ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، خۇدايىم بۇيرىسا يېڭى يىلدا ئىشىڭلار ئۇتۇقلۇق، تىنىڭلار سالامەت، ئائىلەڭلار خاتىرجەم بولغاي. بۇنىڭدىن نەچچە يىل مۇقەددەم، مەن ئۇيغۇربەگ بلوگىمىزدا «بىرىنچى دەرىجىلىك تورنامى <.TK>گە ئېرىشىش قوللانمىسى» نامىدا شۇ زامانلار داڭلىقراق بولغان بىرىنچى دەرىجىلىك ھەقسىز تور نامى TKنى تىزىملىتىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. بۈگۈنكى يازمامدا بولسا، ئاشۇ تور نامىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا بىر قانچە ھەقسىز تور ناملىرىنى تىزىملىتىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن. تور نامىنىڭ باھاسى گۆشدىنمۇ قىممەت بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ دەۋردە بەلكىم مەزكۇر تور ناملىرى سىلەرنىڭ دەسلەپكى ئىھتىياجلىرىڭلارنى قاندۇرۇپ قالار دېگەن ئۈمىددىمەن.

ئالدىنقى يازمىمىز «‎بلوگگېرلار ئۈچۈن يېڭى تورنامى .BLOG تىزىملىتىشقا ئېچىۋېتىلدى» ئېيتىلغاندەك، بلوگگېرلارغا تولىمۇ ماس كېلىدىغان بۇ تور نامى ھازىر تىزىملىتىشقا ئېچىۋېتىلدى. ئەلۋەتتە، ھېلىھەم بلوگ ئىشقىدا كۈيۈۋاتقان پىشقەدەم بلوگگېر بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، بۇ تور نامىنى كەڭ ئۇيغۇر بلوگگېرلىرىغا تەشۋىق قىلىشنى ئۆزەمنىڭ بۇرچى دەپ ھېسابلاپ، بۇ يازمىنى تەييارلاپ ئولتۇرۇپتىمەن، بۈگۈن بۇ تورنامىنى ئىشلىتىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى ھەققىدە توختىلىمىز ئەلۋەتتە. قىزىققان بولساڭلار، قېنى يازمىغا مەرھەمەت…

blog

WordPressنىڭ ئانا شىركىتى بولغان Automattic بۇ يىلنىڭ بېشىدا مەخسۇس بلوگگېرلار ئۈچۈن .BLOG نامىنى تىزىملىتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، تۆنۈگۈندىن باشلاپ بۇ نامنى تىزىملىتىشنى پۈتۈنلەي ئېچىۋەتكەن.  ئىسمىدىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ تورنامى بلوگنىڭ تورنامى قىلىۋېلىشقا تامامەن ماس كېلىدۇ. تورنامى ئىزدەۋاتقان ھەمدە تۈزۈكرەك ئىسىم تاپالمايۋاتقانلارغا بۇ يېڭى ھەم خاس تورنامىنى تەۋسىيە قىلىمەن. يېڭى ئېچىلغان بولغاچقا قىسقا ئىسىملارنىمۇ تىزىملىتىۋېلىشقا بولىدۇ، پېقىرمۇ ئىزدىنىپ يۈرۈپ تۆت خانىلىق بىر ساز ئىسىمدىن بىرنى تىزىملىتىپ قۇيۇپ تۇردۇم.

domains

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ئالدى بىلەن 12 ئاينىڭ سۇلتانى بولغان رامىزان ئېيىڭلارنى ئىچىمدىن مۇبارەكلەيمەن ھەمدە تۇتقان روزاڭلار، قىلغان ئىبادىتىڭلارغا مىڭ ھەسسە ساۋاب يېزىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۈگۈنكى يازمىمىزدا مەن تورنامى  ۋە تورنامى تاللاش جەھەتتىكى ئويلىغانلىرىمنى تورداشلار بىلەن ھەمبەھىرلەپ ئۆتىمەن. تورداشلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى مەزكۇر يازمىغا يانداش قالدۇرۇپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

design-730x280

بلوگ ئارقىلىق تونۇشۇپ، ئاغىنە بولۇپ ئۆتكەن پرېستاننىڭ تۇيۇقسىز ھالدا «پۈتۈنلەي قول ئۈزدۈم» دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ، ھەيرانلىقىمنى يۇشۇرالماي «نېمىدىن» دەپ سورىدىم، «بلوگدىن» دېگەن جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھەم ھەيران بولدۇم. ئۇزۇن مەزگىل بلوگ ئارقىلىق تونۇشقان دوست – يارەنلەرنىڭ بۇ سەپدىن بىر – بىرلەپ چۈشۈپ قالغانلىقىغا شاھىد بولغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ گەپكە ھەم ھەيران بولمىدىم. ئەمدى، قاتىل پرېستانمۇ بۇ سەپتىن چىكىنگەن بولسا، ئەمدى ئىچىمدىن چىقىرىپ تۇرۇپ شۇنى بەھۇزۇر جاكارلىيالايمەنكى، ئۇيغۇرلاردا بلوگ ئۆلدى!

banner-ios-developer-course-1

ئالدىنقى يازمىمىزدا بىز لازىملىق كىتاب ۋە بىر قىسىم تەييارلىق ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلاشقان ئىدىم. ئەلۋەتتە، كىتاب بىلەنلا قالماي يەنە بىر قىسىم زۆرۈر دەرسلىكنى كۆرۈپ چىقىشىمىزمۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۈگۈنكى يازمىمىزدا ئاساسلىقى مەن ئەپ ئېچىشنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇچراتقان ھەمدە ماڭا نىسبەتەن بىر قەدەر ياخشى دەپ قارىغان مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەرنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقۇسىمەن.

iOS_banner

ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىزدا، iOS ئەپ ياساشقا لازىملىق قاتتىق دېتاللار ۋە بىر قىسىم خىياللىرىمنى ئورتاقلاشقان ئىدىم، بۈگۈنكى يازمامدا مەن تۇقتىلىق قىلىپ ئەپ ئاچقۇچى ھېساۋاتى ۋە كىتابلار ھەققىدە توختالغۇسىمەن. قىزىققانلار، قېنى يازمىغا مەرھەمەت.

1obAm_vblOhOy2snpg19LAA.jpg

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. يېقىندا، ئۆزۈمگە تايىنىپ يۈرۈپ، بىر نېمىلەرنى قىلىپ، توختىماي قىمىرلاپ يۈرۈپ، ئۆزۈمگە يارىغان بىر ئىككى ئەپنى( شېئىرنامە ۋە ئۇيغۇربەگ پرو) پۈتتۈرۈپ چىقتىم، ئۇنىڭدىن باشقا دەسلەپ قىلغاننىڭ ئورنىغا ئىككى بېكەتنىڭ ئەپ قۇرۇلىشىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىپ، تۇنجى قەدەمدە كىرىم قىلغانمۇ بولدۇم. ئەلۋەتتە، مەن بۇ جەريانلارنى پەقەت ئۆزۈمگە تاياندىم، مەنمۇ يېڭى باشلىغان نۇرغۇنلارغا ئوخشاش بەك كۆپ ئىسسىق – سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈردۈم، <<يېڭى باشلىغاندا بىرى ياخشى يىتەكلىگەن بولسا…>> دەپ نالە قىلدىم، نالەم نالە پېتى قالدى، ئەمما تەر تۆكۈشنى توختاتمىدىم.  ۋەھازاكى، بۈگۈن قۇياش چىقتى. بەلكىم، نۇرغۇن قارا كۆزلەر ماڭا ئوخشاش قۇياشنى كۈتۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈنكى بۇ يازمام نۆلدىن باشلاپ ئەپ ياساش ئارزۇسى بارلارغا بېغىشلىنىدۇ.