بلوگىمنى wordpress 3.5.1 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسغا يېڭىلىغاندىن كېيىن «ئۇلانما باشقۇرغۇچ» نىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، wordpress نىڭ ئۇيغۇرچە ئورگان تورىغا قاراپ باقسا، بۇ قېتىمقى نەشرىدە «ئۇلانما باشقۇرغۇچ» نىڭ چىقىرىپ تاشلانغانلىقى ئېيتىلىپتۇ، ئۇنداقتا دوستانە ئۇلىنىشنى قانداق قاتىمىز؟ بۇنىڭ ئىشىمۇ ئاسان ئىكەن، ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن «Link Manager» قىستۇرمىنى (ئاپتورى: wordpress) قاچىلاش ئارقىلىق ئۇلىنىش قۇشۇش مەقسىتىمىزگە يېتەلەيدىكەنمىز. باشقۇرۇش تاختىسىدىن (بۇرۇن باشقۇرۇش بېتى دەيدىغان، ھازىر باشقۇرۇش تاختىسى دەيدىكەنمىز ) قىستۇرمىنى ئىزدەپ قاچىلاپ قويساقلا ئىش تامام.

image

بۇ قېتىم، بىز قوش ئىستونلۇق سەھىپە ھاسىل قىلىش ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بىرىپ ئۆتەيلى، ئۈنۈمىنى تۇرايىمىزنىڭ يان بۆلىكىدىكى سەھىپىلەر قاتارىدىن كۆرۈۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ياخشى يىرى شۇكى، بۇ تېخنىكىغا ھىچقانداق كۈچ كەتمەيدۇ، پەقەت …. ئىنكاس يېزىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.ئەمىسە يازمىنىڭ داۋامىغا مەرھەمەت!

تۇرايىمىزنىڭ يان بۆلىكىدىكى ‹‹ئىتتىپاقداشلار›› ۋە ‹‹دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلار›› تۈرىنى، يەنى مۇشۇ ئۇلىنىش قىسمىدىكى قوش ئىستونلۇق ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىشنى ئويلاۋاتقانلار ئۈچۈن، مەزكۇر رېتسىپنى ئاتايىن تەييارلىدىم. لازىم بولغانلار جىددىي كۆرۈپ چىققايسىزلەر…