PHPSay دەپ غەلۋە قىلىۋاتاتتىڭلار،ماقۇل ئەمىسە دەپ ئاتايىن ۋاقىت چىقىرىپ،تەرجىمە قىلىپ تارقىتىپ قويساق،شۇ پېتى يوقاپ كەتتىڭلار(توقماق بىلەن ئۇرغان چىراپ ئىپادىسى).ئۇنىڭ ئۈستىگە،مىكروبلوگ يازدىم دېگەن بىلەن،كۆرىدىغان ئادەم بولمىسا،ئانچە-مۇنچە ئىنكاس چۈشمىسە ئادەمنىڭ يازغۇسى كەلمەيدىكەن(قىزىرىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)،PHPSayنىڭ ئەگىشىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ،ھەرقايسىمىزنىڭ مىكروبلوگىدىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەر تېپىپ تۇرساق،بولسا ئىنكاس يوللاپ قويساق دېگەن نىيەتتە بۇ يازمامنى يوللاپ تۇرۇپتىمەن.

ئالدىنقى قېتىم،تۇرايىمىزدا «PHPSay مىكروبلوگ سېستىمىسى بىلەن ئېتىشىپ كۆرگۈلۇق!…»ناملىق يازما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن،نۇرغۇن تورداشلار بۇ سېستىمىغا بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلەپ ئۆتۈپ،بولسا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تارقىتىش تەكلىبىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە،يېقىندىن بىرى WordPressدە بلوگ ئېچىۋاتقان بلوگگېر دوستلار مەزكۇر سېستىمىغا يانداشتۇرۇپ،بىر مىكروبلوگ ئېچىش ئويىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلىشقانىدى.ئاخىرى نۇرقۇت تورىدىكى نۇرقۇت ئەپەندىم بىلەن بۇ سېستىمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تەييار قىلدۇق.ئەمىسە،دىققىتىڭىز مەزكۇر يازمىدا بولسۇن.

ئالدىنقى بىرھەپتە مۇقەددەم،نۇرقۇت مۇنبىرىدە مىكروبلوگ بىرمەزگىللىك ئاۋات پاراڭ تېمىسى بولغاندىن كىيىن،بۇ سېھىرلىك مەخلۇقاتقا بولغان بولغان قىزىقىشىم يۈزگەز ئېشىپ،شۇ ھامانلا ئىنقىلابىي يولداشلار تەرىپىدىن مودىغا ئايلىنىپ،بىرمەزگىل جۇڭگو تورىنى قاپلىغان بۇ دولقۇننىڭ كىچىككىنە شامىلىغا ئەگىشىش نىيىتىگە كېلىپ،بۇ ھەقتىكى ئېكىسپىدىتسىيەمنى باشلىۋەتتىم.