ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، خۇدايىم بۇيرىسا يېڭى يىلدا ئىشىڭلار ئۇتۇقلۇق، تىنىڭلار سالامەت، ئائىلەڭلار خاتىرجەم بولغاي. بۇنىڭدىن نەچچە يىل مۇقەددەم، مەن ئۇيغۇربەگ بلوگىمىزدا «بىرىنچى دەرىجىلىك تورنامى <.TK>گە ئېرىشىش قوللانمىسى» نامىدا شۇ زامانلار داڭلىقراق بولغان بىرىنچى دەرىجىلىك ھەقسىز تور نامى TKنى تىزىملىتىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. بۈگۈنكى يازمامدا بولسا، ئاشۇ تور نامىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا بىر قانچە ھەقسىز تور ناملىرىنى تىزىملىتىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن. تور نامىنىڭ باھاسى گۆشدىنمۇ قىممەت بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ دەۋردە بەلكىم مەزكۇر تور ناملىرى سىلەرنىڭ دەسلەپكى ئىھتىياجلىرىڭلارنى قاندۇرۇپ قالار دېگەن ئۈمىددىمەن.

ئالدىنقى يازمىمىز «‎بلوگگېرلار ئۈچۈن يېڭى تورنامى .BLOG تىزىملىتىشقا ئېچىۋېتىلدى» ئېيتىلغاندەك، بلوگگېرلارغا تولىمۇ ماس كېلىدىغان بۇ تور نامى ھازىر تىزىملىتىشقا ئېچىۋېتىلدى. ئەلۋەتتە، ھېلىھەم بلوگ ئىشقىدا كۈيۈۋاتقان پىشقەدەم بلوگگېر بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، بۇ تور نامىنى كەڭ ئۇيغۇر بلوگگېرلىرىغا تەشۋىق قىلىشنى ئۆزەمنىڭ بۇرچى دەپ ھېسابلاپ، بۇ يازمىنى تەييارلاپ ئولتۇرۇپتىمەن، بۈگۈن بۇ تورنامىنى ئىشلىتىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى ھەققىدە توختىلىمىز ئەلۋەتتە. قىزىققان بولساڭلار، قېنى يازمىغا مەرھەمەت…

blog

WordPressنىڭ ئانا شىركىتى بولغان Automattic بۇ يىلنىڭ بېشىدا مەخسۇس بلوگگېرلار ئۈچۈن .BLOG نامىنى تىزىملىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، تۆنۈگۈندىن باشلاپ بۇ نامنى تىزىملىتىشنى پۈتۈنلەي ئېچىۋەتكەن.  ئىسمىدىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ تورنامى بلوگنىڭ تورنامى قىلىۋېلىشقا تامامەن ماس كېلىدۇ. تورنامى ئىزدەۋاتقان ھەمدە تۈزۈكرەك ئىسىم تاپالمايۋاتقانلارغا بۇ يېڭى ھەم خاس تورنامىنى تەۋسىيە قىلىمەن. يېڭى ئېچىلغان بولغاچقا قىسقا ئىسىملارنىمۇ تىزىملىتىۋېلىشقا بولىدۇ، پېقىرمۇ ئىزدىنىپ يۈرۈپ تۆت خانىلىق بىر ساز ئىسىمدىن بىرنى تىزىملىتىپ قۇيۇپ تۇردۇم.

treehous

ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش دېگەن شۇئار ھەممىلا يەرگە يېيىلىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا ئېنتېرنېتنىڭ ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھەر يەردە ئۆگىنىش شۇئارىمۇ قوزغۇلۇپ ھەمدە مۇھىتلار ھازىرلىنىپ، خالىغان ۋاقىتتا ۋە خالىغان ۋاقىتتا ئۆگىنىشدەك قولاي شارائىتلار تەييارلاندى، قىسقىسى مەنمۇ ئۆزلۈكىمدىن iOS ئۆگىنىشنى باشلىۋەتكەن(ماۋۇ يېڭىلىق ھەققىدە پات يېقىندا يوللىنىدىغان «ئۇيغۇربەگنىڭ iOS پروگراممېرلىقى چۈشى» ناملىق يازمىدا تەپسىلىي توختالغۇسىمەن) ۋاقتىمدىن بىرى، بۇ تور بېكەتلەردىن ئىنتايىن ياخشى پايدىلاندىم. نۆۋەتتە، مەن ئۆزۈم ياخشى دەپ قارىغان بىر قانچە تور دەرسخانىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

9E703E52940AEE4830F68FF9713CB68A
يېقىندىن بۇيان word ئىشلىتىپ مۇنداق بىر مەسىلىگە يۇلۇقتۇم، مىسال ئېلىپ بۇ مەسىلىنى تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرەي. word تا يېڭى ھۆججەت قۇرغاندىن كېيىن 1-قۇرغا ماۋزۇ يازدىم، ئاستىغا بولسا مەزمۇن يازدىم. ئەلۋەتتە ماۋزۇ ئوتتۇرغا توغرىلىنىشى كېرەك. ئەمما ماۋزۇنى ئوتتۇرغا توغرىلىسام ئاستىدىكى مەزمۇنمۇ توغرىلىنىپ كەتتى. ماۋزۇنى قارا خەت قىلسام، مەزمۇنمۇ قارا خەت بولۇپ قالدى. ئىشقىلىپ قانداقلا قىلماي ئوڭشىيالمىدىم. قىززىق يېرى باشقىلارنىڭ كومپىيۇتېرىدا ئۇرۇپ تەييار قىلىنغان word ھۆججىتىنى بولسا قانداق تەھرىرلىسەم شۇنداق ئۆزگەردى، ئاچچىقىمدا تاسلا قالدىم word نى قايتا قاچىلىغىلى. توردىن ئىزدىنىپ باقاي دەپ ئىزدىسەم بۇنىڭمۇ جاۋابى چىقىپ قالدى. ئوڭشاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

WXRsplit يۇمشاق دېتالى بولسا مەخسۇس XML نى پارچىلاش ئىقتىدارىغا ئېگە بولۇپ، سزGg سىغىمى چوڭ بولغان xml ھۆججەتلىرىڭىزنى كۆڭۈلدىكىدەك پارچىلاپ بېرىدۇ؟ سىز بەلكىم wordpress نىڭ ئىمپورتلاش-ئىكىسپورتلاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بلوگىڭىزنى زاپاسلاپ ماڭغان ياكى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن، پەزىدە ئىمپورتلاش جەريانىدا xml ھۆججىتى چوڭ بولۇپ كەتسە مۇۋاپىقىيەتلىك ئىمپورتلانمايدۇ، دەل شۇنداق ۋاقىتلاردا بىز WXRsplit يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق xml نى خالىغانچە پارچىلاش مەقسىتىمىزگە يېتىمىز.

8_副本

WordPress for IOS ناملىق مەزكۇر ئەپ IOS سېستىمىلىق ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن ياسالغان نادىر ئەپلەردىن بىرى بولۇپ، بىز بۇ ئەپ ئارقىلىق يازما يوللاش، يازما تەھرىرلەش، ئىنكاس باشقۇرۇش دېگەندەك بىر يۈرۈش ئىشلارنى قىلالايمىز. ناۋادا ئايفونچى بلوگداشلارنىڭ ئايفونى تۈرمىدىن قاچۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلانغان بولسا، تېخى ئىنكاسلارغا ئۇيغۇرچە جاۋابمۇ بىرەلەيسىز.

a4

قاراپ باقسىڭىز ھەر قايسى داڭلىق تور بېكەتلەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق تۇغ بەلگىسى بولىدۇ، شۇ بېكەتلەرنى ئاچسىڭىز توركۆرگۈنىڭ ئۈستى تەرىپىدە كىچىك بەلگىسى چىقىپ تۇرىدۇ، ئەمدى بىز ئۇنداق چوڭ بېكەت بولمىساقمۇ، بىزمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق بەلگىلەرنى چىقىرىپ قويساق بولىۋېرىدۇ. مەن تۆۋەندە ئەڭ ئاددى خىل ئۇسۇلدا Favicon چىقىرىشنى سۆزلەي.