WordPressنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆزى تەمىنلىگەن بىر قىسىم فۇنكىسىيەلەر ئارقىلىق بېكەت سانلىق مەلۇماتلىرى، مەسىلەن: ئومۇمىي يازما سانى، باھا سانى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سىتاتسىكىلاشقا بولىدۇ. گەرچە بىر قىسىم قىستۇرمىلار ئارقىلىقمۇ ئوخشاش مەقسەتكە يەتكىلى بولسىمۇ، بىراق قىستۇرمىلارنىڭ كۆپىيىشى، پۈتكۈل WordPress نىڭ سۈرئىتىگە ئازدۇر كۆپتۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ، شۇڭا بەزىدە يەنىلا تەييار كود ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىمىز.ئەلۋەتتە بېكەت سىتاتسىكا ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق بلوگىڭىزدىكى يېڭى ئوقۇرمەنلەرنى بلوگىڭىز ھەققىدە قىسقىچە ئارخىپقا ئىگە قىلغىلى ۋە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئۆتىگىلىمۇ بولىدۇ.