iOS Simulator Screen Shot 1 Mar 2015 21.57.41

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەزكۇر ئەپ 2011-يىلى، 2012-يىلى ئۇيغۇرچە ئون نادىر بلوگلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ بلوگ ئەپى بولۇپ، مەزكۇر ئەپ ئارقىلىق ئ‍ۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا يوللانغان ئەڭ يېڭى يازمىلارنى ئايفون ۋە ئايپەددە بىلەن تىز ۋە ئەڭ قولاي ئۇسۇلدا ئېرىشەلەيسىز.

wechat-guanxi-720x355_副本

خېلى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بىرى، نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى، بلوگنى ئېچىپ كۆرۈپ باقمىغىلى ئۇزاق بوپتىكەن. بۈگۈن قانداقتۇر ۋاقتىم چىقىپ، بلوگىمنى بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، بلوگنىڭ زىيارەت كۆرسەتكۈچىسىگە قاراپ، تۇرايىمىزنىڭ سەلتەنەت سۈرگەن بىر زامانلىرى ئېسىمگە كەلدى. باشقا بلوگداشلار بىلەن پىكىرلىشىشىمچە، بۇ يالغۇز ئۇيغۇربەگ دۇچ كەلگەن مەسىلە بولۇپ قالماستىن، باشقا نۇرغۇن شەخسىي بلوگلارنىڭ زىيارەت سانى كۆرۈنەرلىك ئازلىغان بولۇپ، ئېنىقكى بۇنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرى بار ئىدى، بۈگۈنكى بۇ يازمىدا، بلوگلارنىڭ زىيارەتچى سانىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ھەققىدىكى بىر قانچە ئويلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتكۈسىمەن…

«ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» گۇرۇپپىسى قۇرۇش ھەققىدىكى خام-خىيالىم…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، سەرگەردان ئوقۇش ھاياتىم باشلانغاندىن بىرى تۇرمۇش ۋە ئوقۇش تىرىكچىلىكىدە بلوگىمنى يېڭىلاپ بولالمىدىم، شۇنداقتىمۇ بلوگنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشىمنى تاشلاپ قويغىنىم يوق. مۇشۇ ئويلىنىشلىرىم ئىچىدە مۇھىمراق ئورۇن تۇتقىنى «ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» دېگەن خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىسى قۇرۇش خىيالى بولدى. قىزىقىدىغانلار كىرىپ مېنىڭ بۇ خام-خىيالىمنى ئاڭلاپ باققايسىزلەر…

soralghan sorallar_副本

مۇشۇ WordPress سۇپىسىنى تەتقىق قىلغان ھەمدە ئازراق بىر نەرسە ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ بىلگىنىنى تونۇيدىغان-تونۇمايدىغان بلوگداشلاردىن ئايىماي كېلىۋاتىمەن، ھەتتا بىر قىسىم بلوگداشلارغا بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلەپ بىرىۋاتىمەن. شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن يېڭى بلوگداشلارنىڭ ئوخشاش سۇئالنى قايتا-قايتا سورايدىغان ئەھۋالغا تولا ئۇچراپ كەتتىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە يۈرۈشلۈك تېمىلىرىمدا مەندىن كۆپ سورايدىغان بىر قانچە سۇئاللارنى ۋە ئۇنىڭ جاۋابىنى يېزىشنى ئويلاشتىم، ئىلاھىم، يازغان نەرسىلىرىم تېتىملىق چىققىيدى…

5404

بۈگۈن مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلار بالىلار بىلەن بىرگە خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەن ئىدۇق، ياتاققا قايتىپ تارتقان سۈرەتلەرنى رەتلەۋېتىپ، ئەينى چاغ، بۇنىڭدىن 4 يىل مۇقەددەم، يەنى 2009-يىلى، مەن جىياڭسۇ ئۆلكىلىك خەنجىياڭ ئوتتۇرا مەكتىپى(گورۇھى)دە شىنجاڭ سىنىپىنى پۈتتۈرگەندە ئۆزۈم باش بولۇپ رېژىسسور، ئوپىراتور، مۇنتاژ بولۇپ ئىشلىگەن فىلىمىم «ئۇنتۇش ئۈچۈن ئەسلەش» قولۇمغا چىقىپ قالدى، ۋاقىت نەقەدەر تىز ئۆتكەن ھە، نەقەدەر تىز ئۆتكەن. بۇ فىلىمنى بىر يىل بۇرۇن كەپەمگە ھەم يوللىغان ئىدىم، قاراپ ئولتۇرۇپ تولۇق ئوتتۇرىدىكى نۇرغۇن ئىشلار يادىمغا يەتتى، بۈگۈن تۇرادىمۇ بىر يوللاپ تۇراي…

605-1

خوش، ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىز «[بلوگگېرلار چايخانىسى]ئۇيغۇربەگدىن ھەر قايسى بلوگگېرلارغا ساۋاق ۋە نەسىھەت (1)»دە ئېيتقاندەك بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈردۈق، تالاپەت ھەقىقەتەن ئېغىر بولدى. يەنە بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىقتىن ئامان قېلىش ئۈچۈن، بوشلۇق ۋە سانداننى ئالماشتۇردۇق. بۇ يازمىمىزدا بۇ قېتىملىق ئاپەتتىن كېيىن كەمىنىنىڭ يەكۈنلەپ چىقارغان ئۈچ مۇھىم نۇقتىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ھەر قايسى بلوگگېرلار جىددىي قۇلاق سالغايسىزلەر!

asdasdsad

شۇنداق قىلىپ، بىر ئايغا يېقىن سۇزۇلغان قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ يازمىلىرى 90% ئەسلىگە كەلدى، بىر يىللىق ئىنكاسلار، بەتلەر بولسا بۇ قېتىملىق «تەبىئىي ئاپەت»تە «قازا قىلىش»تى. كونىلار توغرا ئېيتقان، «تۇرغان جايىڭدىن دەس تۇر»، دەس تۇردۇم، ھەمدە بۇ قېتىملىق ئىشتىن بىر خۇلاسە چىقىرىپ، ھەرقايسى كونا-يېڭى بلوگگېرلارغا بىر قېتىملىق مۇھىم دەرس «ئۇيغۇربەگدىن ھەر قايسى بلوگگېرلارغا ساۋاق ۋە نەسىھەت»نى يېزىپ چىقتىم. بلوگگېرلارنىڭ بۇ دەرسكە سەل قارىماسلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئۆتۈنىمەن!…