ئۇيغۇربەگ

كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ.

سالام ئەزىزلەر، بۈگۈنكى يازمامدا مەن بۇرۇن بىر تۈردە ئ‍ىشلەتكەن، يازما ياكى يەزمۇننىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتىنى «باياتىن يوللاندى، * مىنۇت بۇرۇن، * سائەت بۇرۇن» دېگەندەك شەكىلدە چىقىرىش كودىنى ھەمبەھىرلەپ ئۆتمەكتىمەن. كودنى بىۋاستە ئېلىپ ئىشلەتساڭلار بولىدۇ.

بۈگۈن ئىشلەۋاتقاچ، ھېساۋاتلىرىمنىڭ «ھەرىكەت خاتىرىسى»نى تەكشۈرۈپ بېقىپ تۇيۇقسىز چۆچۈپ كەتتىم. خاتىرىلەردىكى ip ئادرېسلىرىغا قارىسام، يېقىندىن بۇيان ئېلخەت، ئۇيغۇربەگ بلوگى ھېساۋاتىمنى نامەلۇم يەرلەردىن يۇچۇن كىشىلەر ئېچىپ بېقىپتۇ.

تەھلىل قىلىپ باقسام، مەن پارولۇمنىڭ قېيىنلىق دەرىجىسىگە ئىشىنىپ، ئوخشىمىغان يەرلەردىكى بارلىق ھېساۋاتلىرىمغا ئوخشاش پارول ئىشلىتىپ كەپتىمەن، ناۋادا باشقىلار مېنىڭ بىر ھېساۋاتىمنىڭ پارولىغا ئېرىشىپلا قالالىسا دېمەك، باشقا بارلىق ھېساۋاتلىرىمغا كىرىپ-چىقالايدىكەن. گەرچە ھازىرغىچە بۇ ھېساۋاتلىرىمدىن بىرەر قالايمىقانچىلىق چىقمىغان بولسىمۇ، مېنى ئازراق سەگىتىپ قويدى.

ئۈندىدار سالونى دېگەن نەرسە يېڭىدىن چىققان ۋاقىتتا «بلوگ»، «توربېكەت» ۋە «مۇنبەر»لەرنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ دەپ چالۋاقاپ يۈرگەن بولساممۇ، ھالبۇكى يېقىندىن بۇيانقى ھەممەيلەن چۈشىنىدىغان بۇ ئەھۋالدا ئۈندىدار سالونلىرى تور خۇمارىمىزنى بېسىقتۇرىدىغان ۋە بىر قىسىم ھاجەتلىرىمىزدىن چىقىدىغان مۇھىم ۋاستىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەينى چاغدىكى بلوگ قىزغىنلىقىدا نام قازانغان بىر قىسىم بلوگگېرلارنىڭمۇ ئۈندىدار سالونىغا كۆچۈشىمۇ سالونچىلىقنى خېلى يامان ئەمەس يېتەكلەپ ماڭدى. بۈگۈن مەن بلوگداشلارغا مەن ئەگەشكەن بىر قانچە سالون(گۈزەللىك سالونى ئەمەس ھە!!!!!!!!!!!)نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكۈسىمەن.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. بەلكىم دىققەت قىلغان بولساڭلار كېرەك، ئۇيغۇربەگ بلوگىنىڭ تور ئادرېسى يېقىندىن بۇيان «www.uyghur.blog»غا ئالماشتى. بۇ تور نامىنىڭ قولۇمغا چۈشۈشىدە، جەريانى ئىنتايىن ئاددى، ئەمما ماڭا نىسبەتەن مەنىسى تولىمۇ چوڭقۇر بولغان بىر ھېكايە بار بولۇپ، بۈگۈنكى يازمامدا مەن مۇشۇ تور نامىنىڭ قولۇمغا چۈشۈش جەريانىنى ئاددىيلا ھالدا بايان قىلىپ ئۆتكۈسىمەن.

ئوقۇش ۋە تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئۇزاق بوپتىكەن ئۇسلۇب بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغىلى. ھازىر ھەممە ئىشنى تېلىفوندىلا پۈتتۈرگىلى بولىدىغان بۇ مەزگىلدە كود يازغىلى كومپىيۇر ئالدىغا كەلمىسە، باشقا چاغدا دۈمچىيىپ ئولتۇرۇپ بىر ئىش قىلغىسىمۇ كەلمەيدىكەن. تۆنۈگۈن داڭلىق ئۇسلۇب بازىرى «پۇستانى»(ئېلان بولۇپ قالمىسۇن ئىسمىنى دېمەي)دىن ھازىرقى ئۇسلۇبنى ئۇچرىتىپ قېلىپ شۇ ھامانلا ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇشنىڭ كويىغا چۈشتۈم.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ھەممىڭلار بىلگىنىڭلاردەك شەخسى بلوگ قۇرۇش ئۈچۈن لازىملىق ئۈچ شەرتنىڭ بىرى بوشلۇق مەسىلىسىدۇر. شەخسەن مەنمۇ 7 يىللىق بلوگچىلىق ھاياتىمدا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن بولۇپ سانسىزلىغان بوشلۇقلارنى ئىشلىتىپ بۇ ھەقتە ئازراق بىلىمگىمۇ ئىگە بولۇپمۇ قالغان ئىدىم. يېقىندىن بۇيان ماڭا مۇۋاپىق بوشلۇق تەۋسىيە قىلىشىمنى ئۆتۈنگەن بلوگداشلار ئۈچۈن مېنىڭ شەخسەن تەجرىبەمدىن ئۆتكەن، ئىشەنچلىك، مۇقىم ۋە باھاسى مۇۋاپىق بولغان بىر قانچە بوشلۇقلارنى تەۋسىيە قىلش ئۈچۈن مەزكۇر يازمىغا تۇتۇش قىلدىم، بوشلۇق لازىم بلوگداشلار ئۈچۈن پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

ئەپ ياساشنى ئۆگىنىشدىن بۇرۇن، ئەپ بازىرىدا قارلىق، كاككۇك دېگەندەك شىركەت ياكى شەخىسلەرنىڭ ياسىغان ھەقلىق ئەپلەرنى سېتىۋېلىشدىن تازا قېچىپ، ئەپلەرنىڭ ھەقسىز قىلىنىۋېتىدىغان ھېيت – بايراملىق پائالىيەتلىرىغا ئىشتىھا ساقلاپ ئولتۇراتتىم. بىر زامانلار ئىچىمدە «ئاشۇ ئەپ ئاچقۇچىلار نىمداق پۇلپەرەز ئىنسانلاردۇ، جاپا تارتىپ ياسىغانكى ئۇيغۇر خەلقىگە ھەقسىز قىلىۋەتسە بولمامدۇ؟» دەپ ئويلايتىم، ھەمدە بىرەر كۈنى مەن ئەپ ياساپ قالسام ھەممىسىنى ھەقسىز قىلىۋېتىمەن دەپ تاس قالغان «ئوچۇق خەت»دىن بىرنى يېزىۋەتكىلى. ھالبۇكى، ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ، ئاغزىمغا سائەت چىققاندەك ئۆزۈممۇ بىلىپ بىلمەي ئەپ بازىرىدا ئون قانچە ھەقسىز ئەپى بار يالاڭتۆش ئەپچىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدىم-دە، بۇ ئەپ ئېچىشنىڭ ئارقىسىدىكى بەدەل ۋە تەرلەرنىڭ قەدرىگە يەتكەندە، تۇيۇقسىز ئويلىنىپ قالدىم، ھەقسىز ئەپ ياساپ ساراڭمۇ بىز؟

Phpmyadmin بىلەن ساندان زاپاسلاش & ئەسلىگە ئەكىلىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ئۇزاق بولدى دىدارلاشمىدۇق، دىدارلىشىش تۈگۈل مۇڭداشمىدۇق. بۈگۈنكى يازمىمىزدا بلوگگېرلارنىڭ جېنىغا ئەسقاتقۇدەق بىر نەرسە يازاي دەپ يەڭنى شىلەپ، بەلنى باغلاپ، چاينى قېنىق دەملەپ ئولتۇرۇپتىمەن. «ئۇيغۇربەگ»نىڭ تارىخىنى بىلىدىغانلار بىلىشى مۇمكىن، بۇرۇن بىر قېتىم سانداننى يۇۋەتكەن، بىر قېتىم خاككېرلار ياساپ كېتىپ «بەگلىك» ۋەيران بولغان بولغان چاغلار بولغان. مېنىڭ دەردىمگە ئوخشاش دەردنى تارتىۋاتقانلارمۇ كۆپ ئەلۋەتتە. شۇڭا بۇ يازمىنى مۇشۇنداق ئەھۋالدا يۇلۇققانلار ئۈچۈن ئاتايىن تەييارلىشىم.