ئوقۇش ۋە تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئۇزاق بوپتىكەن ئۇسلۇب بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغىلى. ھازىر ھەممە ئىشنى تېلىفوندىلا پۈتتۈرگىلى بولىدىغان بۇ مەزگىلدە كود يازغىلى كومپىيۇر ئالدىغا كەلمىسە، باشقا چاغدا دۈمچىيىپ ئولتۇرۇپ بىر ئىش قىلغىسىمۇ كەلمەيدىكەن. تۆنۈگۈن داڭلىق ئۇسلۇب بازىرى «پۇستانى»(ئېلان بولۇپ قالمىسۇن ئىسمىنى دېمەي)دىن ھازىرقى ئۇسلۇبنى ئۇچرىتىپ قېلىپ شۇ ھامانلا ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇشنىڭ كويىغا چۈشتۈم.


ھەمىشە تەكشىلىكتە لايىھىلەش ئېلىپ بارىدىغان دوستلار بىلىسىلەر، گاھىدا بىر گۈزەل بولغان خەت نۇسخىسى سىز لايىھىلىگەن رەسىمنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ. سىستېما ئۆزى تەمىنلىگەن خەت نۇسخىسى ئىنتايىن ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكلا ئاددى. ئەگەردە سىز دە چىرايلىق خەت نۇسخىسى يوق بولۇپ بېشىڭىز قېتىۋاتقان بولسا، webdesignledger.com تورى لايىھىلىگەن 20 خىل ھەقسىز خەت نۇسخىسى چۈشۈرۈۋېلىڭ.