مېنىڭ WordPress نى تاللاشتىكى 10 باھانەم


10. WordPress  نىڭ نەچچە مىڭلىغان رەڭگارەڭ ئۇسلۇبلىرى بار. بلوگىمىزمۇ بىرقەدەر ياخشى دەپ قارىغان ئۇسلۇبلارنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ ۋە كەلمەكچى.

9. WordPress  نىڭ نۇرغۇنلىغان قىستۇرمىلىرى(插件) بار. بۇ شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ WordPress غا ئاشىق بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىستۇرما يېزىش ئىنتايىن ئاسان، مەنغۇ ياساپ باقمىدىم.

8. WordPress نىڭ ئارقا سۇپىسىدا WordPress غا مۇناسىۋەتلىك يېڭى خەۋەرلەر بار، ئەلۋەتتە خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىنگىلىزچە.

7. WordPress دۇنيادا كەڭ دائىرلىك ئىشلىتىلمەكتە، سىز ئىشىنىڭ ئىشەنمەڭ WordPress تور دۇنياسىنىڭ 8% تىنى ئىگىلەپ بولدى. WordPress بلوگ سۇپىسى قىلىپ ئىشلىتىشكىمۇ ۋە ھەرخىل شەكىلدىكى توربەت قىلىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.

6. WordPress نى قاچىلاش ئىنتايىن ئاسان، WordPress دىنمۇ ئاسان قاچىلىنىدىغان سىستېما بولمىسا كېرەك!

5. WordPress نى ئارىمىزدىكى داڭلىق كىشلەر بلوگ سۇپىسى قىلىپ تاللىغان، دۇنيادىمۇ شۇنداق.

4. WordPress نى سىز بوشلۇق ئالمايمۇ ئىشلىتەلەيسىز، دېمەكچى blogbus نى ئىشلەتكەنگە ئوخشاش، ئەپسۇسلىنارلىقى دۆلىتىمىزدە تور سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا ھەتتا بەزىدە ئېچىلمايدۇ.

3. WordPress نى ئاسراش ۋە قوغداش قولايلىق. ھەر قېتىم يېڭى نەشىر چىققاندا ئۆزىڭىز نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرسىڭىزلا بولىدۇ.

2. WordPress  ئارقىلىق ئۆزىمىزنى نامايان قىلىمىز، مانا بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بلوگ قۇرىشىدىكى سەۋەبى.

1. wordpress is free بۇ WordPress ھەقسىز دېگەنلىك، بۇ دەل WordPress  نىڭ بۇنداق مودا بولۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى. ھەقسىز دېگەنلىك پۇل تاپقىلى بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، پۇل تاپقىلى بولىدۇ، قانداق تاپىدۇ؟ ئۇسلۇب ۋە قىستۇرما ياساپ بۇل تاپقىلى بولىدۇ.

ئاپتور: ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

ئىنكاسلار ( 10 )
  1. پېرخون
    09/26/2010 at 22:01
    جاۋاب

    ۋورد پىرەيسستىن بىر بىلوگىم بولسا دەپ ئارمان قىلىۋاتقىلى نە ۋاق … لىكىن يا ئۈگىتىدىغان ئادەم يوق يا ياساب بېرىدىغان ئادەم يوق … :arrow: پۇلىنى بېرەتتىم مەن …
    بىلوگ ياساشتىن ساۋادىم يوقتى …. خەپ ….

    • پەنگىيار
      09/27/2010 at 19:27

      سورىسىڭىز بولىدىغۇ،
      ئارىمىزدا تەدبىركار، ئۇيغۇربەگ قاتارلىقلار بار. كەمىنىمۇ ئانچە-مۇنچە ھەپىلىشىپ قويىمەن ئەلۋەتتە، گەرچە تەدبىركار، ئۇيغۇربەگلەرگە يەتمىسەممۇ.
      بىلمىگەن جايلىرىڭىزنى مەيلى مەزكۇر بلوگ ياكى ئىلقۇت بلوگى ۋە ياكى تەدبىركار بلوگىدا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز ھەممىمىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە سىزگە چۈشەنچە بېرىمىز ئەمەسمۇ؟؟؟؟؟

  2. يۈكسەل
    09/26/2010 at 23:23
    جاۋاب

    WordPress كۈچلۈك، ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك!

  3. ئۇيغۇرباي
    09/27/2010 at 19:14
    جاۋاب

    WordPress نىڭ ماڭا ئەڭ يارىغان يىرى ئۇسلۇبى تەبئى چىرايلىق بولۇپ ئادەمگە بىر خىل راھەت تۇيغۇ بىردىكەن، WordPress نىڭ نۇرغۇنلىغان قىستۇرمىلىرى(插件) سى ئۆزىمىزنىڭ خالىغانچە ئۆزگەرتىش ،ئىقتىدار قېتىشىمىز قولايلىقكەن

  4. ئۇيغۇرباي
    09/27/2010 at 19:19
    جاۋاب

    WordPress نىڭ ماڭا ئەڭ يارىغان يىرى ئۇسلۇبى تەبئى چىرايلىق بولۇپ ئادەمگە بىر خىل راھەت تۇيغۇ بىردىكەن، WordPress نىڭ نۇرغۇنلىغان قىستۇرمىلىرى(插件) سى ئۆزىمىزنىڭ خالىغانچە ئۆزگەرتىش ،ئىقتىدار قېتىشىمىز قولايلىقكەن ،Wordpress تېخنىكىسنى ياخشىراق ئىگەللەپ ئاندىن بىرنى قۇرىمەن ،ئۇيغۇربەگ شۇچاغدا تېخنىكا جەھەتتىن يارىدىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز ھە !

    • ئۇيغۇربەگ
      09/27/2010 at 20:39

      قولىمىزدىن كېلىشىچە…بىلگىنىمىزنى ئايىمايمىزغۇ بىز~ 8)

  5. پەنگىيار
    09/27/2010 at 19:28
    جاۋاب

    مېنىڭمۇ بۇ سېستىمىغا ئاشىق بولۇپ قېلىشىمنىڭ سەۋەبى ئاساسەن سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش.
    دېسەم دېمىسەم بىز ھەر ئىككىمىز ئاۋال بلوگباستا تەرەققىي قىلىپ، ئاندىن PJblog قا كۆچۈپ ئەڭ ئاخىرىدا WordPress كە كۆچكەنغۇ دەيمەن.

  6. پەنگىيار
    09/27/2010 at 19:32
    جاۋاب

    ئۇيغۇربەت ھەزرەت، كەمىنىمۇ سىرتتىن قايتىپ كەلدىم. ئاۋۇ ئىلقۇت بلوگىغا بلوگلىرى ئۇلىنىش قىلىندى ئەمما سىلىنى ئۆزلىرىنى بىلىۋالارمىكىن دېسەم تا ھازىرغىچە ئىلقۇت بلوگىنىڭ سىماسىنى سىلىنىڭ بلوگنىڭ ئاۋۇ ئىتتىپاقداشلار دەمدۇ، قوشنا سۇلالىلەر دەمدۇ ۋە ياكى قوشنا قەبىلىلەردىن دەمدۇق بىر لوگو سىماسىنى تاپقىلى بولمايدا؟ ياكى ئالاھىدە شەرت ھازىرلاش كېرەكمۇ؟ شەرت ھازىرلاش كېرەك بولسا دەپ تۇرسىلا ھازىرلىيالىساق ھازىرلاپ تۇرايلى دەيمەن.

    • ئۇيغۇربەگ
      09/27/2010 at 20:38

      كايىمىسىلا ئىلقۇت جانابلىرى،كەمىنە بىخەستەلىك قىپ ساپتىمەن،مانا بايىلا ئېمپىرىيىمىزنىڭ خوشنا سۇلالىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدىم،ھەمدە تېرتورېيىمىزگە قوشدۇم…

  7. زىرەك
    09/30/2010 at 22:22
    جاۋاب

    MicroSoft مۇ WordPress نى قوللاۋاتىدۇ ، ھەمدە Live نىڭ بلوگنى تاقىۋەتتى، مۇشۇ زامانلاردا WordPress نى تاللاش ئاقىلانىلىك .
    ئۇستىدىن ئاستىغا قاراپ ئوقۇماي ئاستىدىن ئۈستىگە قاراپ ئوقۇمدۇق نىمە ؟ :twisted:

مەنمۇ پىكىر بايان قىلاي