csgo

قاچاندىن كومپىيۇتېر دېگەن ئوقەتكە يېقىن كەلدىم، مۇشۇ «نىمجان»(半条命) ئويۇنىنى ئويناپلا كەپتىمەن، تولۇقسىزدىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە ساۋاقداشلارنى، بۇرادەرلەرنى توپلاپ كېلىپ ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ قاتتىق تۇتۇشۇپتىكەنمەن، گەرچە ھازىر بۇرۇنقىدەك ئەسەبىي ئاشىق بولمىساممۇ.  ئالىي مەكتەپكە كېلىپ بەزىدە كومپىيۇتېر ئالدىدا ھېچ قىلغۇم كەلمەي ھەمدە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدىن قوپالماي كەتكەن بىر قىسىم چاغلىرىمدا مەزكۇر ئويۇننىڭ cs 1.6 نەشىرىنى ئازراق ئويناپ كاللامنى ئارام ئالدۇرۇپتىمەن. بۈگۈن قارىسام مەزكۇر ئويۇننىڭ يېڭى بۆلۈمى «تېررورلۇققا قارشى تۇرغۇچى ئەزىمەتلەر: دۇنيا مىقياسىلىق تۇتۇشۇش»(反恐精英: 全球攻势)نىڭ ئېلانى يوللىنىپتۇ، قارىغاندا مەزكۇر ئويۇننىڭ يېڭى بۆلۈمى چىقىدىغان ئوخشايدۇ، ئېلانىنى كۆرۈپ باققاچ بۇرۇن مەزكۇر ئويۇننى ئوينايدىغانلار ئازراق ئەسلىمە بەرمەمسىلەر؟ سىلەر ئوينىغانمۇ، قانداق ئوينىغان؟…

بىر مېنۇت ئىچىدە زادى نىمىلەرنى قىلغىلى بولىدۇ؟بەلكىم،بۇ بىر مېنۇت ئىچىدە كومپىيۇتېرنى ئاران تولۇق قوزغىتىپ بولغىلى بولار؛بەلكىم مىكروبلوگىمىزدا بىرتال ئۇچۇر يوللاشقا ئاران يېتەر.ئەمما،بىر مېنۇتلا ھاياتى بار بىر چىۋىن ئۈچۈن بولسا،بۇ-ئالدىراشچىلىققا تولغان بىر مەنىلىك ھايات.
مەزكۇر قىسقا فىلىم گېرمانىيەلىك Michael Reichertنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ،جانلىق ئۇسۇلدا بىرتال چىۋىننىڭ تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكەن بىرمېنۇتلۇق ھاياتىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىدۇ.قېنى،دىققىتىڭىز مەزكۇر فىلىمدە بولسۇن.

بالىلىق ۋاقىتنى ئەسلىسەملا،ئەينى چاغ يالغان تاپانچىنى ئېلىۋېلىپ،ئوغرى-ساقچى ئويۇنى قىززىتقىنىم؛مەھەللىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا كىرىۋېلىپ مۆكۈشمەك ئوينىغانلىرىم؛قۇشقاچ بالىسى تۇتىمەن دەپ قىرىق گەز ئىگىزلىكتىكى تېرەكلەرگە چىقىۋېلىپ،چاڭگا بۇزغىنىم؛كۆرۈپ قانمايدىغان ‹‹شىر پادىشاھ›› قاتارلىقلار ئېسىمدىن قەتئىي چىقمايدۇ.تور ئارىلاۋېتىپ،تەسەۋۋۇرغا باي چەتئەللىك كىچىك دوستلارنىڭ قىززىقچىلىقىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ،ئىختيارسىز بالىلىقىمنى ئەسلەپ قالدىم.قېنى،سىزمۇ بۇلارنىڭ قىززىقچىلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ،سىزمۇ مۇشۇنداق تەسەۋۋۇرلارغا باي كەلگەنمىتىڭىز…. :lol: