1330488969

ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىز «WordPress نىڭ Embed ئىقتىدارى ئارقىلىق Youku دىكى فىلىملارنى يازمىغا قىستۇرۇش»دىن بىر قىسىم بلوگلاردا مەسىلە يۈز بەرگەن، يەنە بىر قىسىم بلوگلار بولسا مۇۋاپپىقىيەت قازىنىپ، يوۋكۇدىكى فىلىملەرنى ناھايىتى قولايلىق ھالدا قىستۇرىدىغان قىلالىغان. ئالدى بىلەن ئوتۇق قازانغان بلوگگېرلارنى مۇبارەكلەيمىزكى، ئاندىن مەغلۇب بولغان بلوگگېرلارنىڭ ئۈمىدسىزلەنمەي، ئېدىسوننىڭ لامپۇچكا كەشىپ قىلىش ھېكايىسىدىن ئىلھام ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاخىرىدا، بۈگۈن بىز يەنە بىر تېخنىكا، يەنى بلوگ ئاپتورىنىڭ Gravatarباش سۆرىتىنى بلوگنىڭ Favicon سۆرىتى قىلىپ بەلگىلەش تەدبىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز. ئەمىسە دەرسخانىغا مەرھەمەت!…

2011-11-02T13:25:33Z2011-11-02T13:25:33Z

gravatar

WordPressدە بلوگ يازىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بلوگلىرىدا ئۆزىگە خاس باش سۆرىتىنى كۆرسۈتۈش مودىغا ئايلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، تۇرايىمىزدا بىۋاستە ئىنكاس يېزىپ ئۆزىگە خاس باش سۆرەتنى قانداق ياسايدىغانلىق ھەققىدىكى سۇئاللار ئاۋۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا تەدبىركار بلوگىدا مەزكۇر مەسىلىگە ئائىت بىر دوكتۇرلۇق دېسسىرتاتسىيىسى تاماملانغان بولۇپ، بۈگۈن تۇرايىمىزدا ئاشۇ دېسسىرتاتسىيىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

تۇرايىمىزنىڭ نەشىرى WordPress 3.01گە يۇقىرىلىتىلغاندىن كىيىن،تىمىلارغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆزدىن كەچۈرۈۋېتىپ،باشقۇرغۇچى ھالىتىدە قايتۇرۇلغان ئىنكاسلاردىكى Gravatar  باش سۆرىتىمىز(پرېستان بىلەن مېنىڭ)نىڭ ‹‹جىندەك››غايىب بولغانلىقىنى بايقاپ ئەرۋاھىم مىڭ گەز ئۆرلىدى،خۇداغا شۈكرى،ھېلىمۇ مېنىڭ ئالدىمدىمۇ بىرسى مۇشۇ مەسىلىگە يولۇقۇپ ھەل قىلىپ بوپتىكەن،بولمىسا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىمەن دەپ يەنە قانچە تال چېچىم چۈشۈپ،پاينەكباشلىققا بىرنەچچە قەدەم يېقىنلىشار بولغۇيتۇم!…

RCWAVATAR

قايسى كۈنى،تازا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان چېغىمدا، نەسىرىدىن ئەپەندىم ئاتايىن ئېشىكىنى مېنىپ مېنى ئىزدەپ كېلىپ ‹‹ئۇسلۇب ئالماشتۇرغان››لىقىمنى تەبرىكلىگەچ،ئاۋۇ بەت يېنىدىكى باش سۆرەتلىك ئىنكاس ئۈنۈمىنى قانداق ھاسىل قىلغانلىقىمنى سوراپ كەتكەنىدى،مەن ئەپەندىمگە ئالدىراشچىلىقىمنى چۈشەندۈرۈپ بۇ ‹‹رېتسىپ››نى كىيىنچە دەپ بىرىشىمنى سوراپ ئىشىمنى قىلىۋىرىپتىمەن،نەدىن بىلەي،ئەپەندى شۇ بىر يامانلاپ كەتكەنچە قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى،شۇنداق بىر كىشىنى يامانلىتىپ قويغانلىقىمغا ئىچىم پۇشۇپ،ئاخىرى بۇ رېتسىپلارنى تۇرايىمدا ئاشكارا ئېلان قىلىشنى قارار قىلدىم،نەسىرىدىن ئەپەندى بۇنى كۆرسە ئاچچىقى يېنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.