ئۆزىگىلا يوللىسىڭىز قانداق بولاركىن…
      :eek:

  6. مۇساپىر
    03/19/2017 at 19:12
    جاۋاب

    بۇرادەر سىزنىڭ بىزلەر ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭىزگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن. ئەمدى شۇ شۇ شۇ يەنە ياخشىراق خىزمەت قىلسا دەپ ئولاپ قالدىممۇ قانداق تۈرۈكچە بىر ناخشا بار ئىدى . رەفات ئەلرومان بىلەن يانا بىر ئايال ئېيتقان شۇ ناخشا قۇلۇقۇمغا بەكلا مۇڭ بىلىندى ، بولسا شۇنىمۇ بىر تەرجىمە قىلىۋەتكەن بولسىڭىز ھەممەيلەن ئاڭلاپ باقساق دىگەن ئۈمىدتە، ۋاقتىڭىز يەتسە ئەگەر ۋاقتىڭىز يەتمىسە مەيلى…
    ناخشىنىڭ ئادرىسى: http://music.163.com/#/mv?id=5361293
    ئىسمى: Kalbine Sürgün

    • ئۇيغۇربەگ
      03/21/2017 at 15:15

      رەھمەت سىزگە،

      سىز دېگەن ناخشىنى 2013-يىلى تەرجىمە قىلىپ بولغان ئىدىم، ئەمما ھازىر قۇيۇلماسلىقى مۇمكىن. ناۋادا بەيدۇ بۇلۇت بوشلۇقىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز مېنى قوشۇۋېلىڭ، شۇ يەردىن ئەۋەتىپ بېرەي.

    • ئالۋۇن
      03/22/2017 at 12:18

      بۇ خەتلىك تەرجىمە بۇ يەردە بارغۇ http://alwun.cn/5454.html بىگىمنىڭ خەتلىك تەرجىمىللىر بىزنىڭ ئالۋۇن كەچمىشلىرىدىن ئاساسەن تىپىلىدۇ ئىزدىگىلى ئىرىنمىسىڭىز .

  7. مۇساپىر
    03/23/2017 at 11:38
    جاۋاب

    رەھمەت سىزگە. ئاخىرى تېپىۋالدىم .. مەن سىزنىڭ تەرجىمە قىلغىنىڭىزنى بىلمىگەچكە ئىزدەنمەپتىكەنمەن..

    • ئالۋۇن
      03/23/2017 at 12:50

      بۇ بىگىمنىڭ تەرجىمە قىلغان مۇڭ كۈيلىرى …

  8. يىڭى ئەزا
    03/31/2017 at 20:18
    جاۋاب

    شىنلاڭنىڭ مىكرو بلوگىدا ئۇچۇر يوللاۋاتقان سېلىما؟قارىسام ھېچ ئوخىشىمايدىغۇ ؟

    • ئۇيغۇربەگ
      05/13/2017 at 12:32

      مەن ئەمەس، مەخپىي نومۇرىنى قايتۇرۇۋالغان بولساممۇ يەنە كىرەلمىدىم.

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي