treehous

ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش دېگەن شۇئار ھەممىلا يەرگە يېيىلىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا ئېنتېرنېتنىڭ ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھەر يەردە ئۆگىنىش شۇئارىمۇ قوزغۇلۇپ ھەمدە مۇھىتلار ھازىرلىنىپ، خالىغان ۋاقىتتا ۋە خالىغان ۋاقىتتا ئۆگىنىشدەك قولاي شارائىتلار تەييارلاندى، قىسقىسى مەنمۇ ئۆزلۈكىمدىن iOS ئۆگىنىشنى باشلىۋەتكەن(ماۋۇ يېڭىلىق ھەققىدە پات يېقىندا يوللىنىدىغان «ئۇيغۇربەگنىڭ iOS پروگراممېرلىقى چۈشى» ناملىق يازمىدا تەپسىلىي توختالغۇسىمەن) ۋاقتىمدىن بىرى، بۇ تور بېكەتلەردىن ئىنتايىن ياخشى پايدىلاندىم. نۆۋەتتە، مەن ئۆزۈم ياخشى دەپ قارىغان بىر قانچە تور دەرسخانىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

dsc_0308_christmasy-christmas-11-cinema-smiles-alot

ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر زامانلاردا تۇرايىمىزنىڭ قازناقلىرىدا ئىنكاس يازغاندا چىراي ئىپادىسى قوشۇشنىڭ بىر قانچە تەدبىرلىرىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق، زامانلار ئۆتتى، WordPressنىڭ 3.0 نەشىرى ئېلان قىلىنغانلىقىغىمۇ مانچە يىل بولدى. بۈگۈن ئولتۇرۇۋېلىپ پرېستاننىڭ ئۆز ئۇسلۇبىدا، تارقاتقان ئۇسلۇبىدا، شۇنداقلا بلوگىمىز ۋە ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى ئىنكاس ئورنىدا ئىشلىتىلگەن «Wordpressدە ئىنكاس يازغاندا چىراي ئىپادىسى قوشۇشنىڭ غەيرىي رەسىمىي تەدبىرى»نى ئورتاقلىشىپ ئۆتۈش قارارىغا كېلىپ قالدىم، بىلمىدىم، يەنە قانچىلىغان بلوگگېر بۇ تەدبىرنى سىناش ئۈچۈن بلوگلىرىنىڭ ئۆپكىلىرىنى چۇۋۇپ تاشلايدىكىن، شۇنداق قىلىشقا جۈرئىتى بارمىكىن…

WordPressنى يېڭى ئۆگەنگەنلەر ئۈچۈن سونۇلغان سوۋغا-‹‹WordPress ھاياتىنى باشلاش›› يۈرۈشلۈك دەرسلىكنىڭ داۋامى ‹‹Wordpressگە ئۇسلۇب قاچىلاش دەرسلىگى›› ئاخىرى پۈتتى،دىققىتىڭىز بۇ قېتىملىق دەرسىمىزدە بولسۇن!

2010-12-06T09:54:12Z2010-12-06T09:54:12Z

ئالدىنقى قېتىم،«WordPress نى تونۇش» ناملىق يازمىمىز يوللانغاندىن كېيىن،ئاز بولمىغان ئىنكاس ۋە قوللاشغا ئېرىشكەنىدۇق.بۈگۈن،«WordPress ھاياتىنى باشلاش»يۈرۈشلۈك دەرسلىكنىڭ ئۈچۈنچى قىسمى بولمىش «WordPress ئارقا سۇپىسىنى تونۇش»نى سىنغا ئېلىپ،كەڭ ھەۋەسكار دوستلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييار قىلدۇق،كىيىنكى مەزگىللەردە مەزكۇر سېستىمىنىڭ باشقا بىرقىسىم ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.دىققىتىڭىز مەزكۇر دەرسلىكدە بولسۇن.