1obAm_vblOhOy2snpg19LAA.jpg

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. يېقىندا، ئۆزۈمگە تايىنىپ يۈرۈپ، بىر نېمىلەرنى قىلىپ، توختىماي قىمىرلاپ يۈرۈپ، ئۆزۈمگە يارىغان بىر ئىككى ئەپنى( شېئىرنامە ۋە ئۇيغۇربەگ پرو) پۈتتۈرۈپ چىقتىم، ئۇنىڭدىن باشقا دەسلەپ قىلغاننىڭ ئورنىغا ئىككى بېكەتنىڭ ئەپ قۇرۇلىشىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىپ، تۇنجى قەدەمدە كىرىم قىلغانمۇ بولدۇم. ئەلۋەتتە، مەن بۇ جەريانلارنى پەقەت ئۆزۈمگە تاياندىم، مەنمۇ يېڭى باشلىغان نۇرغۇنلارغا ئوخشاش بەك كۆپ ئىسسىق – سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈردۈم، <<يېڭى باشلىغاندا بىرى ياخشى يىتەكلىگەن بولسا…>> دەپ نالە قىلدىم، نالەم نالە پېتى قالدى، ئەمما تەر تۆكۈشنى توختاتمىدىم.  ۋەھازاكى، بۈگۈن قۇياش چىقتى. بەلكىم، نۇرغۇن قارا كۆزلەر ماڭا ئوخشاش قۇياشنى كۈتۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈنكى بۇ يازمام نۆلدىن باشلاپ ئەپ ياساش ئارزۇسى بارلارغا بېغىشلىنىدۇ.