ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. بەلكىم دىققەت قىلغان بولساڭلار كېرەك، ئۇيغۇربەگ بلوگىنىڭ تور ئادرېسى يېقىندىن بۇيان «www.uyghur.blog»غا ئالماشتى. بۇ تور نامىنىڭ قولۇمغا چۈشۈشىدە، جەريانى ئىنتايىن ئاددى، ئەمما ماڭا نىسبەتەن مەنىسى تولىمۇ چوڭقۇر بولغان بىر ھېكايە بار بولۇپ، بۈگۈنكى يازمامدا مەن مۇشۇ تور نامىنىڭ قولۇمغا چۈشۈش جەريانىنى ئاددىيلا ھالدا بايان قىلىپ ئۆتكۈسىمەن.

ئالدىنقى يازمىمىز «‎بلوگگېرلار ئۈچۈن يېڭى تورنامى .BLOG تىزىملىتىشقا ئېچىۋېتىلدى» ئېيتىلغاندەك، بلوگگېرلارغا تولىمۇ ماس كېلىدىغان بۇ تور نامى ھازىر تىزىملىتىشقا ئېچىۋېتىلدى. ئەلۋەتتە، ھېلىھەم بلوگ ئىشقىدا كۈيۈۋاتقان پىشقەدەم بلوگگېر بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، بۇ تور نامىنى كەڭ ئۇيغۇر بلوگگېرلىرىغا تەشۋىق قىلىشنى ئۆزەمنىڭ بۇرچى دەپ ھېسابلاپ، بۇ يازمىنى تەييارلاپ ئولتۇرۇپتىمەن، بۈگۈن بۇ تورنامىنى ئىشلىتىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى ھەققىدە توختىلىمىز ئەلۋەتتە. قىزىققان بولساڭلار، قېنى يازمىغا مەرھەمەت…

domains

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ئالدى بىلەن 12 ئاينىڭ سۇلتانى بولغان رامىزان ئېيىڭلارنى ئىچىمدىن مۇبارەكلەيمەن ھەمدە تۇتقان روزاڭلار، قىلغان ئىبادىتىڭلارغا مىڭ ھەسسە ساۋاب يېزىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۈگۈنكى يازمىمىزدا مەن تورنامى  ۋە تورنامى تاللاش جەھەتتىكى ئويلىغانلىرىمنى تورداشلار بىلەن ھەمبەھىرلەپ ئۆتىمەن. تورداشلارنىڭ ئويلىغانلىرىنى مەزكۇر يازمىغا يانداش قالدۇرۇپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

design-730x280

بلوگ ئارقىلىق تونۇشۇپ، ئاغىنە بولۇپ ئۆتكەن پرېستاننىڭ تۇيۇقسىز ھالدا «پۈتۈنلەي قول ئۈزدۈم» دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ، ھەيرانلىقىمنى يۇشۇرالماي «نېمىدىن» دەپ سورىدىم، «بلوگدىن» دېگەن جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھەم ھەيران بولدۇم. ئۇزۇن مەزگىل بلوگ ئارقىلىق تونۇشقان دوست – يارەنلەرنىڭ بۇ سەپدىن بىر – بىرلەپ چۈشۈپ قالغانلىقىغا شاھىد بولغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ گەپكە ھەم ھەيران بولمىدىم. ئەمدى، قاتىل پرېستانمۇ بۇ سەپتىن چىكىنگەن بولسا، ئەمدى ئىچىمدىن چىقىرىپ تۇرۇپ شۇنى بەھۇزۇر جاكارلىيالايمەنكى، ئۇيغۇرلاردا بلوگ ئۆلدى!

ئالدىنقى ۋاقىتلاردا blog.prestan.net نامىدا بلوگ يېزىپ يۈرگەن، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تور نامىنى prestan.net/blog قا يۆتكەش زۆرۈر بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ بۈگۈن قالاپ ئولتۇرۇپ PR=2 بولغان تور نامىنى تاشلاپ قويۇپ prestan.net تور نامىنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلدىم. ئەلۋىدا blog.prestan.net ، سېنى مەڭگۈ ئەسلەيمەن! سالام يېڭى تور نام، يېڭى بلوگ…. ئەمدى دوستلار بىلەن تور نامىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىمنى بۇ يەردە ئورتاقلىشىپ قويسام.