9E703E52940AEE4830F68FF9713CB68A
يېقىندىن بۇيان word ئىشلىتىپ مۇنداق بىر مەسىلىگە يۇلۇقتۇم، مىسال ئېلىپ بۇ مەسىلىنى تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرەي. word تا يېڭى ھۆججەت قۇرغاندىن كېيىن 1-قۇرغا ماۋزۇ يازدىم، ئاستىغا بولسا مەزمۇن يازدىم. ئەلۋەتتە ماۋزۇ ئوتتۇرغا توغرىلىنىشى كېرەك. ئەمما ماۋزۇنى ئوتتۇرغا توغرىلىسام ئاستىدىكى مەزمۇنمۇ توغرىلىنىپ كەتتى. ماۋزۇنى قارا خەت قىلسام، مەزمۇنمۇ قارا خەت بولۇپ قالدى. ئىشقىلىپ قانداقلا قىلماي ئوڭشىيالمىدىم. قىززىق يېرى باشقىلارنىڭ كومپىيۇتېرىدا ئۇرۇپ تەييار قىلىنغان word ھۆججىتىنى بولسا قانداق تەھرىرلىسەم شۇنداق ئۆزگەردى، ئاچچىقىمدا تاسلا قالدىم word نى قايتا قاچىلىغىلى. توردىن ئىزدىنىپ باقاي دەپ ئىزدىسەم بۇنىڭمۇ جاۋابى چىقىپ قالدى. ئوڭشاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

image

ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىزدا بىز eot ئادرىسىنى ئۆزگەرتىش قورالى ئارقىلىق eot ھۆججىتى ھاسىل قىلىشنى ئۆگەنگەن ئىدۇق، بۇ قېتىم بولسا مەخسۇس Microsoft Weft ئارقىلىق eot ھۆججىتى ياساشنى ئۆگىنىمىز. ھە ساۋاقداشلار، ئەمدى تەنەپپۇس تۈگىدى، دەرھال سىنىپقا كىرىپ، شۈك ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاڭلار، ھە راست، دەرسلىكنى مەن سۆزلىمىدىم، توردىن ئۇچراپ قالدى، يامان ئەمەس سۆزلەپتۇ، كىم بىلىدۇ، مۇشۇ يەردە بلوگ ئويناۋاتقانلارنىڭ بىرىمۇ تېخى…

1 يىلنىڭ ئالدىدىكى بۈگۈنكى كۈندە بىز بىرلىكتە IE6 نى ئۆلتۈرگەن ئىدۇق، بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا مىكروسوفت «مىكروسوفت IE6 تەتۈر ساناش تور بېتى» نى ئېلان قىلدى.