«ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» گۇرۇپپىسى قۇرۇش ھەققىدىكى خام-خىيالىم…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، سەرگەردان ئوقۇش ھاياتىم باشلانغاندىن بىرى تۇرمۇش ۋە ئوقۇش تىرىكچىلىكىدە بلوگىمنى يېڭىلاپ بولالمىدىم، شۇنداقتىمۇ بلوگنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشىمنى تاشلاپ قويغىنىم يوق. مۇشۇ ئويلىنىشلىرىم ئىچىدە مۇھىمراق ئورۇن تۇتقىنى «ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» دېگەن خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىسى قۇرۇش خىيالى بولدى. قىزىقىدىغانلار كىرىپ مېنىڭ بۇ خام-خىيالىمنى ئاڭلاپ باققايسىزلەر…

csgo

قاچاندىن كومپىيۇتېر دېگەن ئوقەتكە يېقىن كەلدىم، مۇشۇ «نىمجان»(半条命) ئويۇنىنى ئويناپلا كەپتىمەن، تولۇقسىزدىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە ساۋاقداشلارنى، بۇرادەرلەرنى توپلاپ كېلىپ ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ قاتتىق تۇتۇشۇپتىكەنمەن، گەرچە ھازىر بۇرۇنقىدەك ئەسەبىي ئاشىق بولمىساممۇ.  ئالىي مەكتەپكە كېلىپ بەزىدە كومپىيۇتېر ئالدىدا ھېچ قىلغۇم كەلمەي ھەمدە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدىن قوپالماي كەتكەن بىر قىسىم چاغلىرىمدا مەزكۇر ئويۇننىڭ cs 1.6 نەشىرىنى ئازراق ئويناپ كاللامنى ئارام ئالدۇرۇپتىمەن. بۈگۈن قارىسام مەزكۇر ئويۇننىڭ يېڭى بۆلۈمى «تېررورلۇققا قارشى تۇرغۇچى ئەزىمەتلەر: دۇنيا مىقياسىلىق تۇتۇشۇش»(反恐精英: 全球攻势)نىڭ ئېلانى يوللىنىپتۇ، قارىغاندا مەزكۇر ئويۇننىڭ يېڭى بۆلۈمى چىقىدىغان ئوخشايدۇ، ئېلانىنى كۆرۈپ باققاچ بۇرۇن مەزكۇر ئويۇننى ئوينايدىغانلار ئازراق ئەسلىمە بەرمەمسىلەر؟ سىلەر ئوينىغانمۇ، قانداق ئوينىغان؟…

begkepe

فىلىم كۆرۈۋېتىپ، خاتىرە قالدۇرۇپ قويىدىغان ئادىتىم بار ئىدى، ئەمما نېمە بولدۇم، ئۇزاق زاماندىن بىرى كىنو كۆرسەم ھاپىلا-شاپىلا ئۇخلايدىغان بولۇپ قالدىم، ئەمما يېقىندا نېمە بولدىكىن، تاشقى پىلانىت ھەققىدىكى فىلىملەرنى كۆرسەم ئاجايىپ ھاياجان ئىچىدە گۇمان بىلەن كۈزۈتۈپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدىمغۇ تاڭ. ئالدىنقى ھەپتە «ئامېرىكا مەدەنىيىتى ۋە تارىخى» دېگەن دەرسىمىزدە ئامېرىكىلىق ئوقۇتقۇچۇم مارك ئامېرىكا يەرلىك خەلقلىرى(ئىندىيانلار دەپ ئىشلىتىمىز بىز)نى ئەينى چاغدىكى كۆچمەنلەرنىڭ قاتتىق قىرىۋەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى، بۇ ئىش كاللامغا بەك تەسىر قىلىپ كەتتىمۇ تاڭ، بىر ھەپتىدىن بۇيان ئامېرىكىدى ئەينى چاغ يەرلىك خەلق بىلەن كۆچمەنلەرنىڭ كۈرەشلىرىنى بايان قىلىدىغان ئەسەرلەرنى ئىزدەپ تۇرۇپ كۆرىدىغان بولدۇم.

سىز Youku.com دىكى مەلۇم بىر فىلىمنى بلوگىڭىزدىكى(WordPress تا قۇرغان بلوگ) يازمىڭىزغا قىستۇرماقچى بولسىڭىز، مەزكۇر فىلىمنىڭ HTML كودىنى كۆچۈرۈپ، چاپلاپ ئاۋارە بولىسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە يازمىغا 5~6 قۇر كود ئارلىشىۋېلىپ سۈپەتكە تەسىر يېتىدۇ. ئۇنداقتا بىز ئاسان بولغان بىر ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇ قىينچىلىقتىن قۇتىلالايمىز.

كىچىگىمىزدىن بىزگە تونۇش بولۇپ كەتكەن داۋىنچى بوۋاينىڭ «موننالىزا»قاتارلىق رەسىملىرىنى قايتا-قايتا كۆرۈۋەرسە كىشىگە ھىچقانداق تۇيغۇ بەرمەيدىكەن.ناۋادا…ناۋادا شۇ رەسىملەر 3D بولۇپ قالسىچۇ،ئەھۋال قانداق بولار؟…مانا كارامەت،ئەسلىي بۇ رەسىملەردە بىرپاتمان مەخپىيەتلىكلەر يۇشۇرۇنغان ئىكەن ئەمەسمۇ؟

بىر مېنۇت ئىچىدە زادى نىمىلەرنى قىلغىلى بولىدۇ؟بەلكىم،بۇ بىر مېنۇت ئىچىدە كومپىيۇتېرنى ئاران تولۇق قوزغىتىپ بولغىلى بولار؛بەلكىم مىكروبلوگىمىزدا بىرتال ئۇچۇر يوللاشقا ئاران يېتەر.ئەمما،بىر مېنۇتلا ھاياتى بار بىر چىۋىن ئۈچۈن بولسا،بۇ-ئالدىراشچىلىققا تولغان بىر مەنىلىك ھايات.
مەزكۇر قىسقا فىلىم گېرمانىيەلىك Michael Reichertنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ،جانلىق ئۇسۇلدا بىرتال چىۋىننىڭ تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكەن بىرمېنۇتلۇق ھاياتىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىدۇ.قېنى،دىققىتىڭىز مەزكۇر فىلىمدە بولسۇن.

previously-24

ئامېرىكا تېلىۋېزىيە تىياتىرى <<تېررورلۇققا قارشى  24 سائەتتە>>نى مەن ئەڭ ياخشى كۆرگەن تېلىۋىيە تىياتىرى دېسىمۇ بولىدۇ.گەرچە دوستلىرىمنىڭ تەكلىپى بىلەن <<كۇردلار ۋادىسى>>،<<تۈرمىدىن قېچىش>>قاتارلىق بىرقانچە تېلىۋىيە تىياتىرلىرىنى كۆرگەن بولساممۇ، بۇ تىياتىرلاردىكى بىرئاز سۈنئىيلىك مېنى تازىمۇ جەلىب قىلالمىغان ئىدى. ئەمما ئامېرىكا تېلىۋېزىيە تىياتىرى <<تېررورلۇققا قارشى  24 سائەتتە>> بولسا، چىنلىقنىڭ بىر قەدەر ئۇيغۇن بۇلىشى، ۋەقەلىكلىرىنىڭ تولىمۇ قىزىقارلىق ھەمدە جىددىي تۈس بېرىشى، شۇنداقلا ھېكايىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن شۇنداق باغلىنىشلىق بۇلىشى بىلەن مېنى ئۆزىگە تولىمۇ جەلىپ قىلدى.

بۇ تىياتىر جەمئىي 8 بۆلۈم بولۇپ، بىر بۆلۈم 24 قىسىم، ھەر بىر قىسمى ئاشۇ بىر كۈندىكى مەلۇم بىر سائەتتە بولۇۋاتقان ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلىدۇ. توردىن شۇنچە ئۇزۇن ئاقتۇرۇپ، بۇ تىياتىرنىڭ BT ئۇرۇقىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ئاخىرى تېپىپ قويدۇم، جەمئىي  31.25G كېلىدىكەن، مۇشۇنداق فىلىملەرگە ئامراق ئىنقىلابىي يولداشلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ چۈشۈرۈۋېلىشىنى سورايمەن!

ھۆججەت نامى:反恐24小时 1-8季全

ھۆججەت سىغىمى: 31.25G

يۈك مەنزىلى:بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ

[چاقماق(迅雷)نى ئىشلىتىپ چۈشۈرۈڭ]

◎تۇرايىمىزدىكى يۇمتاللارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىلغان،سودا خاراكتىرىدە پايدىلىنىش مەنئىي قىلىنىدۇ.

 ◎نەشىر ھوقۇقۇمغا دەغلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز،شۇ ھامان ئىنكاس قىلىڭ،24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرىمىز.